ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى توكيودا ئىشخانا ئاچتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 08-ئاينىڭ 02-كۈنى

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2008 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى ياپونىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تونۇتۇش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دەسلەپ قۇرۇلغاندا ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى قوللىغۇچى كىشىلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئۇلار تەمىنلىگەن ئىشخانىلاردا ۋە ھەتتا ئۆيلىرىدە بۇ خىزمەتنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ كۈچلىنىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل شارائىت ئېھتىياجنى قامدىيالمىغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇش، خىزمەت ۋە ئولتۇراقلىشىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشمۇ مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭا ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى توكيودا ئىشخانا ئاچقان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى ياپونىيىدە ئۇيغۇر داۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاساسلىق تەشكىلاتنىڭ زادى قايسىلىقى ھەققىدە سواللارنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ خىل ئېنىقسىزلىقنى يوقىتىش ئۈچۈنمۇ بۇ ئىشخانىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى يەنە، بۇ ئىشخانىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قىلىش ۋە پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادىكى، بولۇپمۇ ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېقىندا ياپونىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەربابلار ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۆل بۆلۈۋاتقان كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىشخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.