ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئىپتار پاالىيىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن فاىرفاكىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار يىغىلىشىغا ۋىرجىنىيە، ماريلاند شتاتلىرىدا ۋە ۋاشىڭتوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

ھەر يىلى دېگۈدەك ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىپتار پاالىيىتى بۇ قېتىم ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىپتارغا قاتناشقان ياشلار، ۋەتەندە داۋالىنىشتا قىينىلىۋاتقان بىر ياشقا ئىقتىسادى ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/amerikida-aftar-08302010204935.html