ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدە 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى
د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى

ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدە 2010-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (د ئۇ ق) چاقىرىقىغا بىنائەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. 50 دەك ئادەم قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەت سېدنىي شەھىرىدىكى ئەڭ ئاۋات كوچىغا جايلاشقان تاۋىن ھول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىش جەريانىدا نامايىشچىلارنىڭ ياڭراق شوئارلىرى سېدنىينىڭ بۇ ئاۋات كوچىسىنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ دىققىتىگە ئوتكەن يىلى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا 5-ئىيۇل يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىققا تارتتى.

نامايىش جەريانىدا نامايىشچىلار 2009-يىلى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا ئاتاپ ئىشلەپ چىققان ئۆزگىچە تارتتى كوچىدىكى ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە تارقاتتى. كارتىغا ئوتكەن يىلى تانكا ۋە برونېۋىك ئاپتوموبىل بىلەن چىش-تىرنىقىغىچە قوراللانغان  خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىغا دادىل يۈرۈش قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈ سۇنماس روھىنى نامايان قىلغان ئۇيغۇر ئايالنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان بۇ سۈرەت ئوز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي قىسمىتىنى تولۇق ئىپادە قىلغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىتىفان شىمىت پوچتا ئارقىلىق بىۋاسىتە يوللىنىدىغان قىلىپ لايىھىلىگەن. ھەر بىر شەخس نامىدىن ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە يوللىنىدىغان مەزكۇر كارت ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق كۈچ سۈپىتىدە خىتايغا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىشنى ئوز ئىچىگە ئالغان.

مەزكۇر كارتىدىن جەمئىي 2000 دانە ئىشلىگەن بولۇپ، سېدنىي، ئادىلەيىد ۋە مېلبورن شەھەرلىرىدە 5-ئىيۇل كۈنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلدى.
نامايىش چۈشتىن كېيىن 3:30 دا باشلىنىپ، 5:30 دا غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.