د ئۇ ق ئاخباراتى : خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى , تېخىمۇ زور نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن !

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى

” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” نىڭ 2010 – يىلى 7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ” قوش تىللىق يەسلى ” دەپ ئاتالغان ۋە يەرلىك ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان  خىتايچە يەسلىلەردە تەربىيىلىنىۋاتقان يەرلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇمى سانى 290 مىڭ نەپەرگە، بۇ خىل يەسلىلەرنىڭ سانى بولسا 1695 كە يەتكەن.

پەقەت 2010 – يىلى ئىچىدىلا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش ” قوش تىللىق يەسلى ” قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەبلەغ 1 مىليارد 390 مىليون يۈەنگە، ” ئاپتونوم رايون ” دىن ئاجرىتىلغان مەبلەغ بولسا 468 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، 2012 – يىلىغا قەدەر يەرلىك ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان  خىتايچە يەسلىلەرنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى 85 پىرسەنتتىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2008 – يىلى، ” شىنجاڭدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا قوش تىللىق يەسلى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى ” يولغا قويۇلغان بولۇپ، 2008 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن جەمئىي 4 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئاتالمىش ” قوش تىللىق يەسلى ” لەر ئۈچۈن زۆرۈر كېرەكلىك بولغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى زورايتىش ئۈچۈنمۇ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىلىدىن، مىللىي يېزىقىدىن، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئايرىش مەقسىتىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش ” قوش تىللىق مائارىپ ” سىياسىتى بولسا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ئىسيان ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدىن ئىبارەت !

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ۋە 2009 – يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ مەيدانغا  كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن ئىبارەت ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ سىياسىتىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى، ئاتالمىش ” قوش تىللىق ئوقۇتۇش ” سىياسىتىنى ئومۇمىي يۈزلۈك يولغا قويغان 4 – 5 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش جەھەتتە كىشىنى جىددىي ئەندىشىگە سالىدىغان غايەت زور قەدەملەرنى باستى ۋە قىسقىغىنە 4 – 5  يىل ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپى تۈپ يىلتىزىدىن ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىلدى

خىتاينىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 3 – 6 ياش ئارىلىقىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى 1 مىليون 200 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ 720 مىڭ نەپىرى ئازسانلىق مىللەت بالىلىرىدىن ئىبارەت، ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزىلىرىنىڭ 60 پىرسەنتىدە ” قوش تىللىق يەسلى ” دەپ ئاتالغان خىتايچە يەسلىلەر قۇرۇلۇپ بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەرلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن خىتايچىسىنى چىقىرىپ بولۇشنى مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن ۋە ئالدىمىزدىكى 5 يىل ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان پۈتۈن يېزا – كەنتلىرىدە ” قوش تىللىق يەسلى ” نى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشنى جىددىي پىلان قىلماقتا

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى – تاشقى جەھەتتىكى شۇنچە كۈچلۈك نارازىلىق ۋە قارشىلىقلارغا قارىماستىن بۈگۈن يەنە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش ” قوش تىللىق مائارىپ ” سىياسىتىنى تېخىمۇ جىددىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن قىلچە ساۋاق ئالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ زور نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا  كېلىشىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن،  خىتاي ھاكىمىيىتى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن ساۋاق ئېلىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۇقىرىقىدەك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى لازىم !