نورۋېگىيىدە “5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى”نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئوسلو شەھىرى

ئوتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىغا دەل بىر يىلى توشقان كۈندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى ھەمدە نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە  خىتايغا قارشى داغدۇغىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، چوڭ كىچىك پلاكات ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار قوشۇنى داغدۇغا بىلەن ئوسلو مەركىزى پويىز ئىستانسىسى ئالدىدىن شەھەر مەركىزىدىكى كارل يوھان كوچىسىغا قاراپ يۈرۈش باشلىدى. نامايىشچىلار قوشۇنى يۈرۈش داۋامىدا جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن، ئىنگلىزچە ۋە نورۋىكچە تىللاردا “خىتايلار تېررورىست!، خىتايلار دىكتاتور!، ..ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك!” دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ كوچا ئەتراپنى لەرزىگە سالدى.

بۈگۈن ئىش كۈنى بولۇشىغا كوچىدا ئادەملەر ئىنتايىن كوپ ئىدى، ئەتراپتىكىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان كۆرۈنۈش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق بايرىقى بىلەن جايناماز يېپىلىپ كۆتۈرۈلگەن جىنازا ۋە  قوللىرىغا كويزا-كىشەن سېلىپ كوزىنى قارا لاتا بىلەن ئەتىپ كېتىۋاتقان يىگىتلەر ,ئۇچىسىغا  ئەتلەس ۋە بېشىغا چىرايلىق دوپپا كىيگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى بىلەن “ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك” دەپ خەت چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىۋالغان نامايىشچىلار قوشۇنى بولۇپ ,ئۇلار ئوتكەن كوچىلار  شوئارلاردىن لەرزىگە كېلىپ كوچىلاردىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى ھاياجان ۋە قىزىقىش ئىچىدە تەشۋىق ۋەرەقىلىرىنى ئوقۇشتى ۋە   نامايىشنى كۆردى.

كوچا يۈرۈشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نامايىشچىلار  قوشۇنى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا  جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلاپ نامايىشنى داۋاملاشتۇردى.نامايىش  جەريانىدا  يەنە خىتاينىڭ  بايرىقى يىرتىلىپ ئەلچىخانا ئالدىغا تاشلىۋېتىلدى. ئاخىرىدا نامايىش  “ئۇيغۇرلار ئۆلمەس” دەپ توۋلانغان  ھەيۋەتلىك شوئار بىلەن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

بۈگۈنكى نامايىشقا، ئوسلو شەھرى ۋە نورۋېگىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشتىراك قىلدى.