خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى تۇنجى ئېتىراپى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى

ھازىرغا قەدەر خىتاي ھاكىمىيىتى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللار ھەققىدە ئىزاھات بەرگەندە، مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى بۇ ۋەقەنىڭ بىردىن – بىر جاۋابكارى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان، شۇنداقلا كۆپلىگەن يالغان دەلىل – ئىسپاتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئىچكى – تاشقى جەھەتتە رابىيە خانىمنى ۋە ئۇنۇڭ رىياسەتچىلىكىدىكى د ئۇ ق نى قارىلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى.

ئەمما دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن خىتاي ھاكىمىيىتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان بەزى ھەقىقىي ئامىللارنىمۇ ئاستا – ئاستا ئەتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

مەسىلەن، ” ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ” يېڭى سېكرېتارى جاڭ چۈن شىئەننىڭ مەنسەپكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 100 كۈنلۈكى مۇناسىۋىتى بىلەن ” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” تەرىپىدىن 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئېلان قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك بىر مۇلاھىزە ماقالىسىدە، ” 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبىنى ئانالىز قىلغىنىمىزدا، بۇ ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا،دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك سېلىش سۇيىقەستىدىن باشقا يەنە، ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى، ھەرقايسى ساھەلەر ئوتتۇرىسىدىكى، جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى، ئامما بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى 4 چوڭ پەرقنىڭ ياخشى ھەل قىلىنمىغانلىقىدىن ئىبارەت، بۇ خىل پەرق، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بەزى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى ” دەپ كۆرسىتىلدى.

ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن پەرقلەر پەقەتلا خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى پەرقتىن ئىبارەت.

خىتاي ھۆكۈمىتى، 2009 – يىلى بىڭتۇەنلىكلەر خىتاي دېھقانلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 7400 يۈەنىگە، خىتايلارنى ئاساس قىلغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 12 مىڭ 120 يۈەنگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇنىڭدىن، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادى جەھەتتە ناھايىتى زور پەرقنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا، ” نامرات ” دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە پەقەتلا جەنۇبتىكى ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق 3 ۋىلايەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ” تۆۋەن كاپالەت پۇلى” دەپ ئاتالغان ياردىمىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈۋاتقان 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان بار.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئادەتتە يىللىق كىرىمى 700 يۈەندىن تۆۋەن بولغان ئائىلىلەر، ” تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە ” دەپ ئاتىلىدۇ.

دېمەك، ھېچ بىر سېتىۋېلىش كۈچى بولمىغان بۇ نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرى مال باھاسىنىڭ، بولۇپمۇ يېمەكلىك باھاسىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئۆرلەپ كېتىشىگە قانداقمۇ چىدىيالىسۇن ؟ ئۇلار كىرىم جەھەتتە ئۆزلىرىدىن بىرقانچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بازاردا قانداقمۇ رىقابەتلىشەلىسۇن ؟

ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا بۇنداق تەتۈر تاناسىپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى پۈتۈنلەي خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان تالان – تاراج قىلىش ۋە سۈمۈرۈش سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا شەكلى ئۆزگەرگەن قۇللۇق تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇرلاپ كېلىۋاتقانلىقى، تېرىيدىغان مەھسۇلاتىنىڭ ۋە دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان غەللە – پەرقىنىڭ مىقدارىنىڭ يىپ – يىڭنىسىمۇ قەدەر ئېنىق بېكىتىلگەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئېشىنچا مەھسۇلاتلىرىنى زاپاس ساقلاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقى بىر ئەمەلىيەت.

بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان رايونىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر دېھقاننىڭ تېرىيدىغان يېرى، قىلىدىغان ئىشى يوق ئاتالمىش ” ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ” گە ئايلىنىپ قېلىشى، بۇ رايوندا جەريان قىلىۋاتقان ئادالەتسىزلىكنىڭ روشەن ئىپادىسىدىن ئىبارەت.

http://www.xj.xinhuanet.com/2010-08/02/content_20510500_3.htm