گېرمانىيە – خىتاي قانۇن سۆھبىتى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى

گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن سۆھبىتى يىغىنى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا باشلاندى.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى قانۇن سۆھبىتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى بولسا خىتايدىكى ئۆلۈم جازالىرى ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىش سۈرىتىنىڭ ئىنتايىن ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆلۈم جازالىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ۋە ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئىنسانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دېگەندە ئادەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى گەۋدىلىك تەكىتلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

بۇ قېتىمقى قانۇن سۆھبىتى جەريانىدا گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى ماركۇس لۆنىڭ رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن سۆھبىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزى ئورگىنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى ماركۇس لۆنىڭ ئەپەندىمگە ئالاھىدە مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنۇڭغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ مەكتۇپى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ئەھۋاللىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىلىرىنىڭ چەكلىنىشى، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي ھۇجۇملىرى … قاتارلىق ناھايىتى كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ دەرھال توختىتىلىشى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ شەرتسىز ھالدا قويۇپ بېرىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرى، مەدەنىي – مائارىپ، دىنىي جەھەتلەردىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى … قاتارلىق جەھەتلەردە خىتاي ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق نىڭ مەسىلىلەرنى دىئالوگ ۋە تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى تەكىتلىگەن ئىدى.

گېرمانىيە بولسا، خىتاي بىلەن قانۇن – تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەڭ بۇرۇن يولغا قويغان دۆلەت بولۇپ، خىتاينىڭ ھەقىقىي بىر قانۇن دۆلىتىگە ئايلىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، 2000 – يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي بىلەن قانۇن – تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە.

ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئىككى تەرەپ ئەدلىيە تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان قانۇن – تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى بولسا، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇن، ئەدلىيە سىستېمىسى، ئادۋوكاتلىق، قولغا ئېلىش، سوتلاش، شاھىتلىق، ھۆكۈم چىقىرىش، جازا قانۇنى قاتارلىق جەھەتلەردە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا  كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قانۇن – تۈزۈم سۆھبىتى يولغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، خىتايدا سوتچىلارنىڭ، ئادۋوكاتلار ۋە قانۇن خادىملىرىنىڭ سانى كۆپەيگەن، نۇرغۇنلىغان يېڭى قانۇنلار تۈزۈپ چىقىلغان ۋە ئەسلىدىكى قانۇنلارغا كۆپلىگەن يېڭى تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قانۇن ساھەسىگە قارىتىپ كەلگەن مونوپوللۇقىدا ۋە كۈچلۈك دەخلى – تەررۇزىدە ھېچبىر يۇمشاش كۆرۈلگىنى يوق.

خىتايدىكى سوتچىلار قانۇنغا  ئەمەس، بەلكى پارتىيە – ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، قانۇن تارماقلىرى، ھۆكۈمەتنى تەنقىدلىگەن ئوخشىمىغان قاراش ۋە پىكىردىكى ئىنسانلارنىڭ دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، رەھىمسىز ۋە قاتتىق قول بولۇش پرىنسىپىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. مانا بۇلار، سوتچىلارنىڭ قانۇن ماددىلىرى بويىچە ئەمەس، بەلكى كومپارتىيىنىڭ يوليورۇقى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان رايونى بولسا گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، ئەدلىيە ئورگانلىرىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى. گەرچە گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قانۇن – تۈزۈم سۆھبىتى باشلانغان  2000 – يىلىدىن بۇيان، گېرمانىيىدىكى سوتچى ۋە ئادۋوكاتلار كۆپ قېتىم خىتايدىكى سوت مەھكىمىلىرىگە كۆزەتچى سۈپىتىدە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سوت مەھكىمىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ سوتىغا قاتنىشىشىنى قەتئىي تۈردە رەت قىلىپ كەلمەكتە.

گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان رايونى بولسا خىتاي بويىچە قانۇن – تۈزۈم ئەڭ بەربات رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي – قانۇن تارماقلىرى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتا قانۇن جەھەتتە باشتىن – ئاخىرى ئىككى خىل ئۆلچەم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. يەنى، قانۇن تارماقلىرى خىتاي كۆچمەنلىرى ئالدىدا يۇمشاق ۋە مۇرەسسەچى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا رەھىمسىز ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق قول.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ خىتاي بويىچە سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىردىن – بىر رايونغا  ئايلىنىشىمۇ بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دەر دەرىجىلىك قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسى نىشانى ۋە كۈچىنى ئاتالمىش ” 3 خىل كۈچلەر ” دەپ ئاتالغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشكە قارىتىشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان.

قانۇن تارماقلىرى تۇرماق، بىڭتۇەنلىكلەرگە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا، ھەتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى يېزا – كەنت كادىرلىرىغا، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىغا ۋە خەلق ئەسكەرلىرىگىمۇ سىياسىي جەھەتتە مەسىلىسى بار دەپ گۇمان قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش، تەھدىت قىلىش، نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، ئۇرۇش – قىيناش ۋە جازالاش ھوقۇقى بېرىلگەن.