شىۋېتسىيىدە “ئۈمىد يۇلتۇزى”2 نامىدا چاتما پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى

7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ستوكھولىمدا “ئۇيغۇرىستان” پۇتبول كوماندىسى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلىرى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى. بۇ ئىككى دۆلەتتىكى ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئالدىنقى يىلى نورۈۋىگىيىدىكى ئۇيغۇر كوماندىسىنىڭ ساھىپخانلىقىدا باشلانغان  بولۇپ، بۇ يىل شىۋېتسىيىدىكى “ئۇيغۇرىستان” پۇتبول كوماندىسى ساھىپىخانلىقنى ئۈستىگە ئالغان.

ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا سىمۋول قىلىنغان  كىيىم كىيگەن قىزلارنىڭ باشلاش ئۇسۇلى بىلەن مەيدان ئېچىلدى. ئارقىدىن كۈرەش كۈسەن ئىجادىيىتىدىكى “شەرقى تۈركىستان مارشى”نىڭ سادالىرى ئىچىدە ئىككى دۆلەت كوماندىلىرى مەيدانغا  كىرىپ كەلدى.

مۇسابىقە داغدۇغا، ھاياجان ۋە قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى. دوستانە، ئەمما جىددىي ۋە كەسكىن ھالەتتە توپ ئويناۋاتقان ئەزىمەتلەرنىڭ ماھارەتلىرى توپ كۆرەرمەنلىرىنى ھاياجانغا  سالغان ئىدى.

مۇسابىقىنى كۆرۈشكە شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت نورۋېگىيىدىكى توپ مەستانىلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەىسى سەمەت ئابلا، ياشلا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى غەيۇر قۇربان قاتارلىقلارمۇ شتىراك قىلدى. غەيۇر ئەپەندى مۇسابىقە كۆرۈۋېتىپ ھاياجىنىنى ئىپادىلىدى.

بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ ساھىپخانلىقىنى ئۈستىگە ئالغان “ئۇيغۇرىستان” كوماندىسىنىڭ ئاساسى بىر قانچە يىللار ئىلگىرى باشلانغان  بولۇپ، بۇ كوماندا بىر قانچە يىلدىن بېرى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مىللەتلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ كوماندا بۇ يىل شۋېتسىيە پۇتبول جەمئىيىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئەڭە ئېلىنىپ، پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ پەسىللىك ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىدا مۇسابىقىگە قاتناشماقتا. “كورپېن لوڭقىسى” نامىدىكى بۇ گۇرۇپپىىدا جەمئىي 8 كوماندا بولۇپ “ئۇيغۇرىستان” كوماندىسى 7مەيدان مۇسابىقىدە 46 توپ كىرگۈزۈپ يېڭىلمەس كوماندا نامىدا بۇ گۇرۇپپىدا – 1 ئورۇندا تۇرماقتا.

http://www4.idrottonline.se/templates/PageWide.aspx?id=461970

كەچتە شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە شۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ساھىپخانلىقىدا پۇتبول كوماندىسىدىكى ئەزالارنى مۇكاپاتلاش، شۋېتسىيە دۆلەتلىك كوماندىلىرى نامىدا ھەر خىل خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن چېلىش ماھىرى، شاھمات ماھىرىلىرىنى تونۇشتۇۇش ۋە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پاالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.