خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى تاشقى جەھەتتىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتتى

دئۇق خەۋەر مەركىزى
2014 6-ئاينىڭ 3-كۈنى

خىتاينىڭ ” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى “، ” خەلق گېزىتى “، ” تيانشان تورى ” …قاتارلىق ئاساسلىق ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋە پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا قانات يايدۇرۇلغان ئاتالمىش ” تېررورىزمغا قارشى خەلق ئۇرۇشى ” نى جىددىي قانات يايدۇرۇش ۋە ئاتالمىش ” شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى ” نى خۇددى ” يولدىن ئۆتكەن چاشقاننى ئۇر – ئۇر قىلغاندەك ئۇچرىغان يەردە ئۇرۇش ” ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئاتالمىش ” شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى ” نى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە قوللاۋاتقان دۆلەتلەر، خەلقئارالىق كۈچلەر ۋە ئەجنەبىيلەرچە قارىتامۇ قاتتىق چەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىش، “تېررورچى ئۇنسۇرلار ” نى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان دۆلەتلەردىكى ئاتالمىش ” تېررورىستلار ” نى قايتۇرۇپ كېلىشنى كۈچەيتىش، كېلىشىم ئىمزالانمىغان دۆلەتلەرگە قارىتا خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىش، ئاتالمىش ” شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى ” نى قوللاۋاتقان ئەجنەبىيلەرنىڭ خىتايغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كەلگەنلىرىنى قاتتىق كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەندى.

خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئورگان گېزىتى ھېسابلانغان ” خەلق گېزىتى ” نىڭ 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئېلان قىلغان ” شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيىلىك ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز لازىم ” دېگەن تېمىدا مەخسۇس بىر باش ماقالە ئېلان قىلىندى، مەزكۇر ماقالىدىمۇ، ئاتالمىش ” تېررورىزم ” غا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە، ۋەتەن ئىچىنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش لازىملىقى تەكىتلەندى.

” خەلق گېزىتى ” نىڭ 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىكى خەۋىرىدە، پەقەتلا 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى كۈنمىڭدە ۋە 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى يۈزبەرگەن 3 قېتىملىق ۋەقەدىلا 70 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.

بۇنىڭغا قارشى 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتۈن خىتاي بويىچە باشلىتىلغان ” تېررورىزمغا قارشى بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ئالاھىدە ھەرىكىتى ” دىن بۇيان، شۇ كۈنى 200 نەپەردىن ئارتۇق گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنى خوتەندە ئابلىز داۋۇت باشچىلىقىدىكى ” زور تېررورلۇق گۇرۇپپىسى ” نىڭ پاش قىلىنىپ 5 نەپەر ” تېررورىست ” نىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى يەنە غۇلجىدا 55 نەپەر ئاتالمىش ” تېررورىست ” نىڭ سوتقا تارتىلغانلىقى، كۆپلىگەن ئۆلكىلەردە مەخسۇس ” تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ” قۇرۇلۇپ، كۆپلىگەن ئۆلكىلەردە مەخسۇس ھەربىي مانېۋىرلار ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بايان قىلىندى.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوند جەمئىيىتى ( NED ) تەرىپىدىن دئۇق ۋە ئۇنۇڭ قارمىقىدىكى بەزى تەشكىلاتلارغا بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادى ياردەمنى توختىتىش ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلارنى قايتۇرۇۋېلىش ھەققىدە دىپلوماتىك ھەرىكەتلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن ئىدى.

http://news.xinhuanet.com/legal/2014-06/02/c_1110953272.htm
http://news.xinhuanet.com/2014-06/01/c_1110952411.htm?prolongation=1
http://topic.ts.cn/firstview/node_130592.htm

دئۇق خەۋەر مەركىزى