ئەنقەرەدە دۇنيا ۋاسكېتبول چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى باشلاشتىن بۇرۇن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى

2010 – يىلى دۇنيا چېمپىيونلۇق ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى تۈركىيىدە داۋاملاشماقتا. 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى خىتاي ۋاسكېتبول كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشۈشتىن بۇرۇن، ئەنقەرە پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئالدىدىكى ئارەنا تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا خەيرۇللاھ ئەپەندى باشچىلىقىدا 50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. خىتاي ۋاسكېتبول كوماندىسى تەنتەربىيىچىلىرى بىلەن خىتايلار ئارەنا تەنتەربىيە زالىغا كىرىشتىن بۇرۇن، قولىغا لوزۇنكا ۋە كۆكبايراقلارنى كۆتۈرۈۋالغان 50 ئەتراپىدا نامايىشچى شۇار توۋلاپ خىتايلارغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

لوزۇنكىلارغا `تەنتەربىيە قېرىنداشلىقنىڭ سىمۋولى، خىتاي نېمىنىڭ سىمۋولى؟ خىتاي، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات، ئۇ يەرنىڭ ئىسمى شىنجاڭ ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال’ دېگەن شوارلار يېزىلغان.

بۇ نامايىشنى ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نەق مەيداندا مىكرافونىمىزنى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەپەندى بىلەن نامايىشچىلارغا ئۇزاتتۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.