خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئاقساراي ئالدىدا 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پاالىيىتى ئېلىپ بارماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 07-ئاينىڭ 08-كۈنى

5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىڭتون شەھىرىدىكى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ تۇرالغۇ جايى ۋە خىزمەت بىناسى ھېسابلىنىدىغان ئاقساراينىڭ ئالدىدىكى باغچىدا 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەش – تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىدى. پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى زۇبەيدە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەتكە 5 – ئىيۇل ۋەقەسىگە ئاىت 400 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت قويۇلغان بولۇپ، سۈرەتلەرگە ئىڭلىز تىلىدا چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر يىگىت ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ 5 – ئىيۇل كۈنىدە ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى قانداق باستۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەڭەنلىكى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر نەپەر قىز بولسا، 7 – ئىيۇل كۈنى ساقچىلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ۋە ئۆلتۈرۈشىنى توسماستىن، ئۇلارغا يول قويغانلىقىنىڭ ئۆزىنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كۆرگەزمىگە قويۇلغان سۈرەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان  ۋە داۋاملىق توپلانغان  بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 5 – ئىيۇلدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئىز – دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن بىر قىسىم ياشلارنىڭ سۈرەتلىرى ھەمدە 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالىغا ئاىت تەشۋىقات ۋاراقلىرىمۇ بار. بۇ پائالىيەتنى ۋاشىڭتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جاماىتىنىڭ ۋەكىللىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى ھەر كۈنى نۆۋەتلىشىپ، مەلۇم مەزگىلگىچە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/aqsaray-namayish-07082010221154.html/story_main?encoding=latin