تارىم ئويمانلىقىدىكى مىللىي ئىسيانلار نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن 6 شەھەر دەپ ئاتالغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تارىختىن بۇيان تارىم ۋادىسى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاساسلىق مەركىزى بولۇپ كەلگەن، مەمۇرچىلىق قاپلىغان باياشات بىر رايون ئىدى.

بۈگۈن بولسا تارىم ئويمانلىقى خىتاي بويىچە ئەڭ مۇقىمسىز رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، تارىم ۋادىسىدىكى مىللىي ئىسيانلار ۋە قارشىلىق كۆرۈنۈش ھەرىكەتلىرى بىر – بىرىگە ئۇلىشىپ ئايىغى ئۈزۈلمەي داۋام قىلماقتا. تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت قۇدۇقلىرى، تەبىئىي گاز ئېغىزلىرى ۋە زاۋۇت، كان – كارخانىلارنىڭ سانى كۆپەيگەنسېرى، بۇ ۋادىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ چۇقان ۋە ئىسيان سادالىرى شۇنچە كۈچىيىپ باردى.

كېيىنكى يىللاردىن بۇيان خوتەندىن تارتىپ تاكى كورلىغا قەدەر پۈتۈن تارىم ۋادىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي ئىسيان يۈز بەرمىگەن بىرمۇ يۇرت قالمىدى، مەسىلەن، خوتەن خانئېرىق ۋەقەسى، گۇما ۋەقەسى، يەكەن قىرغىنچىلىقى، مارالبېشى سېرىق بۇيا ۋەقەسى، ئۇچتۇرپان ۋەقەسى، باي ۋەقەسى … بۇ خىل قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس !

ئۇنداقتا تارىم ئويمانلىقىدا كۈندىن – كۈنگە ئۇلغىيىشقا باشلىغان مىللىي كۈرەش يالقۇنلىرى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟

شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئورتاق قارىشىچە، بۇ رايوندىكى مىللىي ئىسيانلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ئارتۇقچە باش قاتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى تارىم ۋادىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىلا ھەممىگە تولۇق جاۋاب بولالايدۇ.

مەسىلەن، بۈگۈن تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرى، تەبىئىي گاز ئېغىزلىرى، كۆمۈر كانلىرى شۇ دەرىجىدە كۆپكى، خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ئەسلىتىدۇ، نېفىت ۋە گاز تۇرۇبىلىرى خۇددى بوغماق يىلاندەك پۈتۈن ۋادىنى چىرماپ ئالغان، كورلىدىن تارتىپ تاكى خوتەنگىچە ئاساسلىق چوڭ ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى نېفىت – خىمىيە زاۋۇتلىرى، نېفىت قوماندانلىق شتابلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قارايدىغان بۇ نېفىتلىك ۋە كان – كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان 100 مىڭلىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى خىتايلاردىن ئىبارەت ۋە بۇلار ئۈچۈن سانسىزلىغان زامانىۋى ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىنغان.

بۇ خىتاي ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى 10 مىڭ يۈەندىن كەم ئەمەس ۋە بۇ، جەنۇبى رايونلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىرقانچە يىللىق كىرىمى بىلەن تەڭ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا مودا ۋە ئېسىل كىيىم، ئاستىدا پىكاپ، يېيىشى گۆش – ماي، ئىچىشى شاراب، ئۆيى بىكارلىق، ئوتۇن قالايدىغان ئىش يوق، ھەممىسىنىڭ ئۆيىدە زامانىۋى گاز ئوچاقلىرى بار، سۇدىن، توكتىن غېمى يوق.

ئەپسۇسكى، ئۇلار كەيپ سۈرۈۋاتقان مۇھىتنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بېقىڭ:

كۆپىنچىسىنىڭ ئولتۇرىدىغىنى لاي – كېسەكتە سېلىنغان خارابە ئۆيلەر، ئۆي – ئۆيلەردە قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولغان ئاتا – ئانىلارنىڭ يىغا – زارلىرى، ئوچاقتا قالايدىغانغا گاز تۇرماق ھەتتا كۆمۈرمۇ يوق، كوچا – بازارلارنى ئۇچىسى جۇل – جۇل، قورسىقى ئاچ يەرلىك تىلەمچىلەر قاپلىغان، شەھەر – بازارلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىشسىز، ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ ئىرەن ساداسى ھەممە ياقنى قاپلىغان، يەرلىكلەرنىڭ كۆزلىرى تەشۋىش ۋە نەپرەتكە تولغان.

دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى يەنە بۇرۇنقىدەك ئىپتىدائىي ۋە قالاق، يۇقىرىدەك روشەن سېلىشتۇرمىلار ھەققىدە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆپلىگەن ماقالە ۋە پروگراممىلار ئېلان قىلىندى.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىكلەرگە قاراتقان ئىقتىسادى جەھەتتە مۇستەملىكىلەرچە سۈمۈرۈش، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش، قارشى چىققۇچىلارنى بېسىم، تەھدىت ۋە زەربە بىلەن سىڭدۈرۈش سىياسىتى، بۇ رايونلاردا مىللىي ئىسيانلارنىڭ تېخىمۇ ئەۋجى ئېلىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللاردىن ئىبارەت.

ئەمەلىيەتتە بولسا بۈگۈن تارىم ئويمانلىقى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا جەھەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق بازىلىرىنىڭ بىرى.

مەسىلەن، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە تارىم ئويمانلىقىدا دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ بايقالغان نېفىت زاپاس مىقدارى بىر مىليارد 730 مىليون توننا بولۇپ،
يىللىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 50 مىليون مىليون توننىغا يېقىنلىشىدۇ

شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تارىم ئويمانلىقىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان.

يەنە كېلىپ باي ناھىيىسىگە ۋە خوتەننىڭ بۇيا يېزىسىغا تەسىس قىلىنغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كانلار بولسا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى بولۇپ، خۇددى موزدۇزنىڭ پۇتىدا ئاياق يوق دېگەندەك، بۇ ئىككى ناھىيىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھازىرغىچە قالىغىلى كۆمۈر يوق، جاڭگالدىن ئوتۇن تېرىپ ھايات كەچۈرمەكتە.

يەنە مەسىلەن، 1988 – يىلى مەركەزنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پوسكام ناھىيىسىدە تەسىس قىلىنغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت – خىمىيە زاۋۇتىمۇ خىتاينىڭ نۇقتىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان بېنزىن، خىمىيىۋى ئوغۇت قاتارلىق مەھسۇلاتلار خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئۆلكىلىرىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە.

ئەمما پوسكامچۇ ؟

يەر – يېرىدىن بۇلدۇقلاپ نېفىت ئېقىپ تۇرغان بۇ ناھىيە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ نامرات ناھىيە دەپ بېكىتىلگەن ناھىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئىپتىدائىي، تېرىلغۇ يەر ئاز، ئەمگەك كۈچى كۆپ، خەلقى نامرات، دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەن ئەتراپىدا، كۆپىنچىسى تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ ياشايدۇ، ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان سەنەركە ۋە خىمىيىۋى ئوغۇتتىن يەرلىكلەرگە بىرئاز ئىلتىپات قىلغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا پوسكامنىڭ دېھقانچىلىقى ماشىنىلاشقان، ئىشلەپچىقىرىشى تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولاتتى.

ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، نۆۋەتتە پوسكام ناھىيىسى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەڭ كۆپ ئەۋەتىۋاتقان ناھىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بەزى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ناھىيىدىن 2004 – يىلىدىن بۇيان پەقەتلا شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئەۋەتىلگەن قىزلارنىڭ سانى 5000 دىن ئاشىدۇ.

يەنە مەسىلەن، قاغىلىقتىكى كۆكيار نېفىتلىكىنى ئېلىپ ئېيتساق، 1977 – يىلى بايقالغان بۇ نېفىتلىك، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينى زور مىقداردا نېفىت بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ – يۇ، ئەمما بۇ ناھىيىمۇ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ” شىنجاڭ بويىچە نامرات ناھىيە ” دېگەن نامدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ ۋە بۇ ناھىيىمۇ ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىشنىڭ بايراقدارى.

مانا بۇ، بايلىققا تولغان تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى، بۇ خىل ئېغىر ئادالەتسىزلىك ۋە قاتتىق ئېكسپىلاتاتسىيە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر مۇھىتتا يەنە قانداقتۇر مۇقىملىق، تىنچلىق دېگەنلەردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ ؟