گېرمانىيىدە 5 – ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى

مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىم رىياسەتچىلىكىدىكى د ئۇ ق نىڭ، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىر تۇتاش ھالدا داغدۇغا بىلەن خاتىرىلەش چاقىرىقىغا ئاساسەن، 5 – ئىيۇل كۈنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان كۆپلىگەن ئەللەردە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇلدى.

شۇ قاتاردا 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىمۇ، د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشى بىلەن زور نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە، گېرمانىيە باۋارىيە ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ  بىر قىسىم ئەزالىرى، دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، شۇنداقلا  ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقان  گېرمان، تۈرك ۋە باشقا چەتئەللىك دوستلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ باۋارىيە ئۆلكىلىك پارلامېنتتىكى مەسئۇلى مارگاررىتتا باۋزە خانىم، پارلامېنت ئەزاسى كىلاۋۇد سىتەيىن خانىم، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكرات پارتىيىسىنىڭ باۋارىيە ئۆلكىلىك پارلامېنتتىكى مەسئۇلى ماركۇس رىندەر ئەپەندىلەرمۇ ئۇيغۇر نامايىشچىلار سەپىگە قوشۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان قوللىشى ۋە ھېسداشلىقىنى ئوچۇق نامايان قىلىشتى، شۇنداقلا نامايىش جەريانىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 5 – ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە بۇ ۋەقەدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جەھەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىگە تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىشتى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى نامايىش، گېرمانىيە ۋاقتى سائەت 17:00 دە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى ” كارلىس مەيدانى دا باشلاندى.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى ” كارلىس مەيدانى” بولسا شەھەر بويىچە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك ئامما ئەڭ كۆپ توپلىنىدىغان مەركەزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۈگۈنمۇ مەيداننىڭ ئۆپ – چۆرىسىگە 10 مىڭلىغان كىشى توپلانغان  ئىدى.

پۈتۈن مەيداننى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەر چۈشۈرۈلگەن رەسىملىك تاختىلار قاپلىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى نامايىش ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ زور دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى.

نامايىش مەيدانىغا مەخسۇس مۇنبەر تۇرغۇزۇلدى ۋە نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر ئاممىغا بۇ مۇنبەردىن خىتاب قىلىشتى.

نامايىش رەسمىي باشلىنىشى ھامان ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە نامايىش رىياسەتچىسى ئەسقەرجان ئەپەندىم مەيداندىكى ئاممىغا خىتابەن گېرمانچە سۆز قىلىپ، 2009 – يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئومۇمى جەريانى، ئۇنۇڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇملار ھەققىدە ناھايىتى ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يەنىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىنى توختىتىش ھەققىدە خىتايغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

ئەسقەرجان نۇتقىدا يەنە، گېرمانىيە باشچىلىقىدىكى ياۋروپا ئەللىرىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىككە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتايدىن ئالىدىغان ئىقتىسادى مەنپەئەتلەردىن ئەلا بىلىشكە دالالەت قىلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى “كارلىس مەيدانى” دىكى مۇراسىمى بىر سائەت داۋام قىلدى.

مۇراسىم جەريانىدا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجاننىڭ باشقا يەنە پارلامېنت ئەزالىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئارقا – ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى بىردەك ھالدا قاتتىق ئەيىبلەشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھەر زامان مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلا ئىپادە قىلىشتى.

مەيداندىكى باشلىنىش مۇراسىمى جەريانىدا كۆپ ساندىكى ساقچى نامايىشچىلارنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىدى، باشلىنىش مۇراسىمى ئىنتايىن رەتلىك ۋە تەرتىپلىك ئۆتتى، مۇراسىم جەريانىدا ئەتراپتىكى ئاممىغا د ئۇ ق تەرىپىدىن ھازىرلانغان  ۋە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان نەچچە مىڭ پارچە تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى، زىيارەتكە كەلگەن چەتئەللىك مۇخبىرلارغا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىپ ئۆتۈلدى.

سائەت 18:00 دە نامايىشچىلار قوشۇنى رەتلىك تىزىلىشىپ، گېرمانىيە ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ يول ئېچىشى ۋە باشلىشى بىلەن، ميۇنخېن شەھىرىنىڭ يەنى بىر ساياھەت مەركىزى ھېسابلانغان  ” زەندلىڭ دەرۋازىسى مەيدانى” غا قاراپ يولغا چىقتى.

نامايىشچىلار قوشۇنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى ۋە لوزۇنكىلارنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ، گېرمانچە، خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە تىللاردا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى جاراڭلىق شوئار توۋلىشىپ، ميۇنخېن پويىز ئىستانسىسى ئالدىدىكى قايناق كوچىلارنى ئايلىنىپ چىقتى، پۈتۈن كوچىلار ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا پۈركەندى، ئەتراپتىكى 10 مىڭلىغان ئامما ھەيرانلىق تۇيغۇسى ئىچىدە نامايىشچىلار قوشۇنىنى كۆزەتتى، بەزى ئامما چاۋاك چېلىشىپ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ۋە قوللىشىنى ئىپادە قىلىشتى، يول بويى ئەتراپتىكى ئاممىغا تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى.

نامايىشچىلار قوشۇنى شەھەر مەركىزىدىكى ئاساسلىق كوچىلارنى بىر سائەتتىن كۆپرەك ئايلىنىپ چىقىپ ئاخىرى نامايىشنىڭ ئاخىرقى نوختىسى   “زەندلىڭ دەرۋازىسى مەيدانى” غا يېتىپ كېلىشتى.

بۇ مەيدانغا  ئالدىن ئالا د ئۇ ق تەرىپىدىن مەخسۇس ھازىرلانغان  رەسىملىك كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، چوڭ تاختىلارغا شاۋگۇەندىن ئۈرۈمچىگە سوزۇلغان ئىرقىي ھۇجۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت 100 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، رەسىملەرگە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتى، شاۋگۇەندىن ۋەقەسى بىلەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئومۇمى جەريانى ھەققىدە گېرمان تىلىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىلگەن ئىدى.

بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىمۇ ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى، كۆرگەزمىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولدى.

نامايىشچىلار قوشۇنى بۇ مەيدانغا  يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ مەيدانغىمۇ  ئالاھىدە نۇتۇق مۇنبىرى تۇرغۇزۇلدى ۋە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجاننىڭ  رىياسەتچىلىكىدە چەتئەللىك دوستلارنىڭ نۇتۇقلىرى داۋام قىلدى.

بۇ يەردىكى مۇراسىمدا، دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھاننو ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ بەزى ۋەكىللىرى , خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ميۇنخېن شۆبىسىنىڭ مۇدىرى يۈرگەن تىراك ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئارقا – ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللىشى ۋە ھېسداشلىقىنى قايتا – قايتا ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىپ كېلىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەشتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

نامايىش ئاخىرىدا د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان ۋە قوللاپ كېلىۋاتقان چەتئەللىك بارلىق دوستلارغا ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان ئەزىز قۇربانلارنى مەڭگۈ سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

گېرمانىيە ۋاقتى 17:00 دە باشلانغان  بۇ قېتىمقى نامايىش جەمئىي 3 سائەت داۋام قىلدى، نامايىش باشتىن – ئاخىرى ناھايىتى تەرتىپلىك ۋە جانلىق كەيپىياتتا ئۆتتى.