گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلى دۇنيا مەدەنىيەتلەر فېستىۋالىغا قاتناشتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشۋىقات بۆلۈمى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى

د ئۇ ق تەركىبىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان  گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلى، 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئاۋگبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مەدەنىيەتلەر فېستىۋالىدا ماھارەت كۆرسىتىپ،فېستىۋالغا قاتناشقان مىڭلىغان ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى تەرىپىدىن يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلانغان  دولان ئۇسۇلى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى.

بۇ قېتىمقى فېستىۋالدا ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەنلەر گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئارتىسلىرى بولدى ۋە ئۆسمۈرلىرىمىز فېستىۋالدا 8 قېتىم سەھنىگە چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەپىس، گۈزەل ۋە جانلىق ئۇسۇلىنى تولۇق نامايان قىلدى ۋە ” ئۇيغۇر ” دېگەن بۇ ئىسىمنى مىڭلىغان گېرمان تاماشىبىننىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

فېستىۋالغا گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى يېتەكلەپ بارغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بىلەن گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، فېستىۋال جەريانىدا ئاممىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئۆتكەن يىلى 5 – ئىيۇلدا مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

بۇ قېتىمقى دۇنيا مەدەنىيەتلەر فېستىۋالىنى ئۇيۇشتۇرغان كومىتېت، فېستىۋالغا ئالاھىدە ھۆسن قوشقان گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە بۇندىن كېيىنكى فېستىۋاللارغا ئۇلارنى ھەر زامان تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان  گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلى 5 – 6 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئانسامبىلنىڭ ئارتىسلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گېرمانىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان،ئەمما ئانسامبىلدىكى ياش ئۆسمۈرلىرىمىز ئۆزىنىڭ سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىگە زور ئىشتىياق باغلاپ، ئۇيغۇر ناخشا – ئۇسۇل سەنئىتىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ياۋروپا ئەللىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئىنتايىن ئىجابىي رول ئويناپ كەلمەكتە.

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ 30 غا يېقىن ئارتىسى بولۇپ، ئۇلار ۋەتەندە تونۇلغان ئۇسسۇلچىمىز خالىسە خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۇسۇل مەشىقى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.