” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” نىڭ ئىچكى – تاشقى ئىنكاسلىرى (3)

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى

11) قەشقەردە خىتايلار بىلەن جېدەل قىلغان ئىككى ئۇيغۇر ياش ئەتىپ ئۆلتۈرۈلدى

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ” 22 – ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 5 – ئاينىڭ 23 – كۈنى باشلىتىلغان ” تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بىر يىللىق مەخسۇس كۈرىشى ” ھەرىكىتى جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئوق ئاۋازى بېسىقمىغان، ئۇيغۇرلارغا قارىتا قالايمىقان ئوق چىقىرىش ھەرىكىتى تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان.

ئاۋۋال 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بىڭتۇەننىڭ قەشقەر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق 3 – ترانسپورت شىركىتىنىڭ يېنىدا 3 نەپەر كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئوق چىقىرىلىپ يارىلاندۇرۇلغان، گەرچە ئۇلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى خىتاي شاھىتلار بۇ 3 نەپەر كىشىنىڭ ” دۈشمەن ئەبلەخلەر ” ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشقان، دېمەك، ساقچىلار تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغان بۇ 3 نەپەر كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدە شەك يوق.

5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى يەنە قەشقەر شەھىرىدە كوچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن جېدەللىشىپ قالغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ساقچىلار ئوق چىقىرىپ، بىر نەپىرىنى نەقمەيداندا ئەتىپ ئۆلتۈرگەن، يەنە بىر نەپىرى ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر 17 – 18 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلار ئىككى خىتاينى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرغان، نەقمەيدانغا يېتىپ كەلگەن خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان.

نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئادالەتسىزلىكى ۋە دۆلەت تېررور سىياسىتى شۇ دەرىجىدە يۇقىرى پەللىگە چىقتىكى، ھەتتا بىرەر خىتاي بىلەن شەخسى جېدەل قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئاتالمىش ” تېررورىست ھەرىكەت ” كە ئايلىنىپ قالدى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇن جەھەتتە يولغا قويغان بۇ خىل قوش ئۆلچەم سىياسىتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خورىكىنى ۋە چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىگە سەۋەبچى بولماقتا، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسى كۈچى قانداقتۇر ئاتالمىش ” شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى ” غا زەربە بېرىشكە قارىتىلغاچقا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا زورلۇق – زومبۇللۇق قىلىشى ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئازادە مۇھىت يارىتىلماقتا.

12) خىتاي مەتبۇئاتلىرى گۇما ناھىيىسىنى ” تېررورچىلارنىڭ چوڭ لاگېرى ” دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى

ب ب س نىڭ ۋە چەتئەللەردىكى بەزى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاسىتىسى ھېسابلانغان ” خەلق گېزىتى ” نىڭ قوشۇمچىسى ھېسابلانغان ” يەر شارى ۋاقىت گېزىتى ” نىڭ 5 – ئاينىڭ 26 – كۈندىكى سانىدا، ” تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت ” دېگەن تېمىسىدا چوڭ ھەجىملىك بىر زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە، 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزىدىكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، گۇما ناھىيىسىنىڭ بەزى يېزىلىرىنىڭ تېررورىستلارنىڭ چوڭ لاگېرىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، شۇنداقلا گۇما ۋە ئۇنۇڭغا قوشنا بولغان قاراقاش ناھىيىلىرىنىڭ بۇرۇندىن تېررورىستلارنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن، شۇنداقلا خىتاي كۆچمەنلىرىنى گۇما ناھىيىسىگە بارماسلىق ۋە ئۇنۇڭدىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىرغان.

ماقالىدا يەنە، گۇما ناھىيىسىدە تېررورىزمغا قارشى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئىكەنلىكى، ئۇ يەردە خەتەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، گۇمىدىكى نامراتلىق، تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسىز قېلىش، ھەتتا بەزى ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ خىزمەتتە پاسسىپ ۋە بىخۇد بولۇشى تۈپەيلىدىن زوراۋان كۈچلەرنىڭ بۇلىقىغا ئايلانغانلىقى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ، چەتئەللەردىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپلا قالماستىن، ھەتتا خىتاي ئىچىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئېغىر تەنقىدىگە ئۇچرىغان، بىر ناھىيىنى ۋە بىر ناھىيىنىڭ خەلقىنى تېررورىست قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن ” يەرشارى ۋاقتى ” گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى مەزكۇر ماقالىنى گېزىتتىن قالدۇرغان ۋە ئاپتورنى ئوچۇق تەنقىدلىگەن.

13) بېيجىڭدا ئىككىنچى قېتىملىق ” شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ” چاقىرىلدى

خىتاينىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان ” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” بىلەن ” خەلق گېزىتى ” نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” سەۋەبى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 5 – ئاينىڭ 28 – 29 – كۈنلىرى بېيجىڭدا مەخسۇس ئىككىنچى قېتىملىق ” شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ” چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا بۇندىن كېيىن يولغا قويۇلىدىغان تۈپ سىياسەت ھەققىدە ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان مەزكۇر يىغىنغا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي سوت ۋە ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق قورچاق ئەمەلدارلىرى، بىڭتۇەن مەسئۇللىرى، ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ باش مىنىستىرلىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ مەسئۇللىرى، مەركەز ۋە دۆلەتكە قاراشلىق مىنىستىرلىق ۋە ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا ئارمىيە، ژاندارما، ساقچى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ كەڭ دائىرىدە كىشى قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نوختىلىق مەسىلىلەر يەنىلا كونا مۇقام بويىچە ” مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ” بولۇپ، بىڭتۇەننى يەنىمۇ زورايتىش ۋە كۈچەيتىش، شۇنداقلا بىڭتۇەننى ” دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى پات قورغانغا ئايلاندۇرۇش ” ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، تۇنجى قېتىملىق ” شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبىتى يىغىنى ” 2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 17 – 19 – كۈنلىرى خىتاينىڭ ئەينى چاغدىكى دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بېيجىڭدا چاقىرىلغان، تۇنجى قېتىملىق يىغىندىمۇ بىڭتۇەننى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش مەسىلىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى سەۋەبى بىلەن چاقىرىلغان بۇ ئالاھىدە يىغىندا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاساسلىق نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن مىللىي زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنىڭ باش مەنبەسىگە ئايلانغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرى ھوقۇقلىرىغا بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان بىڭتۇەننى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەلقئارا جامائەتچىلىك ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ” ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىق ” دەپ ئەيىبلەشكەن ئىدى.

بۇ قېتىم چاقىرىلغان ” شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ” دا يەنە بىڭتۇەننى زورايتىشنىڭ تەكىتلىگەنلىكى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش، تالان – تاراج قىلىش ۋە خىتايچىلاشتۇرۇپ يوقىتىش سىياسىتىدە ھېچ بىر ئۆزگىرىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن كۈتۈۋاتقان ئەڭ زور تەلەپ ۋە ئۈمىدلىرىنىڭ بىرى — بىڭتۇەننىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىڭتۇەن تەرىپىدىن مونوپول قىلىۋېلىنغان يەر – زېمىنلارنىڭ يەرلىك خەلققە قايتۇرۇپ بېرىلىشىدىن ئىبارەت ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي دېموكراتلىرىمۇ بىڭتۇەننى شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ باش مەنبەسى دەپ قارىماقتا ۋە بىڭتۇەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ، بۇ رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

چۈنكى، بىڭتۇەننىڭ ئۆتمۈشى ۋە قىلمىش – ئۆتمۈشلىرىنى، شۇنداقلا بىڭتۇەنلىك خىتايلار بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ نۆۋەتتىكى ئوت بىلەن سۇدەك مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، “بىڭتۇەن” كەلىمىسى بىلەن، “مۇقىملىق” كەلىمىسىنى بىر ئورۇنغا قويۇش ياكى ئىككىسىنىلا بىرگە ساقلاپ قېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، جەزمەن ئىككىسىنىڭ بىرىدىن ۋاز كېچىش كېرەك.

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ پەشۋاسى ماۋزېدۇڭمۇ ئەينى چاغدا بىڭتۇەن بىلەن مۇقىملىقنىڭ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر قالغان ۋە 1975 – يىلى 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بىڭتۇەننى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى. چۈنكى شۇ چاغدا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدىكى نەپرەت ۋە دۈشمەنلىك تۇيغۇلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان، بىڭتۇەنلىك خىتايلار بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا سۇ، يايلاق ۋە يەر – زېمىن تالىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جەڭگى – جېدەللەر پۈتۈن رايونغا يېيىلغان، بىڭتۇەنلىك خىتايلار بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا ھەر زامان زور بىر قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىش ۋە بۇ توقۇنۇشنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى ئومۇميۈزلۈك بىر خەلق ئىسيانىغا ئايلىنىش خەۋپى مەۋجۇت ئىدى.

رېئاللىققا باققىنىمىزدىمۇ، ماۋزېدۇڭنىڭ بۇ خىل تاللىشىنىڭ ئىجابىي ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى، بىڭتۇەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 75 – يىلىدىن، بىڭتۇەن قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن 1981 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ھازىرقىغا قارىغاندا خېلىلا مۇقىم ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

بىڭتۇەن ئەسلىدە ماۋزېدۇڭنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن 1954 – يىلى قۇرۇلغان، ماۋزېدۇڭنىڭ مەقسىتىمۇ، خۇددى ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئويلىغىنىدەك، بىڭتۇەن ئارقىلىق يەرلىكلەرنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش، بىڭتۇەننىڭ زوراۋان كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە بىڭتۇەن ئارقىلىق يەرلىك خەلقنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى.

ئەمما بىڭتۇەن، ماۋزېدۇڭنىڭ ئويلىغىنىنىڭ دەل ئەكسىچە بىر نەتىجە بەرگىنى ئۈچۈن، ئاخىرىدا تەقدىرگە تەن بېرىپ، لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ بىڭتۇەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر قالغان ئىدى.

ئەپسۇسكى، دېڭشياۋپىڭ باشچىلىقىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد خىتاي رەھبەرلىرى ماۋزېدۇڭدىن ساۋاق ئالمىدى، ماۋزېدۇڭ ئۆلۈپ 5 يىلدىن كېيىن، يەنى، 1981 – يىلى 12 – ئاينىڭ 3 – كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە قارارى بىلەن بىڭتۇەن قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

بىڭتۇەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى يەرلىككە قوشۇۋېتىلگەن يەر – زېمىنلار زورلۇق كۈچ بىلەن ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ ئېلىندى، بىڭتۇەننىڭ تېررىتورىيىسى ۋە نوپۇسى تىز سۈرەتتە كۈچەيتىلدى.

1990 – يىلى بىڭتۇەن، مەركىزى ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى ئورۇن قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن، “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى” نىڭ زېمىنى ئىچىدە، “بىڭتۇەن” دەپ ئاتالغان يەنە بىر مەمۇرى ئۆلكە پەيدا بولدى ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونى ئىككى چوڭ مەمۇرى رايونغا بۆلۈندى.

بۈگۈن بىڭتۇەننىڭ نوپۇسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 13 – 14 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئەمما، بىڭتۇەن تەرىپىدىن بىۋاسىتە كونترول قىلىۋېلىنغان يەر كۆلىمى، پۈتۈن رايوننىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىغا يېقىنراقىنى تەشكىل قىلماقتا.

” تيانشان تورى ” دا ئېلان قىلىنغان، ” شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ” دېگەن ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ 1954 – يىلىدىكى نوپۇسى 175 مىڭ بولۇپ، ھازىرقى ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 563 مىڭدىن كۆپرەك ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 13 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ھازىر بىڭتۇەن قارمىقىدا 14 دېۋىزىيە، 178 پولك بولۇپ، بۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى 16 ۋىلايەت ۋە بۇ ۋىلايەتلەر قارمىقىدىكى 69 ناھىيە تەۋەسى ئىچىگە جايلاشتۇرۇلغان.

دېمەك، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلق پۈتۈنلەي بىڭتۇەننىڭ قورشاۋى ئاستىدا.

بىڭتۇەننىڭ 58 پولكى مەخسۇس چېگرا بويلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن بىڭتۇەندىن ئاجرىتىلغان قوراللىق 100 مىڭ كىشى چېگرادىكى مۇنتىزىم ئەسكەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ بىرگە ياشايدۇ.

بىڭتۇەن قارمىقىدا ھازىر 5300 دىن ئارتۇق سودا ۋە سانائەت شىركىتى بار.

شەرقىي تۈركىستاندىكى 16 چېگرا ئېغىزىنىڭ توققۇزى بىڭتۇەن تەۋەسىدە ۋە بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇشىدا.

ھازىر بىڭتۇەننىڭ 75 دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە سودا مۇناسىۋىتى بار.

بىڭتۇەننىڭ 1954 – يىلىدىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 77 مىڭ 300 گېكتار ئىدى، ھازىر بولسا 953 مىڭ 900 گېكتار.

بىڭتۇەننىڭ نۆۋەتتىكى يىللىق تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت مىقدارى 1 مىليارد 618 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت مىقدارىنىڭ 24 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

1990 – يىلى 3 – ئاينىڭ 26 – كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى بىڭتۇەننى، ” مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇن ” دەپ قارار چىقارغان بولۇپ، ” شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ” نىڭ بىڭتۇەننى باشقۇرۇش ياكى ئۇنۇڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق.

بىڭتۇەن، باج ۋە غەللە – پاراقنى ” ئاپتونوم رايون ” غا ئەمەس، بەلكى مەركىزى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەنگە يۈكلىگەن ۋەزىپىسى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، ” شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چېگرانى قوغداش ” تىن ئىبارەت.

بىڭتۇەن ھازىر ئادەتتىكى بىر ئۆلكىدە بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرى، قانۇنىي ۋە ھەربىي ئورگانلارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئىگە بولۇپ، ئىمتىياز جەھەتتە ھەرقانداق ئۆلكىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرماقتا.

نۆۋەتتە بىڭتۇەن قارمىقىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك چوڭ شەھەرلەردىن شىخەنزە، كۈيتۇن، ۋۇجياچۈ، ئالار، بەيتۈن، تۇمشۇق قاتارلىقلار بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە 174 پولكنىڭ ھەممىسىدە كىچىك شەھەرلەر بەرپا قىلىنغان.

دېمەك، چەتئەللىك سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىڭتۇەننى، ” دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت ” ياكى بولمىسا ” شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىل خانىدانلىق ” دەپ ئاتىشىنىڭ بەلگىلىك ئىلمىي ئاساسى بار.

ئۇنۇڭ ئۈستىگە ھازىر بىڭتۇەن سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرى، قانۇنىي ۋە ھەربىي جەھەتتە پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلالايدىغان، مەركەزگە ئانچە بېقىنىپ كەتمىگەن، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى داۋالغۇشلارنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان مۇستەقىل بىر دۆلەت شەكلىنى تۇرغۇزۇۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىردىن – بىر ئەندىشىسى ۋە دۈشمىنى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت، شۇڭا بىڭتۇەننىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئىستراتېگىيىسى بولسا، ئۇيغۇرلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇلارنى دائىم بېسىم ۋە تەھدىت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئاساسىدا قۇرۇلغان.

كېيىنكى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى، ” بىڭتۇەننى قايتىدىن ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ” دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىڭتۇەننىڭ شىمال ۋە شەرقىي رايونلاردىكى تۇەن – مەيدانلىرىنى پەيدىن – پەي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى رايونلىرىغا كۆچۈرۈپ كەلمەكتە.

دېمەك بىڭتۇەن، يەرلىك خەلقنىڭ مەمۇرى جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىغىلا ئەمەس، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىپ كەلمەكتە.

بۇنداق بىر شارائىتتا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەرلىكلەر بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى پەسەيتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بىڭتۇەننى يەنىمۇ زورايتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئېغىر دەرىجىدىكى بىر سىياسىي مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە تەۋەككۈلچىلىك ئىدى.

ئۇنداقتا خىتاي ھاكىمىيىتى بىڭتۇەنگە نېمە ئۈچۈن بۇ دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ ؟

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن، بۇ يىل 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئېلان قىلىنغان، “بىڭتۇەن، شىنجاڭنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالاھىدە يولى” دېگەن ماۋزۇدىكى چوڭ ھەجىملىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا؛ بىڭتۇەننىڭ ئەھمىيىتى ۋە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، 1962 – يىلى 4 – ئايدا، ئىلى رايونىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا چوڭ قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىڭتۇەننىڭ دەرھاللا 53 پولكىنىڭ خىتايلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇلارنى 60 مىڭدىن ئارتۇق قاچقۇندىن بوشىغان ئۆي – ماكان ۋە قورۇ – جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، چېگرانىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقى، قاچقۇنلاردىن قالغان تېرىلغۇ يەر ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى؛ يەنە، 1962 – يىلىدىكى خىتاي – ھىندىستان ئۇرۇشىدا، بىڭتۇەننىڭ 1200 نەپەرگە يېقىن خىل ئەسكەر ئاجرىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە يەنە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈن ئارقا سەپ تەمىنات ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، ھازىر بىڭتۇەن قارمىقىدىكى 58 چېگرا پولكىنىڭ، 2019 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيىسىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ، خىتاينىڭ دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، ھازىرغا قەدەر بىڭتۇەننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن 120 مىڭ نەپەر خىتاي جىنايەتچىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغانلىقى، 1983 – يىلى خىتايدا جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، بىڭتۇەننىڭ خىتايدىكى 18 ئۆلكىدە ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنى يۆتكەپ كېلىپ تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، پەقەتلا 1983 – يىلىدىن بۇيان بىڭتۇەننىڭ جەمئىي 40 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئەسكىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، مەكىت، پوسكام، بارىن، غۇلجا …. قاتارلىق كۆپلىگەن جايلاردا يۈز بەرگەن مىللىي توپىلاڭلارنى باستۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا ماسلىشىپ، 500 دىن ئارتۇق ئاتالمىش “بۆلگۈنچى ئۇنسۇر” نى تۇتۇپ بەرگەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق، پۈتۈن خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن غايەت زور مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئالاھىدە تەرىپلەنگەن ھەمدە بىڭتۇەن، ” شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى يادرو كۈچ” دەپ كۆرسىتىلگەن.

دېمەك، يۇقىرىقى بايانلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىڭتۇەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىشقا بۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان دەلىللەردىن ئىبارەت.

مەنبەلەر :

http://www.bbc.co.uk/zhongwen/simp/china/2014/05/140529_xinjiang_global_times.shtml
http://www.rfa.org/mandarin/yataibaodao/shaoshuminzu/ql2-05292014095033.html
http://baike.baidu.com/view/6021386.htm
http://www.xj.xinhuanet.com/bt/2009-08/31/content_17557021.htm
http://www.xj.xinhuanet.com/2010-01/20/content_18819059.htm
http://www.xj.xinhuanet.com/2010-03/31/content_19391058.htm
http://www.xj.xinhuanet.com/bt/2009-08/31/content_17557021.htm
http://cpc.people.com.cn/GB/64093/64094/9928571.html
http://www.tianshannet.com/bt/content/2006-02/15/content_227950.htm
http://www.tianshannet.com/content/2008-04/30/content_2562203.htm
http://politics.people.com.cn/GB/1026/10089866.html
http://www.peacehall.com/news/gb/z_special/2009/07/200907300022.shtml
http://www.xj.xinhuanet.com/bt/2009-08/31/content_17557021.htm
http://www.xj.xinhuanet.com/bt/2009-08/31/content_17557021.htm
http://xj.people.com.cn/n/2014/0529/c188514-21315421.html