تۈركىيىدە “2010 – يىلى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن پائالىيەتلىرى” نامىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 08-ئاينىڭ 02-كۈنى

7 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن، 28 – كۈنىگىچە قايسەرىدە “2010 – يىلىدىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن پائالىيەتلىرى” نامىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇسابىقە يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنى ئۆگىتىش ۋە ئۇلارنى مىللىي روھ بىلەن تەربىيىلەش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ پائالىيەت “ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن پۇتبول مۇسابىقىسى”، “دوكتور مەسۇت سابرى بايقوزى شاھمات مۇسابىقىسى” ۋە “مەخمۇت قەشقىرى ئەدەبىيات مۇسابىقىسى” تۈرلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلدى. مەخمۇت قەشقىرى ئەدەبىيات مۇسابىقىسى ئىچىدە “مەمەت ئىمىن بۇغرا ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى”، “مەمەت ئېلى تەۋپىق شېىر يېزىش مۇسابىقىسى” ۋە “يۈسۈپ خاس ھاجىپ ماقالە يېزىش مۇسابىقىسى” دەپ ئاتالغان پاالىيەتلەرمۇ ئۆتكۈزۈلدى.

18 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئاخشام قەيسەرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ھويلىسىدا نەتىجە قازانغان ئوقۇغۇچىلارغا مېدال بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا قەيسەرىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار ۋە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلات مەسۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مېدال بېرىش مۇراسىمىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلدى. كېيىن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەنلەرگە مېدال تارقىتىلدى. مەمەت ئىمىن بۇغرا شېىر مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن مىھراي ئۆزخان، مەمەت ئېلى تەۋپىق شېىر مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن تۇغبا ئۆزخان، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ماقالە مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن گۈلشەن ئالتان قاتارلىقلارغا مېدال بېرىلدى.

پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئوسمان باتۇر پۇتبول كوماندىسى بىرىنچىلىككە، سابىت داموللام پۇتبول كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ئىككى كوماندىدا پۇتبول ئوينىغان ياش – ئۆسمۈرلەرگە مۇكاپات بېرىلدى. كېيىن در. مەسۇت سابرى بايقوزى شاھمات مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ئابدۇلازىز ھاجىغا مېدال بېرىلدى. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ نامىدا بۇنداق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەرگە ئۆگىتىش، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئۇلارغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن. بىز بۇ پائالىيەت ۋە مېدال بېرىش مۇراسىمى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ۋە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.