ب د ت ئالدىدا خىتايغا قارشى خەلقئارالىق زور نامايىش چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى

DUQ NAMAYISH UQTURUSH

د ئۇ ق جىددىي چاقىرىقى!

ئەزىز ۋەتەنداشلار،

خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئېتىپ ئۆلتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي، دىنىي، مىللىي كىملىكلىرىگە شەرمەندىلەرچە تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكەتلىرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يىل يولغا قويغان <<تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>> ۋە <<چەتئەل تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى>> ئارقىلىق، مۇھاجىرەتتە مىللىي مۇجادىلىلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا بولغان زىيانكەشلىكلىرىنىمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيتمەكتە.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 53 دۆلەتنىڭ بىرى. خىتاي ب د ت دىكى بۇ ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرى ئۈچۈن پىكىر بايان قىلغۇچى خەلقارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ب د ت دىكى كۆزەتكۈچىلىك ئورنىنى بىكار قىلىشتەك سۈيقەستلىرىنى جىددىلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنىڭ ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىنى چەكلەش مەقسىدىگە يېتىشكە ئۇرۇنماقتا. ھەر يىلقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا جامائىتىگە يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ ب د ت دا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىمۇ جىددىي تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. خىتاينىڭ بۇ سۈيقەست ۋە تەھدىتلىرىنى يوقىتىش، نۆۋەتتىكى تەخىرسىز تەدبىر قوللىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا.

بۇ يىل 13 – سىنتەبىردىن 30 – سىنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مىللىي دەۋايىمىزنىڭ زۆرۈر ئىھتىياجى. 2017 – يىلى مارت ئايلىرىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چوڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىتاينى بۇ سايلامدا مەغلۇپ قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقىدىن قالدۇرۇش، ماھىيەتتە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ب د ت دا قولغا كەلتۈرگەن بۈيۈك غەلىبىسى بولىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، د ئۇ ق ۋە خەلقارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنى بىر قانچە مىڭ كىشىلىك خەلقارالىق بىرلەشمە زور نامايىش تەشكىللەشنى قارار قىلدى. نامايىشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، تۈرك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەزالىرى قاتنىشىدۇ.

ب د ت دا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان دەل شۇ دەقىقىلەرگە توغرۇلاپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ نامايىشقا، ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى مىللەتنىڭ قايغۇسىغا شېرك بولۇشنى، ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغان بارلىق ۋىجدانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىمىز. نامايىش سېپىگە قوشۇلۇشقا ئىمكانى يار بەرمىگەنلەرنىڭ ماددىي تەرەپلەردىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇ قېتىمقى نامايىش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ب د ت دا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇش پۇرسىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلىقى، غۇرۇرى، ئىمانى، ۋىجدانى بىلەن بۇ چاقىرىققا بىر ئۈلۈش ئاۋاز قوشسىڭىز، خارلىق ئىچىدە پەريات  چېكىۋاتقان مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز نامىدىن رەھمەتلەر ئېيتىمىز. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى