د ئۇ ق ھەيئىتى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە سۆھبەتتە بولدى

2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى

2010-يىلى 8-ئاينىڭ 26 كۈنى، د ئۇ ق ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەر جان ئەپەندى ۋە د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر ئەپەندىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت بىرلىندا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قانچە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى ساەتكە يېقىن داۋام قىلغان بۇ سۆھبەت گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىغىن زالىدا ئىلىپ بېرىلدى.

يىغىن چۈشتىن كىيىن سائەت 3 ئەتراپىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا قىزغىن تونۇشتۇرۇشى بىلەن باشلاندى. ئەسقەر جان ئەپەندى د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى بايان قىلدى.

ئەسقەر جان ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئومۇمى يۈزلۈك توختىلىش بىلەن بىرگە، ئالە ھىدە قىلىپ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئەھۋاللىرى، سۆز ئەركىنلىكىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە چەكلىنىشى، غەيرەت نىياز، گۈلمىرە ئىمىن، دىلشات پەرھات، نۇرئەلى ۋە نىجات ئازاد قاتارلىق ژۇرنالىست ۋە تور باشقۇرغۇچىلارغا ئون نەچچە يىللاپ ۋە ھەتتا ئۆمۈرلۈك قاماق جازالىرى بېرىلگەنلىكى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2 پەرزەنتلىرىنىڭ ھېلىھەم ناھەق تۈرمىدە ئازاب تارتىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى ۋە دەۋا ئادەملىرىنى تېررورلۇق بىلەن ناھەق ئەيىبلەپ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى پاكىتلىق ھالدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، جۈملىدىن ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان دائىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئىلىپ بارغان خىزمەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى، ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ھەمدە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەر قېتىملىق خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەت ۋە دىئالوگلىرىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، مەسىلەن رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا يېقىندا يۈز بەرگەن غەيرەت نىياز مەسىلىسىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپلا قالماي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە بۇ خىل خىزمەتلەرنى بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىلىپ بارىدىغانلىقى تەكىتلەپ ئۆتتى.

د ئۇ ق ھەيئىتى بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولغان، 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلماقچى بولغان، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيونىنىڭ 15-نۆۋەتلىك يىغىنى مەزگىلىدە گېرمانىيىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىش مەسىلىسىدە ھەققىدە جىددىي سۆھبەتلەر ئىلىپ باردى.

بۇ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا، ئىككى تەرەپنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى ئاساسىدا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە جەنۋەدە ئېچىلماقچى بولغان ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھەققىدە پوزىتىپ سىگنال بېرىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.