” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” نىڭ ئىچكى – تاشقى ئىنكاسلىرى (4)

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى

14) خىتاي سىياسىي – قانۇن كومىتېتى، ” تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى مەخسۇس يىغىنى ” چاقىردى

” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزايى ۋە خىتاي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى مېڭجيەنجۇ رىياسەتچىلىكىدە بېيجىڭدا ” تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى مەخسۇس يىغىنى ” چاقىرىلغان.

مېڭجيەنجۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭنىڭ يېقىندا ئاخىرلاشقان ” مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ” دا قىلغان سۆزىنى، ” شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئىلمىي ئاساستا ئانالىز قىلىنغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئومۇمى ۋەزىيەت يۈكسەك دەرىجىدە كۆزدە تۇتۇلغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ” دەپ كۆككە كۆتۈرگەن ۋە ھەر دەرىجىلىك قانۇن تارماقلىرىدىن ئاساسىي خىزمەت نىشانىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نوختىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان :

” ھەر دەرىجىلىك قانۇن تارماقلىرى ئاساسى كۈچىنى يەنىلا زوراۋان تېررورىست ھەرىكەتلەرگە نوختىلىق زەربە بېرىشكە قارىتىشى، بۇ ئارقىلىق زوراۋان تېررورىستلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشى لازىم؛

تېررورىستلار ھەققىدە ئاخبارات ئىگىلەش ( جاسۇسلۇق ) خىزمىتى سىستېمىسىنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىپ، پەردە ئارقىسىدىكىلەرنى، ئۆزئارا ئالاقىلىشىش لىنىيىلىرىنى ۋە تەشكىلى قوماندانلىق سىستېمىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ، ئالدىن بايقاش ئىقتىدارىمىزنى زۆر دەرىجىدە ئاشۇرۇشىمىز، بۇ ئارقىلىق زوراۋان تېررورىست ھەرىكەتلەرنى بىخ ھالىتىدىلا ئۇجۇقتۇرۇشىمىز لازىم؛

تېررورىزمغا قارشى خەلق ئۇرۇشى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قاتلاملار بويىچە ھەقىقىي يوسۇندا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتە چارلاش ۋە مۇداپىئە كۆرۈشنى كۈچەيتىپ قاتتىق زەربە بېرىش ۋە يۇقىرى بېسىم پەيدا قىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى ( خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ) كۆڭلىنى تىندۇرۇپ، تەرتىپنى مۇقىملاشتۇرۇش لازىم؛

زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىدىغان ئۈن – سىن قاناللىرى ۋە مەنبەلىرىگە قېتى زەربە بېرىپ، زوراۋان تېررورىست ھەرىكەتلىرىگە قۇترىتىدىغان ۋە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قاناللارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۈزۈپ تاشلىشىمىز لازىم؛

قانۇنسىز ھالدا چېگرادىن قېچىشنى تەشكىللىگۈچى ” يىلاننىڭ باشلىرى ” غا قاتتىق زەربە بېرىپ، كوللېكتىپ ھالدا چېگرادىن قېچىش قاناللىرىنى ئۈزۈپ تاشلىشىمىز لازىم؛

نوختىلىق رايون ۋە سورۇنلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەپ، تەز ئارىدا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم؛

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەش خىزمىتىنى ئوبدان ئېلىپ بېرىپ، زوراۋان تېررورىست ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپ قېتىم يۈز بېرىشىدەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم؛

خەلقئارادا تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز لازىم “.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ” ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ” نىڭ سېكرېتارى جاڭچۈنشيەنمۇ قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” سەۋەبى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 5 – ئاينىڭ 28 – 29 – كۈنلىرى بېيجىڭدا مەخسۇس ئىككىنچى قېتىملىق ” شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ” چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا بۇندىن كېيىن يولغا قويۇلىدىغان تۈپ سىياسەت ھەققىدە ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان ئىدى.

يۇقىرىقى ئىككى قېتىملىق خىزمەت يىغىنى چاقىرىلغاندىن كېيىن، رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى خىتاي ھاكىمىيىتىنى مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئامىللار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە بۇ ھەقتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش جەھەتتە ئەمىلى چارە – تەدبىرلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەكسىچە، يەنە بۇرۇنقىدەكلا ” قاتتىق باستۇرۇش ” شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل دۆلەت تېررور سىياسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” نى باھانە قىلىپ قىسقىغىچە بىرقانچە كۈن ئىچىدە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، 55 ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقى، شۇنداقلا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا قەشقەر قاتارلىق رايونلاردا بەزى ئۇيغۇرلارغا قالايمىقان ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، يەنە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتامۇ كەڭ كۆلەمدە تازىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغانلىقى، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ، شۇنداقلا چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

http://politics.people.com.cn/n/2014/0530/c1001-25088473.html

15) ” 28 – ئۆكتەبىر بېيجىڭ ۋەقەسى ” مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان 8 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدىكى ئەيىبلەشنامە ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتىغا سۇنۇلدى

” خەلق گېزىتى تورى ” نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى، 2013 – يىلىدىكى ” 28 – ئۆكتەبىر بېيجىڭ ۋەقەسى ” مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان 8 نەپەر ئۇيغۇرنى، ” تېررورىست تەشكىلاتنى تەشكىللىگەن، رەھبەرلىك قىلغان ۋە قاتناشقان ” دېگەن نام بىلەن قارىلاپ رەسمىي يوسۇندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىگە سۇنغان.

ئەمەلىيەتتە بولسا خۇددى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ خەۋەر قىلغىنىدەك، ” 28 – ئۆكتەبىر بېيجىڭ ۋەقەسى ” نى پەيدا قىلغۇچىلار بىر ئائىلىلىك ئانا – بالا ۋە كېلىن بولۇپ، بۇ 3 كىشى نەقمەيداندا ئۆلگەن ئىدى.

بېيجىڭدا 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى يۈزبەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە بۇرۇنقى كونا مۇقامىنى توۋلاپ، بۇ ھادىسىنى قانداقتۇر ” پىلانلىق، تەشكىللىك ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغان تېررور ۋەقەسى ” دەپ ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دەسلىپىدە بۇ ھادىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇشقا تىرىشقان، ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى چەتئەل مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن پاش قىلىنىشقا باشلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى سادىر قىلغان غېرىبانە ئۇيغۇر ئوسمان ھەسەن بىلەن ئۇنۇڭ ئاپىسى ۋە ئايالىغا ” تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ” دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، تىغ ئۇچىنى يەنە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قاراتتى.

ئەمەلىيەتتە خۇددى كۆپلىگەن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بايان قىلغىنىدەك، بۇ قېتىم بېيجىڭدا يۈزبەرگەن ھادىسە، مەيلى ئۇسۇل، شەكىل، ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى … قاتارلىق جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دەرد – داۋاسىنى ۋە ئەرز – شىكايىتىنى ئاڭلىتىدىغانغا ھېچ بىر ئامالى ۋە ماجالى قالماي جېنىدىن جاق تويغان ئاددىي بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ يەككە ھالدا ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكىتىدەك كۆرۈنەتتى، ئەمما، بۇ ۋەقە ھەققىدىمۇ ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن گۇمانى نوختىلار مەۋجۇت.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىغا، خورلىشىغا، ئېزىشىگە، تالان – تاراج قىلىشىغا، ناھەق ھالدا تۈرمىگە تاشلىشىغا، دۇمبالىشىغا، ئۆلتۈرۈپ – چېپىشىغا ئۇچرىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى بېيجىڭ ئىدى، كېيىنكى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان بېجىڭنىڭ كوچا – كويلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ قاپلاپ كەتكىنى ھەممىمىزگە مەلۇم، بېجىڭدىكى ئەخلەت دۆۋىلىرىنىڭ ئۈستىدە، كۆۋرۈكلەر ئاستىدا، شەھەر قاناللىرىنىڭ ئىچىدە ئايلاپ، ھەتتا يىللاپ ئاچ – توق يېتىپ مەركىزى ھۆكۈمەتتىن شاپائەت كۈتۈۋاتقان بۇ بىچارە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرەرىنىڭمۇ ئەرز – شىكايىتىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىغا شاھىت بولۇپ باقمىدۇق، ئەكسىچە بېيجىڭدىن ئۈمىد كۈتكەن بۇ ساددا ئۇيغۇرلىرىمىز تېخىمۇ ئېغىر خورلۇققا ئۇچرىدى، بەزىسى تۈرمىلەرگە تاشلاندى، بەزىسى قىيىن – قىستاققا ئۇچراپ مەجبۇرى يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىلدى، يۇرتىغا قايتىپ بارغاندا يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەقىب قىلىشىغا، ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىدى، مەسچىتكە كىرىپ دەردىمنى ئاللاغا ئاڭلىتاي دېسە، ئۇنۇڭغىمۇ يول قويماي، ” رادىكال ئىسلامچى ئۇنسۇر ” دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ زەربە بېرىش ئوبيېكتى قىلدى !

ھەتتا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت خىتاي ئادۋوكاتلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى جەريانىدا ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، ناھەق تۈرمىگە تاشلانغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەن پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ھەق ئىزدەپ بېيجىڭغا كەلگەن ئۇيغۇر ئەرزدارنى كالتەكلەپ مەجبۇرى يۇرتلىرىغا قايتۇرغان، بەزىسنى بېجىڭنىڭ زىندانلىرىغا تاشلىغان ئىدى !

مەنبەلەر:
http://xj.people.com.cn/n/2014/0530/c188521-21323724.html
http://society.people.com.cn/n/2014/0528/c1008-25077260.html