دئۇق: ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق ناملىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
Logo
دئۇق نىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى ۋە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى، خەلقارا مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن،  2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-26-كۈنلىرى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە، „ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى“ ماۋزۇلۇق خەلقارا يىغىن ئۆتكۈزىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەرقىي تۇركىستاندا ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان „قاتتىق زەربە بېرىش“ ھەرىكتى نەتىجىسىدە، ئون مىڭلارچە بىگۇناھ ئىنسانلىرىمىز تۇتقۇن قىلىندى، مىڭلارچە ئىنسان ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى، يۈزلەرچە ئىنسان خالىغانچە ئۆلتۈرۈلدى.
ئۇيغۇرلار، خىتاي دۆلەت تېررورىزمىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا جان بىخەتەرلىكى يوق، كۈندىلىك ھاياتى ئەنسىزلىك ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى. بۇ سەۋەپتىن مىڭلارچە ئۇيغۇرلار ، ھەتتا ئاياللار ۋە بالىلارمۇ ۋەتىنىنى تاشلاپ قېچىشقا،  چەتئەللەردە مۇساپىر بۇلۇپ ياشاش يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى. بۇلارنىڭ بىر قىسىمى تۇركىيە دۆلىتىنىڭ قۇچاق ئېچىشىغا ئېرىشىپ،  تۈركىيىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان، خىتاي تەھتىدىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلار خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىشتەك پاجىئەلىك تەقدىرگە مۇپتىلا بولدى. ھەتتا ھازىرغىچە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلار تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۈرمىلىرىدا، دۇنيانىڭ ئىگە چىقىشنى، ياردەم قۇلىنى سۇنۇشنى كۈتمەكتە. ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتقان جىددى بىر مەسىلە بۇلۇپ ئوتتۇرىغا چىقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يېڭى بىر مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن تارىخى جەريانغا  ۋە مۇرەككەپ سىياسى باغلىنىشقا ئىگە بىر ھادىسە.
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۇركىستاننى ئىستىلاھ قىلغان 65 يىللىق جەريانغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە قېتىملىق چەتئەللەرگە كۆچ دولقۇنىنى باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى كۆرۈمىز. بۇ كۆچلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى بولسىمۇ، ئەمما بىر قاتار خەلقئارالىق مۇرەككەپ سىياسى ۋەزىيەت ۋە ئۆز مەنپەئىتى ئۇچۇن ئۇيغۇرلاردىن پايدىلانغان تاشقىي كۈچلەرنىڭمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغانلىقى بىر رېئاللىق.
شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسى خىتاي ئۇچۇن ئەڭ جىددى بىر مەسىلە بولۇۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلار خەلقارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈن-تەرتىبدە مۇھىم بىر تېمىغا ئايلىنۋاتقان بىر چاغدا،  ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسى بەلكىم ئالدىمىزدا تېخىمۇ نازۇك ، مۇرەككەپ ۋە مۇھىم بىر مەسىلە بۇلۇشى مۇقەرەر.
شۇڭا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى مەسىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلىچىكى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئەلىپ بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر بولماقتا. بۇ سەۋەپتىن دئۇق، ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسى ھەقىدە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىشنى قارار قىلىدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا گېرمانىيە ھۆكۈمەت، پارلامېنت ۋەكىللىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق، مۇھاجىرلار ۋە ئىنسانىي ياردەم  تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى، مۇھاجىرلار ساھەسى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، پائالىيەتچىلەر، شۇنداقلا ۋەتەندىن يېڭى قېچىپ چىققان، جاپالىق سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن شاھىتلار.. تەكلىپ قىلىنىدۇ  ۋە پىكىر بايان قىلىدۇ.
يىغىندا ئۇيغۇرنىڭ مۇھاجىرلىق ھاياتىغا مەجبۇر بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرقى ئەھۋالى، كېلىچىكى، ئۇيغۇر مۇساپىرلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، مۇھاجىرلار خىزمەتلىرىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر، سادىر بولغان سەۋەنلىكلەر، مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى، خەلقئارا تەجرىبىلەر…قاتارلىق تېمىلار بويۇنچە دوكلاتلار تەقدىم قىلىنىدۇ ۋە بەس مۇنازىرىلەر بۇلۇپ ئۆتىدۇ.
يىغىنغا قاتنىشىشنى ۋە ماقالە تەقدىم قىلىشنى خالايدىغان تەشكىلات رەھبەرلىرى، پائالىيەتچىلەر، مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن بۇرۇن دئۇق غا يازما شەكىلدە ئىلتىماس قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.
پوچتا ئادرىسى:
World Uyghur Congress
Adolf-Kolpingstr.9
80336 München
Germany
(ئەسكەرتىش: يىغىنغا ئىلتىماس قىلغۇچى نامزاتلار ئىچىدىن تاللىنىپ، قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ يىغىن جەريانىدىكى ياتاق-تاماق چىقىملىرىنى دئۇق ئۇستىگە ئالىدۇ.)
ھۆرمەت بىلەن،
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى