د ئۇ ق: كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى 60 يىللىق جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتىلالمايدۇ

2009-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 5 – ئىيولدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمقىدە بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا قارىتا باشلاتقان ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلىش ھەرىكىتى ئىزچىل تۈردە داۋام قىلىپ كەلمەكتە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەتىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا قوللۇشى ۋە قۇترۇتىشى، شۇنداقلا خىتاي ساقچى – ئەسكەرلىرىنىڭ قوغدىشى ۋە ماسلىشىپ بېرىشىگە ئېرىشكەن فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرى، 5 – ئىيولدىن ئېتىبارەن ھەركۈنى دېگۈدەك پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ھالدا قوزغىلىپ چىقىپ، ئۈرۈمقى كوچىلىرىدە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغان ئۇيغۇرلارنى ئوۋلاپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

قىسقىغىنە ئىككى ئاي جەريانىدا مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ياۋۇزلارچە قىرىپ تاشلاندى، 10 مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلاندى، يەنە 100 لىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىرقىي ھۇجۇمى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى، ھەر كۈنى دېگۈدەك خىتاي تۈرمىلىرىدىن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كېلىپ تۇرماقتا، بۇ ئىككى ئاي مابەينىدە ئۈرۈمچىنىڭ پۈتۈن بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالدى، ئۆي – ئۆيلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ماتەم يىغىسى ۋە ئاھ – پەريادلىرى كۆتۈرۈلدى.

بۇ خىل قىرغىنچىلىق ۋە دۆلەت تېرورى پەقەت ئۈرۈمچى بىلەن چەكلىنىپ قالغىنى يوق، خىتاي ھاكىمىيىتى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتكۈل رايونلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە، شاۋگۈئەن ئۈرۈمچىدە سوزۇلغان بۇ خىل ماتەم ۋە ئاھ – پەرياد سادالىرى بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن رايونلىرىغا يېيىلماقتا.

دېمەك بۈگۈن، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئېغىر ماتەم ۋە مۇسىبەت ئۈستىدە.

مانا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ۋە تراگېدىيىلىك بىر كۈندە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 60 – يىللىقىنى تەن – تەنە بىلەن قۇتلۇقلىماقتا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پارتىيە – ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بايرام تەن – تەنىسىگە ئورتاق بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇسىبەتلىك يىغىسى ۋە ئاھ – پەريادلىرىغا زىياپەت ۋە ئويۇن – تاماشا بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ كەلمەكتە.

قىسقىسى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ خىل رەزىل قىلمىشلىرى ئارقىلىق، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1 – ئۆكتەبىرنىڭ ھەقىقەتەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئاشكارىلاپ بەردى.

خۇددى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئېتىراپ قىلغىنىدەك، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئەڭ زور سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى شان دوڭ ئۆلكىسىدىكى شاۋگۈئەن شەھىرىدە باشلانغان  ۋە ئۈرۈمچىدە يۇقىرى پەللىگە چىققان بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى پۈتۈن دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن، ياۋروپا بىرلىكى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك ئەللىرى، شۇنداقلا پۈتۈن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەتتا چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىمۇ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە قانۇنىي جەھەتلەردە ئادىل سىياسەتنى يولغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ سەمىمىي تەلەپ ۋە تەكلىرىنى ئۆكتەملەرچە رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىنى، ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ كەلمەكتە.

ماھىيەتتە بولسا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن زۇلۇم،. بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى، شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئادالەتسىز سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى ۋە نەتىجىسى ئىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە، ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا ئارقا – ئارقىدىن ئىككى ئاتالمىش <ئاق تاشلىق كىتاپ> نى ئېلان قىلدى.
بۇلارنىڭ بىرى، 9 – ئاينىڭ 21 – كۈنى خىتاي مىنىستىرلار كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان،  <شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە راۋاجلىنىشى> دېگەن تەمىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب، يەنە بىرى بولسا، 9 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئېلان قىلىنغان،  <جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى> دېگەن ماۋزۇدىكى ئاق تاشلىق كىتاب ئىدى.

بۇ ئىككى ئاق تاشلىق كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 60 يىلى بولسا <شانلىق 60 يىل> مىش !
بۇ 60 يىل مابەينىدە خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا زور تەرەققىيات ۋە بەخت – سائادەت ئېلىپ كەلگەنمىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەڭ – باراۋەرلىكىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، <مىللى تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى> نى ئەستايىدىل ۋە مۇكەممەل ئىجرا قىلغانمىش، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ھەقىقىي يوسۇندا قوغدىغانمىش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانمىش، ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىللىق ئايىلىسىنى بەرپا قىلغانىمىش !!!!!

قىسقىسى، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دۆلەت بايرىمى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يۇقىرىقى ئىككى ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ ھەر ئابزىسى ۋە ھەر جۈملىسى، رىياللىقتىن تامامەن چەتنىگەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى پۈتۈنلەي بۇرمىلانغان  يالغان – ياۋىداق سۆزلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىدىن بۇيانقى 60 يىلىنىڭ، زۇلمەت ئىچىدە ئۆتكەن 60 يىل ئىكەنلىكى بۈگۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگىمۇ ئايان بولۇپ كەلمەكتە، شاۋگۈئەن ئىرقىي ھۇجۇم ۋە ئۈرۈمچىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىق ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتچىلىك، خىتايلار بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا تەڭ – باراۋەرلىكنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە ئوخشىغان مىللەتلەر ئۈچۈن قانداقتۇر بىر <ئىللىق ئائىلە > ئەمەس، بەلكى خورلىنىش ۋە ئېزىلىشكە ئۇچرايدىغان ئۈستى ئوچۇق بىر تۈرمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ روشەن تونۇپ يەتتى.

بولۇپمۇ شاۋگۈئەن بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا شەرقىي تۈركىستاندىن مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە يۆتكەپ كېلىنگەن بىرقانچە يۈز ئۇيغۇر دېھقاننىڭ، 10 مىڭلىغان فاشىست خىتاينىڭ ۋەھشىيلەرچە قانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ۋەقە جەريانىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىر چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرگەنلىكى، ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆلگەن ۋە يارىلانغان  ئۇيغۇرلارغا قارىتا پۈتۈنلەي مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ، ئۇلارغا قانۇنى جەھەتتىن ئىگە چىقمىغانلىقى، خىتاي قاتىللىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە يارىلانغان  ئۇيغۇرلارغا ۋەقەنىڭ ھەقىقىي جەريانىنى باشقىلارغا سۆزلىمەسلىك ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقى … مانا بۇلار، خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنىڭ جانلىق ئىسپاتىدىن ئىبارەت !

ئەگەر دىققەت قىلىدىغان بولساق، دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا يەر ئالغان 26 – ئىيۇن شاۋگۈئەن قانلىق ۋەقەسى بىلەن، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەردىكى مەنزىرە بىر – بىرى بىلەن پاراللېل ۋە ئەينەن بولۇپ، ھەر ئىككىلا كۆرۈنۈشتە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆچمەنلىكى، نەپرىتى، دۈشمەنلىكى ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكى تولۇق نامايان قىلىنغان ئىدى.

خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەيران قالارلىق بىر تەرىپى يوق، چۈنكى بۇ خىل قىرغىنچىلىق 1949 – يىلىدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنى دەھشەت ئىچىدە قالدۇرغىنى بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاش – تۇزىنى يەۋاتقان ئادەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان دەرىجىدىن تاشقىرى دۈشمەنلىك ۋە قىساس تۇيغۇسى ئىدى. بۈگۈن قارايدىغان بولساق، بۇ خىل دۈشمەنلىك ۋە قىساس تۇيغۇسى پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدىن ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتاي پۇقرالىرىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

ئەمەلىيەتتە بۇ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ، بارلىق ئىچكى – تاشقى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى، ” ئوغرى، بۇلاڭچى، قاتىل، بۆلگۈنچى، تېررورچى، رادىكال ئىسلامچى ” قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى، ” ۋەتىنىمىزنى بۆلۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان دۈشمەن مىللەت ” دەپ تەشۋىق قىلغانلىقىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىدى.

