پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روزى ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن !

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز يۇرتداشلار،

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روزا ھېيتىنى مۇبارەكلەيمىز ۋە خەلقىمىزگە جانابى ئاللادىن ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، ئامانلىق، بەخت – سائادەت تىلەيمىز !

مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزگە بولغان ئالىي ھۆرمىتىمىزنى ۋە چەكسىز سېغىنىشىمىزنى قايتا – قايتا ئىزھار قىلىمىز، ئەزىز قۇربانلىرىمىزنىڭ ئايىلە – تاۋاباتلىرىغا بەخت ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمىز !

ھەممىگە قادىر ياراتقان ئىگىمىز شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ خۇددى ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدەك بېسىم ۋە زۇلۇمدىن خالى ھالدا 12 ئاينىڭ سۇلتانى ھېسابلانغان مۇبارەك رامزان ئېيىنى پۈتۈن دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى چەكلىمىسىز ھالدا ئادا قىلىپ بەختىيارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلغاي !

ئەزىز قېرىنداشلار، بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى مۇبارەك رامزان ئېيىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بەختىيارلىق ۋە شادلىق تۇيغۇسى ئىچىدە روزى ھېيتىنى تەن – تەنە بىلەن كۈتۈۋېلىشتى.

ئەپسۇسكى، مانا مۇشۇنداق مۇبارەك ۋە ئەزىز بىر كۈندە بىز مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يۈرىكى مەيۈسلۈك، ئازاب، سېغىنىش ۋە تەلپۈنۈش تۇيغۇلىرى ئىچىدە ئۆرتەنمەكتە، بىز بۇ خىل ئازاب تۇيغۇسىنى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغان 1949 – يىلىدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە چېكىپ كېلىۋاتىمىز.

چۈنكى بىز بۇ مۇبارەك كۈندە ئاتا – ئانىمىزنىڭ تۇپراق بەشىنى زىيارەت قىلىشتىن، ھېيتىمىزنى ئۆز ۋەتىنىمىزدە، ئۆز يۇرتىمىزدا ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە دوست – يارەنلىرىمىز بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشتىن مەھرۇم قالدۇق، ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن تېلېفون ئارقىلىق بولسىمۇ ھال – ئەھۋال سوراش ھوقۇقىمىزدىن مەھرۇم قېلىۋاتىمىز !

ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز بولسا بۇ مۇبارەك ئايدا روزى تۇتۇش، تېراۋى نامىزى قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ناماز ئوقۇشتەك ئەڭ ئاددىي دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ.

بولۇپمۇ بىز، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەن ۋە خورلۇق، قۇللۇق ئىچىدە ياشاۋاتقان مىليونلىغان قىز – يىگىتلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىگە، يۇرتىغا، ئىللىق ئائىلىسىگە، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە دوست – بۇرادەرلىرىگە بولغان سېغىنىش ۋە ھەسرەت تۇيغۇسى ئىچىدە قان يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە، يۈرىكىمىز چەكسىز ئازابلىنىدۇ !

سىزلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ناھايىتى زور تراگېدىيىلەرنىڭ بىرىنى بەشىدىن ئۆتكۈزدى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان مىڭلىغان بىگۇناھ قېرىندىشىمىز خىتاي جاللاتلىرى تەرىپىدىن ياۋۇزلارچە قىرىپ تاشلاندى، ئونمىڭلىغان بىگۇناھ قېرىندىشىمىز تۇتقۇن قىلىنىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم قىلىندى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى خىتاينىڭ دۆلەت تېررورى قاپلاپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق پەريادى جاھاننى لەرزىگە سالدى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمى ھازىرمۇ ھەم ئەينەن داۋام قىلىپ كەلمەكتە !

قىسقىسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش سىياسىتى بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا زور خەۋپ ۋە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە !

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەگەر بىز ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنى، قەدىر – قىممەتلىرىمىزنى، مىللىي ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداپ قالىمىز ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئەركىن ۋە ئازاد ھالدا ھېيتىمىزنى قۇتلۇقلايمىز دەيدىكەنمىز، ئۇ ھالدا چوقۇم خەلقىمىزگە كېلىۋاتقان پۈتۈن زۇلۇم ۋە بالاسى – ئاپەتلەرنىڭ تۈپ مەنبەسى ھېسابلانغان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن ۋە بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز ۋە بۇ شەرەپلىك يولدا پۈتۈن پىداكارلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز لازىم، مانا بۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىردىن – بىر چىقىش يولىدىن ئىبارەت !

ئاخىرىدا، ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك روزى ھېيتىنى قايتا تەبرىكلەيمىز ۋە سىزلەرگە سالامەتلىك ۋە بەخت تىلەيمىز!

ھەممىڭلارنىڭ ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !

ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن :

رابىيە قادىر