تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل قەيسەرىدە ئۇيغۇر ئاىلىسىنى زىيارەت قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈشتىن كېيىن قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان تۈركىستان مەھەللىسىگە كېلىپ ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەدىنىڭ ئاىلىسىنى زىيارەت قىلغان. ئابدۇللا گۈلنى 100 لىگەن ئۇيغۇرلار كۈتۈۋالغان، ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن 20 مىنۇت مۇڭداشقان.

بۇ زىيارەتتە باش مىنىستىردىن باشقا، ئېنېرگىيە مىنىستىرى تانەر يىلدىز ۋە كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بىللە بولغان. 20 مىنۇتلۇق سۆھبەت جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈلگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان كىتابنى سوغات قىلدى.

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈلنىڭ مەزكۇر زىيارىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۆي ئىگىسى ئەمرۇللاھ ئەفەندىگىل ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەرنى تېلېفوندا زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/abdulla-gul-uyghur-oyide-08302010204954.html/story_main?encoding=latin