ئەنقەرەدە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىرىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ يەر خىتايلارنىنڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدى. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار، تۈركلەر، تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاھرەتتىن يوقۇش، تۈركىيە ماارىپچىلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى ئىسماىل قونجۇق، سالامەتلىك ساھاسىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى مۇستافا باش ئەپەندى، ساادەت پارتىيىسى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ مەسۇللىرىدىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشماقتا.

نامايىشتا ھەممە بىردەك 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايلى، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال، شىنجىياڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان،ھەق ھوقۇق ئادالەت شەرقىي تۈركىستانغا  ئەركىنلىك، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇخلىما، قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق، قاتىل خىتايلار ئۇيغۇرلارغا ھېساب بەر! شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈ ئۇيغۇرلارنىڭ بولىدۇ! قېنىمىز ئاقسىمۇ غەلىبە بىزنىڭكى، خىتايلار دۆلەت تېرۆرى ئېلىپ بارماقتا دېگەڭە ئوخشاش شۇارلارنى توۋلاشتى. كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى دۇق مۇئاۋىن رەىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ باياناتىدا بېشىنچى فېۋرال ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتايلارنىڭ مىڭلارچە ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، تۇرمىغا تاشلىغانلىقىنى شۇنداقلا بېسىم سىياسىتىگە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۈملىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ باياناتىدا يەنە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قۇربان بولغان شېھىتلەرنى رەھمەت ۋە مىننەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سوتتا سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە تۈركلەر ئۈرۈمچىدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان خىتايلارنى نەپرەت بىلەن ئەيىپلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز نامايىش جەريانىدا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئاتىللا قايا ۋە تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاھرەتتىن يوقۇش، دۇق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ۋە نامايىشچىلارغا مىكروپونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

پارلامېنت ئەزاسى ئاتىللا قايا ئەپەندى بۇ نامايىشقا قاتنىشىشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئاسىمىلە قىلىش ئۈچۈن بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئۆتكەن يىلى 7 – ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلدى. بىز بۈگۈن خىتايلارنىڭ بۇ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەن بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ يەرگە كەلدىم.»

تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى مۇئاۋىن باشلىقى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ نامايىشقا قاتنىشىشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
بىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللە. بىز ئۈمىدسىز ئەمەس. خىتاينىڭ زۇلۇمى تۈگەيدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چوقۇم مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

نامايىشچىلار ئارىسىدا 5 ياشتىن 70 ياشقىچە ئۇيغۇرلار قاتناشتى. نامايىشقا قاتناشقۇچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاش شىشىلەرنى ئېتىپ ھۇجۇم قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ تۈرك ساقچىلىرى توسۇۋالدى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ئاخىرىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويۇلغاندىن كېيىن نامايىشچىلار شۇار توۋلاشقان ھالدا ئەلچىخانىدىن ئۇزاقلاشتى.

بۇ نامايىش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يوليورىقىغا بىناەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھاەمارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر 3 ئايدىن بېرى بۇ نامايىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.