گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندىم د ئۇ ق غا جاۋاب مەكتۇپى يوللىدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندى 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يوللىغان جاۋاب مەكتۇپىدا، بۇ قېتىم بېرلىندا گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان قانۇن سۆھبەت يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ۋە خىتاي تەرەپتىن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىنى ئەلەمدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن سۆھبىتى يىغىنى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

سۆھبەت باشلىنىشتىن 3 كۈن بۇرۇن، يەنى، 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى خىتاي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندىمگە مەكتۇپ يوللاپ،

ئۇنۇڭغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن، د ئۇ ق نىڭ مەكتۇپىدا، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ئەھۋاللىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىلىرىنىڭ چەكلىنىشى، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي ھۇجۇملىرى … قاتارلىق ناھايىتى كەڭ مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شۇنداقلا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ دەرھال توختىتىلىشى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ شەرتسىز ھالدا قويۇپ بېرىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرى، مەدەنىي – مائارىپ، دىنىي جەھەتلەردىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى … قاتارلىق جەھەتلەردە خىتاي ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىش تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئالىي كومىسسارى ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندىم 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنىغا مەخسۇس جاۋاب خېتى يوللاپ، بۇ قېتىم خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت جەريانىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىن جىددىي ئەندىشە تۇيۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرىگە بىۋاسىتە بايان قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا ئارقا – ئارقىدىن بېرىلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ جەھەتتە كەلگۈسى مۇددەت ئىچىدە ئىجابىي قەدەم تاشلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندىمنىڭ خېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت جەريانىدا گېرمانىيە تەرەپ، خىتايدا مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندىم مەكتۇپىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزلىرىگە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنلىكى ئۈچۈن د ئۇ ق غا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بەزى جىڭدىكى باش ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدا كۈچىيىشكە باشلىغان مىللىي توقۇنۇشلارنى ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇلىرىنى پەسەيتىش ئۈچۈن جىددىي ۋە ئىجابىي قەدەملەرنى بېسىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.