دئۇق ئاخباراتى : خىتاي رەھبەرلىرى خەلقئارا سوتتا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك !

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇشنى مەقسىتىدە سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا كەڭ كۆلەمدە يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررور سىياسىتى، تىپىك بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە ۋە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى، ب د ت تەرىپىدىن 1948 – يىلى ماقۇللانغان سسەچس ( ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئاڭلاشمىسى ) نىڭ پۈتۈن ماددىلىرى ۋە پرىنسىپلىرىغا تۈپتىن خىلاپتۇر !

جياڭزېمىن، خۇجىنتاۋ، شىجىنپىڭ باشچىلىقىدىكى ئۈچ ئەۋلاد خىتاي رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ياردەمچىلىرى ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ئۈچۈن مەركىزى گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدىكى خەلقئارا سوتتا ( UCM ) جازاغا تارتىلىشى لازىم !

” ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئاڭلاشمىسى ” دا، تۆۋەندىكى 5 تۈرلۈك ھادىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ۋە بۇ جىنايەتلەرنىڭ سادىر بولۇشىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك سەۋەبچى بولغۇچى شەخسلەرنىڭ خەلقئارا سوتتا ( خەلقئارا جازا مەھكىمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان :
مەلۇم بىر مىللەتنى، ئېرىقنى، ئېتنىك گۇرۇپپا ۋە دىنىي گۇرۇپپىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ ۋە بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرى مۇنداق :

يۇقىرىقى گۇرۇپپىلارغا مەنسۇپ ئىنسانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى؛

يۇقىرىقى گۇرۇپپىغا مەنسۇپ ئىنسانلارنىڭ جىددىي شەكىلدە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە زىيانغا ئۇچرىتىلىشى؛

يۇقىرىقى گۇرۇپپىغا مەنسۇپ ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ناچارلاشتۇرىلىشى؛

يۇقىرىقى گۇرۇپپىغا مەنسۇپ ئىنسانلار ئارىسىدا يېڭى تۇغۇتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنىشى؛

يۇقىرىقى گۇرۇپپىغا مەنسۇپ ئىنسانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا باشقا گۇرۇپپىلارغا زورلاپ بېرىلىشى؛

دېمەك، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىزچىل تۈردە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى ئاساسى نىشان قىلغان تۈرلۈك شەكىلدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىلا ب د ت نىڭ ۋە ب د ت تەرىپىدىن 1998 – يىلى قۇرۇلغان ۋە 2002 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي يوسۇندا ۋەزىپىسىنى باشلىغان خەلقئارا سوتنىڭ يۇقىرىقى ماددىلىرىنىڭ روھىغا تۈپتىن خىلاپتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي جەھەتتىن يوقىتىش ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلغان ۋە ھازىرمۇ قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە ئىرقىي يوقىتىش ھەرىكىتىنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلغۇچى شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئۈچۈن خەلقئارا سوتتا ھېساب بېرىشى ۋە جازاغا تارتىلىشى لازىم !

گەرچە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا سوتنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى رەت ئاۋازى بەرگەن ۋە خەلقئارا سوتنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن ” رىم ئاڭلاشمىسى ” غا ئىمزا قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما، خەلقئارا سوتنىڭ مەيلى ئىمزا قويسۇن ياكى قويمىسۇن، ئىنسانلارغا قارشى ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش سالاھىيىتى بار، سۇدان ۋە سابىق يۇگۇسلاۋىيەنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ۋە ھەربىي قوماندانلىرىنىڭ خەلقئارا سوتقا تارتىلىشى بۇنىڭ جانلىق ئۆرنەكلىرىدىن ئىبارەت !

بىز، باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، پەقەتلا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا جەريان قىلىۋاتقان ھادىسىلەرگە نەزەر سېلىپ باقايلى :

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقى ئاستىدا 2014 – يىلى 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئاتالمىش ” تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ” دېگەن ساختا سىياسىي شوئار ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى باشلىتىلغان ” بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ئالاھىدە ھەرىكىتى ” دىن بۇيانلا خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرى بويىچە 300 نەپەرگە يېقىن، بەزى غەيرىي رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇر تۈرلۈك سىياسىي تۆھمەت ۋە بوھتانلار بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلاندى؛

قىسقىغىچە ئىككى ھەپتە ئىچىدە خىتاي سوتلىرى شەرقىي تۈركىستاندا 3 قېتىم كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە جەمئىي 175 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 20 نەپەرگە يېقىنراقى ئۆلۈم جازاسىغا، قالغانلىرى تۈرلۈك ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇندىن باشقا يەنە بۇ قېتىمقى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا قەشقەر، تۇرپان، خوتەن، ئاقسۇ … قاتارلىق جايلاردا بەزى ئۇيغۇرلار قۇرۇق گۇمان بىلەنلا كوچىلاردا ۋە ئۆيلىرىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ۋە پۈتۈنلەي دۆلەت تېررور تۈسىنى ئالغان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى تىپىك بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى بولۇپ، بۇنى باشقىچە ئىزاھلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس !

خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىگە تايانغاندىمۇ، يۇقىرىقى ئىرقىي يوقىتىش تۈسىنى ئالغان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى بىۋاسىتە باشلاتقان ۋە قوماندانلىق قىلغانلار دەل شىجىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي رەھبەرلىرىدىن ئىبارەت !

خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭ 2014 – يىلى 5 – ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا ۋە 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى قىلغان سۆزىدە، خىتايدىكى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ژاندارما، ساقچى، شۇنداقلا سىياسىي – قانۇن ئورگانلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ” قاتتىق زەربە بېرىش ” ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش، بايقىغان ۋە ئۇچراتقان ھامان دەرھال ئۇجۇقتۇرۇش، بۆشۈكىدە يوقىتىش ھەققىدە بىر قاتار بۇيرۇقلارنى بەرگەن.

شىجىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، 2014 – يىلى 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى كەچ سائەت 10 دا خىتاي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى مېڭجيەنجۇ رىياسەتچىلىكىدە ” پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش جىددىي سەپەرۋەرلىك يىغىنى ” چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسى كۈچىنى ئاتالمىش ” 3 خىل كۈچلەر ” گە زەربە بېرىشكە قارىتىش، ئاتالمىش ” تېررورىستلار ” نى بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇش، گۇماندارلارنى قېزىپ چىقىپ زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش ۋە تېررورىزمغا قارشى ئومۇمى خەلق ھەرىكىتىنى باشلاش … قاتارلىق جەھەتلەردە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان.

5 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى گۇشەنكۇننىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە ئۈرۈمچىدە ” ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ” جىددىي يىغىن چاقىرىپ، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا بىر يىللىق ” زوراۋان تېررورىست ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى ” باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 5 – ئاينىڭ 28 – 29 – كۈنلىرى بېيجىڭدا مەخسۇس ئىككىنچى قېتىملىق ” شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ” چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا بۇندىن كېيىن يولغا قويۇلىدىغان تۈپ سىياسەت ھەققىدە ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ھەققىدە مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان.

5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزايى ۋە خىتاي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى مېڭجيەنجۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بېيجىڭدا ” تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى مەخسۇس يىغىنى ” چاقىرىلغان.

مېڭجيەنجۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭنىڭ يېقىندا ئاخىرلاشقان ” مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ” دا قىلغان سۆزىنى ۋە بەرگەن سىياسىي بۇيرۇقىنى، ” شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئىلمىي ئاساستا ئانالىز قىلىنغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئومۇمى ۋەزىيەت يۈكسەك دەرىجىدە كۆزدە تۇتۇلغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ” دەپ كۆككە كۆتۈرگەن ۋە ھەر دەرىجىلىك قانۇن تارماقلىرىدىن ئاساسىي خىزمەت نىشانىنى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە قارىتىش ۋە شىجىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىنى قېتى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

قىسقىسى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش مەقسىتىدە كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە شىجىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە باشلامچىلىق ۋە قوماندانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 1949 – يىلى ئىشغال قىلىۋېلىنغان ۋە 1955 – يىلىدىن ئېتىبارەن ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ” دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەممىڭلارغا مەلۇم !

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان رايونى، پۈتۈن خىتاي بويىچە سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان، خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە ئەمەس، بەلكى كومپارتىيىنىڭ سىياسىي بۇيرۇقى بىلەن، خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇننىڭ ماددىلىرىغا تامامەن خىلاپ كېلىدىغان ئەمىر – پەرمانلار بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ۋە تەقىب قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىردىن – بىر رايوندىن ئىبارەت !

