5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بەزى سانلىق مەلۇماتلار

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى

1.نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانى :

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىغا قاتناشقانلارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن 3000 نەپەر، ئۇلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ساقچى – ئەسكەرلەرنىڭ ئومۇمى سانى 1500 نەپەر، ئۇلار 40 – 50 كىشىلىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ شەھەردىكى 30 دىن ئارتۇق نوختىدا نامايىش ئېلىپ بارغان، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ئەمما، شاھىتلارنىڭ ۋە بەزى تەرەپسىز مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 – ئىيۇل كۈنى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 10 مىڭدىن ئارتۇق، ئۇلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ئەسكەر ۋە  ساقچىلارنىڭ ئومۇمى سانىمۇ 10 مىڭ ئەتراپىدا.

2.ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئومۇمى سانى

خىتاي تەرىپىدىن ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان  سانلىق مەلۇماتلارنى جەملىسە، 5 – ئىيۇلدىن ھازىرغىچە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئومۇمى سانى 231 نەپەر.

بۇلارنىڭ ئىچىدە، 5 – ئىيۇل كۈنى ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 197 نەپەر؛

ھازىرغا قەدەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 28 نەپەر؛

خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن كوچىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر 5 نەپەر؛

كوچىدا خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر 2 نەپەر؛

يۇقىرىقىلار پەقەتلا خىتاي تەرەپنىڭ ستاتىستىكىسى بولۇپ، ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلارنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن ھازىرغا قەدەر  كوچىدا خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 2000 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەتلا 5 – ئىيۇل كۈنى ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر 1000 دىن ئارتۇق، خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر 500 ئەتراپىدا، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر ۋە تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئومۇمى سانىمۇ 500 نەپەردىن ئارتۇق؛

3.ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان يارىلانغان  ئۇيغۇرلارنىڭ  سانى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان يارىلانغانلارنىڭ  ئومۇمى سانى 3000 نەپەر ئەتراپىدا.

بۇنىڭ ئىچىدە 5 – ئىيۇل كۈنى يارىلانغانلارنىڭ  سانى 1860 نەپەر، يىڭنە سانجىش ۋەقەسىدە يارىلانغانلارنىڭ  سانى 531 نەپەر، قالغان قىسمى ئۇيغۇر – خىتاي توقۇنۇشى جەريانىدا يارىلانغانلار.

ئەمما، كۆپلىگەن شاھىتلارنىڭ بايان قىلىشىچە، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان يارىلانغان  ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 10 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، پەقەتلا 5 – ئىيۇل كۈنى يارىلانغانلارنىڭ  سانى 5000 مىڭ ئەتراپىدا، قالغان قىسمى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشلىتىلغان ” ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ” جەريانىدا يارىلاندۇرۇلغانلارىن ئىبارەت.

4.ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنغانلار  ھەققىدە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن  2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئېلان قىلغان تۇنجى باياناتىدا، شۇ كۈنىگە قەدەر نامايىشقا قاتناشقان 1434 نەپەر كىشىنىڭ نامايىش مەيدانىدا قولغا ئېلىنغانلىقى،  بۇلارنىڭ ئىچىدە 1379 نەپىرى ئەر، 55 نەپىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان  سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىساق، 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن ھازىرغا قەدەر پەقەتلا ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ  ئومۇمى سانى 3150 نەپەرگە يېقىن.

ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە بەزى شاھىتلارنىڭ تەخمىنگە ئاساسلانغاندا،  ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ.

” ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ” بىلەن، ” ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى ” نىڭ خىزمەت دوكلاتىدا يەر ئالغان سانلىق مەلۇماتلارمۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شاھىتلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

مەسىلەن، ” تىيانشان تورى ” نىڭ 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى ” ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ” نىڭ باش تەپتىشى قاسىم مامۇت، ” ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – ئومۇمى يىغىنى ” دا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا، 2009 – يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ 18 مىڭ 527 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى، 22 مىڭ 677نەپەر كىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرزنامە سۇنۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.

يىغىندا، ” ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسى ” نىڭ باشلىقى روزى ئىسمائىلمۇ خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، 2009 – يىلى بىر يىل ئىچىدە  ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ جەمئىي 302 مىڭ 356 دېلونى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە 270 مىڭ 592 دېلونى سوتلاپ ئاياغلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان.

كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ رەقەملەر، ئۆتكەن بىر يىلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر جىددىي ئۆتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ttp://www.tianshannet.com.cn/news/content/2010-01/14/content_4714513.htm

5.ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى

خىتاي سوتلىرى، 2009 – يىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگە قەدەر، ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 11 قېتىم ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى، 11 قېتىملىق سوتنىڭ 2 قېتىملىقى يىڭنە سانجىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك.

بۇ 9 قېتىملىق سوتتا ھۆكۈمگە ئېلان قىلىنغانلارنىڭ  ئومۇمى سانى 90  نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 7 نەپىرى يىڭنە سانجىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك.

يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە  ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 33 نەپەر، مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ  57 نەپەر؛

ھازىرغا قەدەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ 28 نەپىرىنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىندى، قالغان 6 نەپىرىنىڭ جازاسى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلدى.

ئەمما، بەزى شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يوشۇرۇن شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن سوتلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، 5 – ئىيۇلدىن ھازىرغىچە ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 500 ئەتراپىدا، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەر 100 دىن ئارتۇق.