د ئۇ ق باياناتى : بارىن ئىنقىلابىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز!

2010-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 

بۇندىن 20 يىل مۇقەددەم، يەنى، 1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، شەرقىي تۈركىستاندا،  بارىن يېزىسىدا ھەيۋەتلىك كۈرەش سىگنالى ياڭراپ، زۇلمەت قاپلىغان بۇ زېمىندا خەلقىمىزنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى نەرە سادالىرى يەر – جاھاننى تىترەتكەن ئىدى.

ئۇشبۇ مۇقەددەس كۈندە، زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى قەھرىمان ئوغۇل – قىزلىرىمىز، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا باش ئەگىپ، قۇل بولۇپ ياشاشتىن، ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلگەن ئىدى.

بارىن قەھرىمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھاياتى بەدىلىگە كۈرەشچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە جەڭگىۋار ئەجدادلىرىمىزنىڭ زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە تەز پۈكمەيدىغان كۈرەشچان روھىنى نامايان قىلغان ئىدى.

بارىن ئەزىمەتلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە، ھۆرلۈككە بولغان تەشنالىقى ۋە ئارزۇسىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاش بىلەن بىرگە، خەلقىمىزنىڭ دىلىغا مىللىي ئويغىنىش ۋە مىللىي كۈرەش ئۇرۇقىنى چاچقان ئىدى.

بارىن ئىنقىلابى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئەبەدى خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان بىر مۇقەددەس كۈن سۈپىتىدە تارىخ بەتلىرىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالدى.

بارىن ئىنقىلابىنىڭ 20 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بارىن قەھرىمانلىرىغا، بارىن روھىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بارلىققا كەلگەن 5 – فېۋرال غۇلجا ھەرىكىتىدىكى، شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ھەرىكىتىدىكى قەھرىمان ئوغۇل – قىزلىرىمىزغا، شۇنداقلا ئۆز خەلقىنىڭ، ۋەتىنىنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلۈكى يولىدا قىممەتلىك ھاياتىنى پىدا قىلغان بارلىق شەھىدلىرىمىزغا بولغان ئالىي ئېھتىرامىمىزنى ۋە چوڭقۇر سېغىنىشىمىزنى قايتىدىن ئىزھار قىلماقچىمىز !

بارىن ئىنقىلابىدىكى شېھىتلىرىمىزنىڭ روھى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ!

ئەلۋەتتە، ئاققان قانلار، تۆلىگەن بەدەللەرنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان زامان چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ. فاشىست خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلىپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە قەد كۆتۈرىدىغان دەۋرى چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ.
 
قۇرۇلتىيىمىز 2005 – يىلى مەخسۇس قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنىنى، “شېھىتلەر كۈنى “ دەپ جاكارلىغان، شۇنداقلا  چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ ئەھمىيەتلىك كۈندە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق بارىن شېھىتلىرىنى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا شېھىت بولغان بارلىق قەھرىمانلىرىمىزنى ئەسلەشكە چاقىرغان ئىدى.

بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش، زەينىدىن يۈسۈپ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلىرىمىزنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زور بىر مىللىي مەجبۇرىيىتىدىن ئىبارەت !
 
بىز ھەر يىلى بۇ تارىخى زور ۋەقەنى ئىپتىخار بىلەن خاتىرىلىگەن ۋاقتىمىزدا، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئەركىنلىكى  ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىۋاتقان يەنە مىڭلىغان زەينىدىن يۈسۈپلەرگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز. ئاللا رىزاسى ئۈچۈن مىللىي ھەرىكىتىمىزنى ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملىرى بىلەن قوللاۋاتقان خەلقىمىزگە رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمىز.
 
ھەرقايسى ئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى تەركىبىدە خالىس ئەجرى بىلەن كۈرىشىمىزنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىۋاتقان پىداكار ئوغلانلارغا تەشەككۈر ئىزھار قىلماي تۇرالمايمىز.
 
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى