گېرمانىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى

گېرمانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتى ھېسابلانغان  ” جەنۇبى گېرمانىيە گېزىتى ” نىڭ 2010 – يىلى 7 – ئاينىڭ 19 – كۈنىدىكى سانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە چوڭ ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىندى.

” يېڭى ھايات ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەر ” دېگەن تەمىدىكى بۇ ماقالىدا، د ئۇ ق نىڭ ئەھۋالى، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، 2009 – يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى،گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى … قاتارلىق ناھايىتى كەڭ مەزمۇنلاردا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈلدى.

مەزكۇر ماقالىدا، 2004 – يىلى قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە چەتئەللەردە 600 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشاۋاتقانلىقى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949 – يىلىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ھىجرەت قىلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقى،ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 4000 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى بىر ھاياتلىق ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەر قىلىپ ياۋروپا ئەللىرىگە ھىجرەت قىلىپ چىققانلىقى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن  چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا ۋەتىنىدىكى ئاتا – ئانىلىرىغا تېلېفون قىلىشتىنمۇ مەھرۇم قالغانلىقى بايان قىلىندى.

ماقالىدا يەنە، گېرمانىيىدە، بولۇپمۇ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرۇڭ گېرمانىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەش سەۋەبلىرى، ئۇلارنىڭ خىزمەت، ئوقۇش ۋە تۇرمۇش ئەھۋاللىرى، مەدەنىي ھاياتلىرى … قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈلدى.
ئۇندىن باشقا يەنە ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان رېستوران، ئاشخانا ۋە دۇكانلارمۇ ئالاھىدە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى.
چوڭ ھەجىملىك ” جەنۇبى گېرمانىيە گېزىتى ” نىڭ يېرىم بېتىدىن كۆپرەك قىسمىنى ئىگىلىگەن  ۋە مارىنو باچىر ئەپەندىم تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان  بۇ ماقالە، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىنسا  ئاساستا يېزىپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيىدە تونۇلۇشىدا ئىنتايىن زور ئىجابىي رول ئوينايدۇ، چۈنكى يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتكۈنىمىزدەك، ” جەنۇبى گېرمانىيە گېزىتى ” بولسا گېرمانىيدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتتىن ئىبارەت.