رابىيە خانىم ئامېرىكا تەيۋەنلىكلەر بىرلىكىنىڭ يىللىق يىغىنىدا

2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى
د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا تەيۋەنلىكلەر بىرلىكىنىڭ 29 – نۆۋەتلىك جەنۇبى ئامېرىكا يازلىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى ئالىم سەيتوف ئەپەندىمنىڭ ھەمراھلىقىدا تېكساس شتاتىنىڭ مەركىزى ئاۋستىنغا يۈرۈپ كەتتى.

ئامېرىكىدىكى تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى ۋە تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان  ھەم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئاساسى تېما قىلىنغان بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا، رابىيە خانىمنىڭ ھاياتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئەكسەتتۈرۈلگەن ” مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى ” ناملىق فىلىم كۆرسىتىلىدۇ ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

9 – ئاينىڭ 3 – كۈنىدىن 5 – كۈنىگىچە جەمئىي 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان رابىيە خانىم، يىغىن جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىدۇ.

” مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى ” ناملىق فىلىم تەيۋەندە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، تەيۋەنلىكلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ رابىيە خانىمغا ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى زور دەرىجىدە ئاشقان ئىدى.