5 – ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە نامايىشقا چىققان ئۇيغۇرلار بولسا پەقەت شاۋگۈئەن ئىرقىي ھۇجۇمغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىنچلىق شەكلىدە نامايىش ئېلىپ بارغۇچىلار ئىدى، بۇ تىنچلىق نامايىشنىڭ قانخورلارچە قانلىق باستۇرۇلغانلىقىغا ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا 60 يىلدىن بۇيان قارىتىپ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەنلىكىگە پۈتۈن دۇنيا خەلقى شاھىت بولدى.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىگە قىسقىچە بىر كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى :

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە يولغا قويۇپ كەلگەن كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى تۈپەيلىدىن بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئازسانلىق ئورۇنغا  چۈشۈپ قالدى؛
خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا 50 قېتىمغا  يېقىن ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە تۈرلۈك غەيرىي كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۈش ۋە تالان – تاراج قىلىش ئارقىلىق، بۇ گۆھەر زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان  ئۇيغۇرلارنى خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات مىللەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا نەسلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان مەجبۇرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋە بۇ سىياسەتنى قاتتىق قوللۇق بىلەن رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، مىليونلىغان ئانا – بالىلارنىڭ بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي مائارىپنى مەجبۇرى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ھازىر ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ سىستېمىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ،ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرى ئۆزىنىڭ ئانا تىل – يېزىقىنى، ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ قويۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئاتالمىش <مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە> دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ۋە تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا يۈزمىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى، يەنە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم بولدى.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يۇرت – ماكانلىرىدىن باشقا يۇرتلارغا ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ھەيدىلىپ، خانىۋەيرانچىلىق ۋە مۇساپىرلىق ئىچىدە ياشىماقتا، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە خىتاي خوجايىنلارنىڭ قولىدا قۇل – دېدەك ئورنىدا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.

يەنە ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادىدىن ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن تامامەن ۋاز كېچىشكە قىستالماقتا ….

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىدىن تارتىۋاتقان يۇقىرىقىدەك كۈلپەتلىرىنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس !

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بۈگۈنكى كۈندە يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئىككى ئاق تاشلىق كىتاب بىلەن قىلىپ، ئۆزلىرىنى قانداقتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ باشپاناھى ۋە شەپقەتچىسى قىلىپ كۆرسىتىشى بولسا ئۇچىغا چىققان ئۆكتەملىك ۋە نومۇسسىزلىقتىن ئىبارەت !

كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلمەتلىك 60 يىلى پۈتۈن خەلقىمىزگە بەش قولدەك ئايان، خەلقىمىز بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئاللىبۇرۇن تولۇق كۆرۈپ يەتتى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 60 يىللىق جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ !

خىتاي ھاكىمىيىتى تارىختىن ساۋاق ئېلىشى لازىم، چۈنكى زۇلۇم، بېسىم، تەھدىت ۋە جازا بىلەن بىر مىللەتنى سىڭدۈرۈش، يوقىتىش ياكى بويۇن ئەگدۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، 60 يىللىق نەپرەت ۋە قىساس تۇيغۇلىرى بىلەن تاۋلىنىپ چىققان كۈرەش ئۇچقۇنلىرىنى ئۆچۈرۈش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، يەنە كېلىپ بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە مەيلى قانداق كۈچ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇردەك نەچچە 10 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە بىر مىللەتنى يەر شارىدىن تامامەن يوقىتىۋېتەلىشى زادى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بوسنىيە ۋە كوسوۋولۇقلارنى قىرغىن قىلغان سېرب قاسساپلىرىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم، دارفور رايونىدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان سۇدان مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىر خەلقئارادا قايسى دەرىجىدە يېتىم ۋە بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز.

خۇددى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي توقۇنۇش، ئىختىلاپ، زىددىيەت ۋە ئىسيانلارنى پەسەيتىش ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئالدىدا پەقەت بىرلا يول بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىپ كېلىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي، ئىقتىسادى جەھەتلەردە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئادالەتسىز سىياسىتىدىن ۋاز كېچىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆر، ئەركىن ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىستەكلىرىگە ھۆرمەت قىلىش !

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى