2 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى داۋاملىشىۋاتىدۇ

ر ف ئا خەۋىرى
2010-ئاينىڭ 07-ئاينىڭ 09-كۈنى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2010 – يىلى 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئىستانبۇلدىكى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئاقدېڭىز يىغىن زالىدا 2 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى ناملىق يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمى تۈركىيىنىڭ يالوۋا شەھىرىدىكى ساياھەت رايونىدا داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىغىن 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنىگىچە 6 كۈن داۋام قىلىدىكەن.

بۇ يىغىنغا  گېرمانىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، سەۇدىي ئەرەبىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق 16 دۆلەتتىن ئۇيغۇر ۋەكىللەر ۋە مۇھىم شەخسلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچلىش مۇراسىمى قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نوتىقى سۆزلىدى ۋە بۇ يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتى شۇنداقلا بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى بايرام قاراجان، زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياس ساكا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەىسى سىيىت تۇمتۈرك، پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات سەلەي ھاجىم ئارتۇشى قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى.
بايرام قاراجان ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۈگۈن خىتاي كوممۇنستلىرى، دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋاسىزلارچە قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىغا بىر يىل بولغان كۈن. خىتاي بولسا، دۇنيا سۈكۈت قىلىپ، كۆز يۇمۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قولغا كەلتۈرگەن پۈتكۈل ئىمكانيەتلەرنى قوللىنىپ قەتلىئام قىلىشتا ھېچ ئىككىلەنمەيۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەنلەر شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى ۋەقە ئەمەس، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى كونترول ئاستىغا ئېلىشقا باشلىغان 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ بۇ رەھىمسىزلەرچە سىياسەتنى داۋام قىلماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزگەردى، تۈزۈم ئۆزگەردى، ئەمما خىتاي زۇلۇمى ئۆزگەرمىدى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تىنچ ئۇسۇلدىكى ھەربىر تەلەپلىرىنى جەبىر ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن رەت قىلدى.

بايرام قاراجان ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى باشقا بىر داۋا دەپ قارىمايمىز، شەرقىي تۈركسىتان داۋاسى بىزنىڭ ئۆز داۋايمىزدۇر، شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرى بىزنىڭ ئۆز ۋەتىنىمىزدۇر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى بىزنىڭ ئۆز بايرىقىمىزدۇر ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىزنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىمىزدۇر، بىز ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان شەھەرلىرىنىڭ، قارس شەھىرىدىن، ئەرزۇرۇم، قەيسىرى شەھىرىدىن ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر. ئاناتۇلىيە مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغاندەك، شەرقىي تۈركىستان ئاتا ۋەتىنىدۇر. تۈرك بايرىقىدىن كۆك بايراققا سالام، ئانا يۇرتتىن ئاتا يۇرتقا سالام، تۈركىيىدىن تۈركسىتانغا  سالام، ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۆرۈشى، غەزەپ ياغسۇن زالىم كوممۇنىست خىتايغا. مەن ئادرىياتىكتىن سەددىچىن سېپىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ھەمكارلاشقان كۈچلۈك بىر تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

يىغىن جەريانىدا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئىشلەڭەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابلىكىمخان مەخسۇم ۋە بىر قىسىم يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/qerindashlar-uchrishishi-07092010215523.html/story_main?encoding=latin