رابىيە خانىم خىتاينىڭ “شىنجاڭنى دۇنيا تەشۋىق قىلىش” دېگەن ھەرىكىتى ھەققىدە توختالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم بۈگۈن، خىتاينىڭ ھازىر چەتەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان شىنجاڭنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىش دېگەن ھەرىكىتى ھەققىدە توختالدى.

خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى يېڭىدىن بەلگىلىگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۈرۈمچىدە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىش دېگەن ھەرىكەتتە قوللانغان  يېڭى تەدبىرلىرىنى مەدھىيىلىگەن؛ خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى مەركەزنىڭ شىنجاڭ ئىستراتېگىيىسى دېگەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن چېگرىدىن چىقىپ چەتەللەردە قوللانغان  يېڭى تەدبىر، تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىومىز ئارقىلىق، خىتاينىڭ شىنجاڭنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىش دېگەن سىياسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ شىنجاڭنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىش دېگەن ھەرىكىتى بىر ئالدامچىلىق، بۇنى بۇرۇن ۋاڭ لېچۇەن قوللانغان،  ھازىر جاڭ چۈنشەنمۇ قوللىنىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە خانىم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيادا بىر قانۇنلۇق مەسىلىگە ئايلىنىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان ھازىرقى پەيتتە، خىتاي يەنە تەشۋىقات دەپ ئاتالغان ئالدامچىلىق ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كەڭ داىرىدە ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى، چەتئەللەردىكى ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارىتا ھوشيار تۇرۇشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/rabiye-qadir-07222010225141.html/story_main?encoding=arabic