دئۇق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت تېررور سىياسىتىگە قارشى سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلدى

دئۇق خەۋەر مەركىزى
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” نى باھانە قىلىپ شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش ۋە قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى بىردىن – بىر ۋەكىللىك ئورگىنى ھېسابلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئاتالمىش ” تېررورىزمغا قارشى جەڭ مەيدانى ” دەپ ئېلان قىلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان دۆلەت تېررور سىياسىتىگە قارشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ” ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان پۈتۈن ئەركىن دۇنيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ دۆلەت تېررور سىياسىتىگە قارشى جەڭ مەيدانىدىن ئىبارەت ” دەپ جاكارلىدى ۋە بۇ جەڭ مەيدانىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا تايانغان، خەلقئارالىق قانۇن – پرىنسىپلارنىڭ روھىغا ھۆرمەت قىلىنغان ۋە تىنچلىق شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاساس قىلغان جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دئۇق باش كاتىپلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دئۇق نىڭ رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى دئۇق رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ جىددىي تېلېفون يىغىنى چاقىرىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان ئاتالمىش ” شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ” نىڭ ئىچكى ماھىيىتى ۋە بۇ يىغىندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە باشلىتىلغان بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ئالاھىدە ھەرىكىتىدىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى، شۇنداقلا خىتاينىڭ دۆلەت تېررور سىياسىتىگە ئىچكى – تاشقى جەھەتلەردە تاقابىل ۋە قارشى تۇرۇشنىڭ كونكرېتنى چارە – تەدبىرلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، ئالدىمىزدا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

دئۇق باش كاتىپلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىمىزدىكى ھەپتە دئۇق نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى رابىيە خانىمنىڭ باشلامچىلىقىدا ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتكە ئالاھىدە يىغىلىپ، دئۇق نىڭ خىتايغا قارشى پىلان – پروگراممىلىرى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي ۋە يۈز تۇرانە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.

دئۇق تەرىپىدىن ئېلىنغان قارارغا ئاساسەن، دەسلەپكى قەدەمدە 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئۇيغۇرلار پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان بارلىق دۆلەتلەردە خىتاينىڭ دۆلەت تېررور سىياسىتىگە قايرىشى بىر تۇتاش ھالدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ، نامايىش قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەللەردە شېھىتلىرىمىزنى ياد ئېتىش ۋە خاتىرىلەش، شۇنداقلا خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پاش قىلىش مەقسەت قىلىنغان ئاممىۋى پائالىيەتلەر، ئاخبارات ۋە بايانات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.

دئۇق رەھبەرلىك ھەيئىتى يەنە، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە قېچىپ چىقىپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئىنتايىن قىيىن مۇھىت ئىچىدە جاپا چېكىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش ھەققىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئومۇمىي يۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدىمۇ بەزى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلدى.

دئۇق خەۋەر مەركىزى