ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى سايلاپ چىقتى

ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتى

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى

2002 -يىلى بىر نەچچە كىشىنىڭ غەيرەتلىرى بىلەن قۇرۇلغان ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ  گەرچە ئادەم سانى ئاز بولسىمۇ ئىمكانىيەتلىرى يار بەرگەن دائىرىدە  ئاز بولمىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلگەن ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە يۇرتداشلىرىمىزنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىشى بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىي كېلىشى ۋە پائالىيەت دائىرىسىنىڭ كېڭىشىگە تۈرتكە بولماقتا. شۇ ۋەجىدىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش، تەشكىلاتنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش ۋە يېڭى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى سايلاپ چىقىشقا رىياسەتچىلىك قىلىش مەقسىتىدە د ئۇ ق  رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 17-18 كۈنلىرى  لوندوندا، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىغا  قاتناشتى.

بىرىنچى كۈندىكى يىغىندا  تەشكىلاتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەم ۋەكىللەر ئوتكەن سەۋەنلىكلەر ۋە نەتىجىلەر توغرىسىدا قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. ھەر بىر ۋەكىل ئايرىم-ئايرىم پىكىر بايان قىلىپ قانداق قىلغاندا بۇ تەشكىلاتنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىق توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى.

ئىككىنچى كۈندىكى يىغىندا بۇ قېتىمقى سايلامنى قانداق ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىرگە، قانداق قىلغاندا بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرۈپ ئادەت , مائارىپ، تىل  ۋە دىنى ئېتىقادلىرىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى، سىياسىي پائالىيەتلەرنى ۋە داۋايىمىزنى كۈچلەندۈرۈش يوللىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ بىردەك ئاۋاز قوشۇشى بىلەن، دېموكراتىك ئاساستا ئۆز-ئۆزىنى نامزات ئۆزى كۆرسىتىش ياكى ۋەكىللەرنىڭ نامزات كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە تەشكىلاتنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، مالىيە مەسئۇلى، باش كاتىپى قاتارلىق 7 كىشىدىن تەشكىل تاپقان  رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلدى. نىزامىدىن ئەپەندى تەشكىلات رەئىسلىكىگە، دىلشات ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، قۇربانجان ئەپەندى باش كاتىپلىققا، ئىدرىس ئەپەندى مالىيە مەسئۇللۇقىغا ۋە باشقا 3 نەپەر كىشى ھەيئەت ئەزالىققا سايلاندى.

سايلامغا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلىپ، سايلامنىڭ دېموكراتىك ۋە ئادالەتلىك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. دولقۇن ئەيسا د ئۇ ق نىزامنامىسىدىكى قائىدە تۈزۈملەرنى ۋە پرىنسىپلارنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا بولغان تەلەپلەرنى د ئۇ ق بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ كۈتىدىغان ئۈمىدىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئەسقەرجان ئەپەندى خۇلاسە سۆزى قىلىپ يىغىننىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى، ھەمدە ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق سايلىنىپ چىقىلغانلىقىنى، يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى بىلەن د ئۇ ق نىڭ ئەنگلىيە ۋاكالەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئاخىردا يېڭىدىن سايلىنىپ چىققان ھەيئەتلەر پىكىر بايان قىلىپ د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ ھەر خىل ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا قىزغىن ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى، ئەنگلىيىدىكى سىياسىي، مەدەنىي پائالىيەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش بىلەن بىرگە يۇرتداشلار ئارىسىدىكى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، قېرىنداشلىقىنى تېخىمۇ چىڭىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانلىرىنى قىسقىچە بايان قىلدى.

ئىشىنىمىزكى تەشكىلاتىمىز د ئۇ ق نىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ۋە بۇ ئەنگلىيىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بۆلىشى ئارقىسىدا خىزمەتلىرىمىز ئۇلۇغلۇق بولغۇسى.