فىنلاندىيىدە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى

مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە خانىم رىياسەتچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قايتا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يۈزلۈك باشلىۋەتتى.

شۇ قاتاردا تۈنۈگۈن، يەنى، 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، فىنلاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەشكىللىنىپ، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى ھېلسىنكىدىكى دۇنياغا مەشھۇر ماننەر ھەيكىلى ئالدىدا باشلانغان  نامايىشقا، فىنلاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە فىنلاندىيىلىك دوستلار، تۈركلەر، چېچەنلەر، ئەزەربەيجانلىقلار، ئەرەبلەر ۋە ئافرىقىلىق دوستلارمۇ ئۇيغۇر نامايىشچىلار سەپىدىن ئورۇن ئالدى.

ماننەر مەيدانىغا توپلانغان  نامايىشچىلار، ئەتراپتىكى ئاممىغا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 5 – ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتتى، شۇنداقلا بۇ ھەقتە قىسقا نۇتۇقلار سۆزلىدى.

” قاتىل خىتاي، قىرغىنچىلىقنى توختات ” دەپ شوئار توۋلاشقان نامايىشچىلار قوشۇنى، ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ۋە لوزۇنكىلارنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ، ھېلسىنكىدىكى ياۋروپا پارلامېنتى مەركىزى بىناسىغا يۈرۈش قىلدى، بۇ يەردە خىتايغا قارشى بىر پەس شوئار توۋلاشقان نامايىشچىلار، ياۋروپا پارلامېنتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

ئارقىدىنلا نامايىشچىلار قوشۇنى فىنلاندىيە پارلامېنت بىناسىغا يۈرۈش قىلدى.

پارلامېنت ئالدىدا ئەتراپتىكى ئاممىغا ۋە مۇخبىرلارغا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن نامايىشچىلار، فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

تەخمىنەن بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان نامايىش، ھىلىنىسكى پۇقرالىرىنىڭ ئالاھىدە دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى.

د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى دۇنيادىكى 20 گە يېقىن دۆلەتتىكى 30 غا يېقىن شەھەردە بىرتۇتاش ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بۈگۈن كەچتىن ئېتىبارەن ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە چوڭ نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن فرانسىيىگە ئارقا – ئارقىدىن يولغا چىقماقچى.