گېرمانىيىدە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ بىرىنچى يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلنىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى

د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى ۋە دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بۈگۈن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى “كارلىس مەيدان” دا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى “كارلىس مەيدانى” بولسا شەھەر بويىچە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك ئامما ئەڭ كۆپ توپلىنىدىغان مەركەزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۈگۈنمۇ مەيداننىڭ ئۆپ – چۆرىسىگە 10 مىڭلىغان كىشى توپلانغان  ئىدى.

گېرمانىيە ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا باشلانغان  ئاخبارات يىغىنىغا، د ئۇ ق نىڭ مەركەزدىكى ئاساسلىق رەھبەرلىرى، دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھاننو ئەپەندى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ بەزى ۋەكىللىرى , خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ميۇنخېن شۆبىسىنىڭ مۇدىرى يۈرگىن ئەپەندى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قاتناشتى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەيداندا 30 غا يېقىن ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى لوزۇنكىلارنى ۋە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن رەسىملىك تاختىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

مۇراسىم باشلىنىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئەتراپتىكى ئاممىغا د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى، دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن مەخسۇس ھازىرلانغان  ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 5 – ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى بايان قىلىنغان  تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىپ بېرىلدى.

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقى ھارپىسىدا، دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەخسۇس چوڭ ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلغان، بۇ دوكلات گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا خېلى زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.

بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان سۆز قىلىپ، مۇخبىرلارغا ۋە ئەتراپتىكى ئاممىغا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى، شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

سائەت 10:00 دا باشلانغان  ئاخبارات ئېلان قىلىش مۇراسىمى جەمئىي ئىككى سائەت داۋام قىلدى.

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 دە يەنە ميۇنخېن شەھىرىدە د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەرىپىدىن خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ.