بېيجىڭدا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 10 نەچچە خىتاي يارىلانغان

دئۇق خەۋەر مەركىزى
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى

” بوشۈن ئاخبارات تورى ” نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پىڭگۇ رايونىدىكى پىڭگۇ بازىرى ئەتراپىدا يۈزبەرگەن بولۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى 15:00 لەر ئەتراپىدا ئەر – ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئەتراپتىكى خىتايلارغا قىڭراق بىلەن ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 10 نەچچە كىشى يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن، بىر نەپەر ھۇجۇمچى نەقمەيداندا قولغا چۈشكەن.
بەزى ” شاھىت ” لارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئىچىدە بىر ئايالمۇ بولۇپ، ئالدىغا كەلگەننى چاناۋەرگەن، نەقمەيدانغا تولۇق قوراللانغان كۆپ ساندا ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى يېتىپ كەلگەن.
پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئاتالمىش ” تېررورىزمغا قارشى خەلق ئۇرۇشى ” باشلىتىلغان بىر پەيتتە خىتاينىڭ پايتەختىدە يۈزبەرگەن بۇ ھادىسە خىتاي پۇقرالىرىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان.
ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە ئىشتىراكچىلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

http://www.peacehall.com/news/gb/china/2014/06/201406010723.shtml#.U4wiJvkskdU

دئۇق خەۋەر مەركىزى