خىتايچە يەسلىلەر چېگرا بويلىرىغا قىستاپ كەلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن بەزى جىڭدا چاقىرىلغان ” شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى > دىن كېيىن، خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان ئاتالمىش ” شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۆمەكلىرى ” ئارقا – ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان ئىدى.

بۇ ئۆمەكلەرنىڭ قانداقتۇر خىتاينىڭ تەشۋىق قىلغىنىدەك يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

مەسىلەن، ” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” نىڭ 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ جىياڭ سۇ ئۆلكىسىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى 340 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، قازاقىستان چېگراسى بويىدىكى بېلىقسۇ يېزىسىدا ” قوش تىللىق يەسلى ” دەپ ئاتالغان خىتايچە يەسلىدىن 4 نى تەسىس قىلىپ، چېگرا بويلىرىغا جايلاشقان 4 يېزىدىكى 700 نەپەردىن ئارتۇق چارۋىچىنىڭ پەرزەنتىنى بۇ ھەرىكەتچان يەسلىلەردە خىتايچە تەربىيىلەشكە باشلىغان.

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خاتالاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

http://www.xj.xinhuanet.com/2010-07/30/content_20485678.htm