دئۇق ئاخباراتى : خىتاينىڭ 66 يىللىق ئىشغالى ۋە 60 يىللىق ساختا ئاپتونومىيىسى ئاستىدىكى بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستانغا قىسقىچە بىر نەزەر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

Logo

شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇستەبىت ۋە فاشىست تۈسنى ئالغان دۆلەت تېررورى قاپلىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان، قانلىق كۆز يېشى ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دات – پەريادلىرى پۈتۈن زېمىننى لەرزىگە سالغان، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ” دۈشمەن مىللەت ” دەپ قارىلىپ، پۈتۈن خىتاي مىقياسى بويىچە خىتاي ساقچى – ئەسكەرلىرىنىڭ ۋە ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خالىغانچە بوزەك قىلىشىغا، خورلىشىغا، تۇتقۇن قىلىشىغا، قىينىشىغا ۋە ئۆلتۈرۈلۈشىگە تۇتۇپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى ھېچ بىر ئار – نومۇس قىلماستىن، ئاتالمىش ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 – يىللىقىنى، يەنە شۇنداقلا ” شىنجاڭنىڭ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 66 – يىللىقى ” نى داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەشكە ھازىرلانماقتا، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ” قوش بايرام ” دەپ جاكارلاپ، ھازىردىن باشلاپ تۈرلۈك سۈنئىي ۋە ساختا تۈسنى ئالغان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە !

خۇددى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئېنىق مەلۇم بولغىنىدەك، 1 – ئۆكتەبىر بولسا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ” قوش بايرام ” ئەمەس، ئەكسىچە ” قوش ئاپەت ” ۋە ” قوش مۇسىبەت ” تىن ئىبارەت !

بىرىنچى ئۆكتەبىر، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن يېڭى بىر مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ۋە يېڭى بىر زۇلۇم دەۋرىنىڭ باشلانغان كۈنىدىن ئىبارەت !

بىرىنچى ئۆكتەبىر، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇپ مۇستەقىل ياشاش ئارزۇلىرىنىڭ ۋە ھەقلىرىنىڭ زورلۇق كۈچ بىلەن تارتىۋېلىنغان ماتەم كۈنىدىن ئىبارەت !

بىرىنچى ئۆكتەبىر، ئۇيغۇر خەلقىگە ئاتالمىش ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” دېگەن بۇ ئىسمى بار، جىسمى يوق، ” ئاپتونومىيە ” دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ روھىغا تامامەن زىت ۋە خىلاپ كېلىدىغان ۋە قويۇق مۇستەملىكىچىلىك تۈسىنى ئالغان بىر مۇستەبىت مەمۇرى ئورگاننىڭ زورلاپ تېڭىلغان كۈنىدىن ئىبارەت !

شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ” شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ” دېگەن بۇ سەپسەتىسىنى ئىزچىل تۈردە قېتى رەت قىلىپ كەلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 66 يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تىنىمسىز كۈرەش قىلىپ كەلدى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ئۇرۇش ۋەزىيىتى ھۆكۈم سۈرمەكتە ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك شەكىلدىكى مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غايە ۋە ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرماقتا !

شەرقىي تۈركىستان، 1949 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالى ۋە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى بىر زېمىن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى پۈتۈنلەي 66 يىللىق بۇ ئىشغال ۋە مۇستەملىكىگە قارشى مىللىي كۈرەشتىن ئىبارەت !

ئۇيغۇر خەلقى بۇندىن 60 يىل بۇرۇن ئۆزلىرىگە زورلاپ تېڭىلغان ئاتالمىش ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” نى ھېچ بىر زامان قوبۇل قىلغىنى يوق ۋە ئۇيغۇر خەلقى بۇ ئاتالمىش ” ئاپتونوم رايون ” نى مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن ئۆزلىرىنىڭ پۇتىغا سېلىنغان بىر كىشەن دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇ ئاتالمىش ” ئاپتونوم رايون ” ھازىر بۇ زېمىننىڭ ھەققى ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن سەپى ئۆزىدىن بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدىن ئىبارەت !

بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ” كەڭ كۆلەمدە بازارغا سېلىشى ۋە بۇ ” ئاپتونوم رايون ” نىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قانداقتۇر ” تەرەققىيات، بەخت – سائادەت ۋە خاتىرجەملىك ” ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن سۆز ئېچىشى، ماھىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىنغان ئېغىر بىر ھاقارەت ۋە كەمسىتىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ب د ت نىڭ نىزامنامىسىدە ئاپتونومىيىلىك جايلار ھەققىدە تەكىتلەنگەن پرىنسىپلارنىڭ، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي باياننامىسىنىڭ روھىغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەتتىن ئىبارەت !

مەسىلەن، ھازىرقى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش ” قانۇنسىز دىنىي ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ” دېگەن نىقاب ئاستىدا خەلقىمىزگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى، ” چوڭ غەربى شىمالنى ئېچىش ” دېگەن نامدا شەرقىي تۈركىستان رايونىدا يەرلىكلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادى جەھەتتىكى تالان – تاراج سىياسىتى، ئاتالمىش ” قوش تىللىق ئوقۇتۇش ” دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش ” پىلانلىق تۇغۇت ” سىياسىتى، ئاتالمىش ” ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا يۈزلەندۈرۈش ” دېگەن نامدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى يۆتكەش سىياسىتى، ” 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ” دېگەن نامدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش، قىيىن – قىستاققا ئېلىش ھەرىكىتى … مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى قايسى بىر ئاپتونومىيىلىك جايلاردا مەۋجۇت ؟!

بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە بىر مەھەللىدىن يەنە بىر مەھەللىگە بېرىشىمۇ چەكلەندى،مەھەللە – مەھەللىلەرگە قۇرۇلغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ” تېررور گۇماندارى ” دەپ ئەتىپ ئۆلتۈرۈلدى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن يېزا – قىشلاقلىرىنى خىتاينىڭ، ” مەھەللە ئاتلاپ ناماز ئوقۇش قانۇنغا خىلاپ “، ” كېۋەزلىكتە ناماز ئوقۇش قانۇنغا خىلاپ “، ” رامزاندا دۇكانلاردا ھاراق – تاماكا ساتماسلىق قانۇنغا خىلاپ “، ” ئۆيدە يوشۇرۇن دىنىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش قانۇنغا خىلاپ ” … دېگەندەك گىتلېر گېرمانىيسىنىڭ فاشىست ۋاسىتىلىرىدىن پەرق قىلمايدىغان چەكلەش بۇيرۇقلىرى قاپلىدى …
مانا بۇ غەيرىي ئىنسانى ۋە فاشىست قىلمىشلار ” ئاپتونومىيە ” دېگەن بۇ شەرەپلىك ئۇقۇمنىڭ قايسى روھىغا ماس كېلىدۇ ؟!

شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىرىنچى ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ماتەم كۈنى دەپ جاكارلاپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئەركىن، ھۆر ياشاش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە !

ھازىرغا قەدەر كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرقانچە قېتىم مەخسۇس ” ئاق تاشلىق كىتاب ” ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاشقا، ” ئاتالمىش ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” نىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، ئۇنۇڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئاتالمىش ” ئاپتونوم رايون ” دىكى سىياسىي، ئىقتىسادى،مەمۇرى، قانۇنىي جەھەتلەردىكى ۋەزىيىتى ۋە ئورنى ھەققىدە يالغان ۋە ساختا مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، خۇددى بۇ ” ئاپتونوم رايون ” ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن قۇرۇلغاندەك، ئۇيغۇرلار قانداقتۇر ” ئاپتونومىيىلىك ھەق – ھوقۇقلار ” دىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك بىر ساختا مەنزىرىنى يارىتىشقا ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە يولغا قويۇپ كەلگەن كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى تۈپەيلىدىن بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى؛

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا 50 قېتىمغا يېقىن ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە تۈرلۈك غەيرىي كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۈش ۋە تالان – تاراج قىلىش ئارقىلىق، بۇ گۆھەر زېمىننىڭ ھەققى ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات مىللەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا نەسلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان مەجبۇرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋە بۇ سىياسەتنى قاتتىق قوللۇق بىلەن رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، مىليونلىغان ئانا – بالىلارنىڭ بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي مائارىپنى مەجبۇرى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ھازىر ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ سىستېمىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرى ئۆزىنىڭ ئانا تىل – يېزىقىنى، ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ قويۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئاتالمىش ” مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىش ” دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ۋە تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا يۈزمىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى، يەنە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم بولدى.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يۇرت – ماكانلىرىدىن باشقا يۇرتلارغا ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ھەيدىلىپ، خانىۋەيرانچىلىق ۋە مۇساپىرلىق ئىچىدە ياشىماقتا، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە خىتاي خوجايىنلارنىڭ قولىدا قۇل – دېدەك ئورنىدا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.

يەنە ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادىدىن ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن تامامەن ۋاز كېچىشكە قىستالماقتا ….

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىدىن تارتىۋاتقان يۇقىرىقىدەك كۈلپەتلىرىنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس !

كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلمەتلىك 60 يىلى پۈتۈن خەلقىمىزگە بەش قولدەك ئايان، خەلقىمىز بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئاللىبۇرۇن تولۇق كۆرۈپ يەتتى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ھەرگىز ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 60 يىللىق جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ !

ئۇنداقتا بىز بۇ ئاتالمىش ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” نىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى ۋە بۈگۈنكى سىياسىي تۈزۈلمىسىگە بىر نەزەر سېلىپ باقايلى :

خۇددى باشتا تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قۇرۇلغان ھازىرقى ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” بولسا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسى ۋە ماقۇللۇقى بىلەن قۇرۇلغان ئەمەس، بەلكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زورلاپ تېڭىلغان بىر سۇنى مەمۇرى ئورگاندىن ئىبارەت.

” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” نىڭ بۈگۈنكى سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە مەمۇرى شەكلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ ئاپتونومىيىلىك جايلار ھەققىدىكى ماددىلىرىغا، ” جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ” غا ۋە ب د ت نىزامنامىسىدە ئاپتونومىيىلىك سالاھىيەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ھەققىدە تەكىتلەنگەن پرىنسىپلىرىغا تامامەن زىت ۋە خىلاپ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلق ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” قۇرۇلغان 1955 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن ھېچ بىر ۋاقىت ئىچكى جەھەتتە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمىدى.

مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1984 – يىلى 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئېلان قىلىنغان ” مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ” نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىمۇ بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىلىپ، ” مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە – ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم ئورگانلارنى تەسىس قىلىپ، ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى نامايان قىلىش ” دەپ كۆرسىتىلگەن.

يەنە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تەرىپىدىن 2005 – يىلى 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئىمزا قويۇلۇپ تارقىتىلغان ۋە 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان، ” مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى ” دىمۇ ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى رىيال ۋەزىيىتىگە باققىنىمىزدا، يۇقىرىقى پىرىنسىپىنىڭ روھىغا پۈتۈنلەي قارىمۇ – قارشى بىر سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

بۈگۈن دۇنيادىكى خىتايدىن باشقا ئەللەردە تەسىس قىلىنغان ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئىچكى جەھەتتە پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتلەر بىلەن فېدېراتسىيە مۇناسىۋىتى بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، قانۇنىي ۋە مەمۇرىي سىستېما تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونومىيىلىك جايلار دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلاپ چىقىلغان مىللىي پارلامېنت ۋە مىللىي ھۆكۈمەتلەرگە ئىگە، شۇ جايلارنىڭ سىياسىي تۈزۈمى مەركىزى ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا ئىگە جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئەركىن ئىرادىسى ئارقىلىق بېكىتىلگەن، بۇ خىل سىستېما، ب د ت نىڭ نىزامنامىسىگە ۋە خەلقئارالىق قانۇن – پرىنسىپلارنىڭ روھىغىمۇ باب كېلىدۇ.

ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىدىن شۇ نوختىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، بۇ رايوندا ھېچ بىر زامان يۇقىرىقى پرىنسىپلاردا تەكىتلەنگەن ھەققى ئاپتونومىيە مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىمىيەت ئورگانلىرى تۆۋەندىكى 5 چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپقان :

1) ” جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ” ( قىسقارتىلىپ ” ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ” دەپ ئاتىلىدۇ )

2) ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى “

3) ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى “

4) ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى “

5) ” شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى “

يۇقىرىقى 5 ئورگاننىڭ مەمۇرى جەھەتتىكى دەرىجىسى ئۆلكە ياكى مىنىستىر دەرىجىلىك بولۇپ، 1949 – يىلى 10 – ئايدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك پۈتۈن ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئەمىلى مەمۇرى باشقۇرۇش ھوقۇقى ” ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ” نىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلدى.

مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى نازارەت، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت ۋە مەھەللە دەرىجىلىك مەمۇرى ئورگانلارنىڭ ھەممىسىدە مەخسۇس پارتىيە كومىتېتلىرى، پارتىيە ياچېيكىلىرى ۋە پارتىيە گۇرۇپپىلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شۇ ئورگانلارنىڭ ئەمىلى ھوقۇقى مۇشۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ۋە بۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ 95 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى خىتايلار تەشكىل قىلغان.

شەرقىي تۈركىستاندا پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن باشقا ھېچ بىر يەرلىك مەمۇرى ئورگاننىڭ ۋە بۇ ئورگانلارنىڭ يەرلىك مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان ھېچ بىر مەسئۇلىنىڭ ئەمىلى باشقۇرۇش ھوقۇقى يوق، ئۇلار پەقەت ئىسمى بار، جىسمى يوق قۇرۇق ھەيكەللەردىن ئىبارەت !

ھەتتا ، ” ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى “، ” ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ” ۋە ” ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ” قاتارلىق يەرلىك 3 چوڭ ئالىي ئورگاننىڭمۇ ” ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ” نىڭ رۇخسىتى ۋە تەستىقسىز ھېچ بىر قارار ئېلىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقى يوق، كومپارتىيە ئەزاسى بولمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ” ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ” گە رەھبەر بولۇش سالاھىيىتى يوق، ” ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ” بىلەن ” ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ” ۋەكىللىرىنىڭ 95 پىرسەنتى كومپارتىيە ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ كومپارتىيە ئەزالىرىغا ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ۋە ” ئاپتونوم قانۇنلۇق پارتكوم ” نىڭ بۇيرۇقىغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىش مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن، شۇڭا، بۇ يەرلىك ئورگانلار قارار ئېلىش ئورگىنى ئەمەس، بەلكى كومپارتىيىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىدىن ئىبارەت !

بۇ نورمالسىز سىستېما، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوچۇقلا كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

يۇقىرىقىسى پەقەت ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” نىڭ كىملەر تەرىپىدىن قانداق ئىدارە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ، شۇنداقلا بۇ رايوندا ھەققى بىر ئاپتونومىيىنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنىڭ ئاددىي بىر مىسالدىنلا ئىبارەت.

بۇ رايوندا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ يىلدىن – يىلغا كۆپىيىپ بېرىشىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىق ھەم قارشىلىقلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا كۈچىيىپ بېرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى بولسا خۇددى دەسلىپىدە تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ زورلاپ تېڭىشى بىلەن سۇنى ئۇسۇلدا مەجبۇرى تۇرغۇزۇلغانلىقىدىن ئىبارەت.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2015 – يىلى 1 – ئۆكتەبىر