دانىيىدە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى

گەرچە دانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقى ۋە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئەمەل قىلىپ، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دانىيىنىڭ پايتەختى كوپىنھاگىندىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىمقى نامايىش، دانىيىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى قېتىملىق نامايىش ھېسابلىنىدۇ.

دانىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىغا توپلانغان  نامايىشچىلار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان ۋەھشىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن رەسىملىك تاختىلارنى رەتلىك تىزىپ، ئۆزلىرىنىڭ 5 – ئىيۇل قۇربانلىرىغا بولغان چوڭقۇر ئەسلىشىنى ۋە سېغىنىشىنى، شۇنداقلا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزەپ – نەپرىتىنى بىلدۈرۈشتى.

نامايىش جەريانىدا ئەتراپتىكى ئاممىغا قۇرۇلتاي تەرىپىدىن بىرتۇتاش تەييارلانغان  تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى.

سائەت 15:00 تىن 17:00 گىچە داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى نامايىشتا، دانىيىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم تۈرك، ئەزىزى ۋە چېچېن قېرىنداشلارمۇ ئۇيغۇر نامايىشچىلار سەپىدىن يەر ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان قوللىشى ۋە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈشتى.