5 – ئېيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى

بۈگۈن 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە شۋېتسىيە ئۇيغۇر كوممىتىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شۋېتسىيە پارلامىتىنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 – ئېيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىش سائەت 3تە باشلانغان  بولۇپ، بۇ يەردە بىر سائەت ئەتراپىدا 5 – ئېيۇل قىرغىنچىلىققىغا مۇناسىۋەتلىك نۇتۇقلار سۆزلەڭەندىن كىيىن ستوكھولىمنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈش قىلىپ خىتاي ئەلچىىانىسىنىڭ ئالىدىغا بېرىپ نامايىشنى داۋاملاشتۇرماقچى.

ھازىر ئەزەربەيجان جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى سۆزگە چىقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلىىرىنى تەنقىد قىلماقتا. ھازىر سائەت 4 بولدى نامايىشچىلار توپى پارلامىت بىناسى ئالدىدىن قوزغىلىپ، سەپ بولۇپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ يول ئالدى. نامايىشچىلار شۇارلار بىلەن كوچا ئايلانماقتا. نامايىشچىلار سائەت 5 بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئاۋاز ياڭراتقۇ بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ خىتاب قىلماقتا. نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا ماتەم چەمبىرىكى قويغاندىن سىرت خىتاي پابيرىقىنى يىرتىپ ماشىنىلار چاقىغا تاشلاپ بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.