خىتاي ھاكىمىيىتى 90 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن، ” شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك قانۇن ئورگانلىرى ئاساسى كۈچىنى مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىشكە قارىتىش كېرەك ” دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ نەزىرىدىكى ” مىللىي بۆلگۈنچىلەر” بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرىنى، جۈملىدىن، خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا ۋە خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ” مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ” تەكىتلەنگەن مىللىي، دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە باشقا ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىپىك مۇستەملىكىچىلىك تۈسىنى ئالغان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، تالان – تاراج قىلىش، سۈمۈرۈش ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى چىققۇچى شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن ئىبارەت !

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن قانۇن جەھەتتىكى قوش ئۆلچەم سىياسىتى تۈپەيلىدىن ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئەسكەر، ساقچى، ژاندارمىلارنىڭ ئەمەس، ھەتتا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، يەرلىك ئامانلىق خادىملىرى، خىتايلاردىن تەشكىللەنگەن خەلق ئەسكەرلىرى ۋە بىڭتۇەنلەر خىتايلارنىڭمۇ ھېچ بىر قانۇنىي دەلىل – ئىسپاتقا تايانمىغان قۇرۇق تۆھمەت، گۇمان بىلەن، شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ۋە قىساس تۇيغۇسى بىلەن خالىغانچە ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش، قىيناش ۋە تەقىب قىلىش خاھىشى ئەۋج ئالماقتا.

ئارتۇقچە تەكىتلىمىسەكمۇ، 2009 – يىلى يۈزبەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم، ئەينى چاغدا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تىنچلىق شەكلى بىلەن نامايىش قىلىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىپ، مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان ئىدى.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ھادىسىلەر ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئەمەس، بەلكى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئىزچىل تۈردە يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىرقىي يوقىتىشنى تۈپ نىشان قىلغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلىدىن ئىبارەت.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە يولغا قويۇپ كەلگەن كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى تۈپەيلىدىن بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى؛
خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا 50 قېتىمغا يېقىن ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە تۈرلۈك غەيرىي كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلدى.
كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۈش ۋە تالان – تاراج قىلىش ئارقىلىق، بۇ گۆھەر زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات مىللەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا نەسلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان مەجبۇرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋە بۇ سىياسەتنى قاتتىق قوللۇق بىلەن رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، مىليونلىغان ئانا – بالىلارنىڭ بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي مائارىپنى مەجبۇرى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ھازىر ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ سىستېمىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرى ئۆزىنىڭ ئانا تىل – يېزىقىنى، ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ قويۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئاتالمىش ” مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىش ” دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ۋە تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا يۈزمىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى، يەنە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم بولدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى قاتتىق چەكلەندى ۋە دىنسىزلىققا زورلاندى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلار بىلەن تولۇپ تاشقانلىقى، بىپايان دالالىرىنى قەبرىستانلىقلارنىڭ قاپلىغانلىقى خەلقئارا جامائەتچىلىكمۇ مەلۇم بولۇپ كەلمەكتە.

پەقەتلا 2013 – يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈزبەرگەن قانلىق ھادىسىلەردە نەچچە يۈزلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر رەھىمسىزلەرچە ئەتىپ ئۆلتۈرۈلدى، مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۈرمىلەرگە تاشلاندى.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يۇرت – ماكانلىرىدىن باشقا يۇرتلارغا ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ھەيدىلىپ، خانىۋەيرانچىلىق ۋە مۇساپىرلىق ئىچىدە ياشىماقتا، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە خىتاي خوجايىنلارنىڭ قولىدا قۇل – دېدەك ئورنىدا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.

يەنە ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادىدىن ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن تامامەن ۋاز كېچىشكە قىستالماقتا ….
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىدىن تارتىۋاتقان يۇقىرىقىدەك كۈلپەتلىرىنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس !

ئومۇمەن، خىتاي رەھبەرلىرى ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئېلىپ بارغان يۇقىرىقىدەك جىنايى قىلمىشلىرىدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ۋە ھامان بىر كۈنى خەلقئارا سوتتا جازاغا تارتىلىدۇ !