گېرمانىيدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىنى بىرگە ئۆتكۈزدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى

گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، 12 ئاينىڭ سۇلتانى ھېسابلانغان مۇبارەك رامزان ئېيىنى تاماملاپ بۈگۈن روزى ھېيتنى ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە كۈتۈۋالدى.

گېرمانىيدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 90 پىرسەنتىگە يېقىنراقى قەدىمىي شەھەر ميۇنخېندا ياشاپ كەلمەكتە ۋە 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ھېيت نامازلىرىنى بىرگە ئۆتكۈزۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

بۈگۈن ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى ” ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ” تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى خىزمەت بىناسىغا جەم بولۇپ، ياش دىنىي زاتلىرىمىزدىن مەمتىمىن قارىمىنىڭ ئىماملىقىدا روزى ھېيت نامىزىنى بىرگە ئۆتكۈزدى.

گېرمانىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7:30 دا باشلانغان ھېيت نامىزىغا، ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىز قاتناشتى.

ئىمام مەمتىمىن قارىم نامازنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە بەرگەن خۇتبىسىدە ۋە قىلغان دۇئاسىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى، خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ روھىغا ئاتاپ فاتىھە ئوقۇدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە جانابى ئاللادىن بەخت – سائادەت تىلىدى.

نامازدىن كېيىن قېرىنداشلىرىمىز بىر – بىرى بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ، ئۆزئارا ھېيتلىرىنى مۇبارەكلەشتى، ئارقىدىن بارلىق قېرىنداشلىرىمىز د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلىۋاتقان نۇر رېستورانىغا يىغىلىپ كوللېكتىپ ھېيتلاش ئېلىپ باردى ۋە بىر – بىرىگە بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى ئىپادىلەشتى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىم ۋە باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر ھېيت نامىزىغا كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىمنىڭ سالىمىنى ۋە ھېيتلىق تەبرىكىنى يەتكۈزۈشتى.