“22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى” نىڭ ئىچكى – تاشقى ئىنكاسلىرى (2)

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى

9) 25 – ماي سەھەرگە قەدەر 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قۇرۇق گۇمان بىلەن قولغا ئېلىندى

5 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى گۇشەنكۇننىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە ئۈرۈمچىدە ” ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ” جىددىي يىغىن چاقىرىپ، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا بىر يىللىق ” زوراۋان تېررورىست ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى ” باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” ۋە ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىنىپ قىسقىغىلا 3 كۈن ئىچىدە، يەنى، 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى سەھەرگە قەدەر 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ” تېررور گۇماندارى ” دېگەن بەتنام بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئاساسى جەھەتتىن خوتەن، قەشقەر ۋە ئاقسۇ رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان.

” ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ” نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇپ تۇرۇش ھەرىكىتىدە نوختىلىق ھالدا ” ئىنتېرنېت تورىدا زوراۋانلىق مەزمۇن قىلىنغان فىلىملارنى تارقىتىپ كىشىلەرنى جىھادقا ئۈندىگەنلەر، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان نوختىلىق كىشىلەر، رادىكال دىنچىلار ۋە تۈرلۈك دىنىي رادىكال گۇرۇپپىلارغا قاتناشقان بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە جازالانماي قالغان ۋە تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەن ئۇنسۇرلار ” دىن ئىبارەت 4 خىل كىشىلەر ئىكەن.

يۇقىرىدا قولغا ئېلىنغان 200 دىن ئارتۇق گۇماندارمۇ ئاساسى جەھەتتىن ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق دىنىي رادىكاللىقنى تەرغىب قىلغۇچىلار ئىكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن، قەشقەر ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىمۇ نوختىلىق ھالدا بۇ رايونلارغا قايدۇرۇلغان.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قېتىم باشلىغان ” بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ئالاھىدە ھەرىكىتى ” نىڭ ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانى يەنە بۇرۇنقىدەكلا مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى كۈچلۈك بولغان، شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا باشلىتىلغان بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش ئالاھىدە ھەرىكىتىگە ” تېررورىزمغا قارشى خەلق ئۇرۇشى ” دەپ نام بېرىلگەن.
ئەمەلىيەتتە بولسا، خۇددى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغىنىدەك، 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلار 5 نەپەر گۇمالىق ئۇيغۇر دېھقاندىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا بولۇپ، 4 نەپىرى نەقمەيداندا ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلگەن، قاچقان يەنە بىرى بولسا كورلىدا قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ئەمەلىيەتتە بۇ ھادىسە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا تىنىمسىز ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زەنجىرسىمان زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ زەنجىرسىمان ئىنكاسلىرى ئىدى.

ماۋزېدۇڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن شەكىللەنگەن خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، ” خەلقىمىزگە بالاسى – قازا ئېلىپ كەلگەن زۇلمەتلىك 10 يىل ” دەپ باھا بېرىلگەن ” مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ” مەزگىلىدە، خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسى شۇ دەرىجىدە زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ئىدىكى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىنقىلابى كومىتېتلىرى، خوڭۋېيبىڭ دەپ ئاتالغان قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترەتلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، پارتىيە ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرى … ئومۇمەن مۇستەبىت دىكتاتور ماۋزېدۇڭ ۋە ئۇنۇڭ ھاكىمىيىتىگە سادىق بولغانلىكى گۇرۇپپا ۋە شەخسلەرنىڭ خالىغانچە ئادەم تۇتۇش، سوراق قىلىش، قىيناش، ئاختۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بار ئىدى، شۇ سەۋەبتىن، 10 يىللىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىلا نەچچە مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

بۈگۈن قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەينى چاغدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىن ھېچ بىر پەرقىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
ھازىر ئەسكەر، ساقچى ۋە باشقا قانۇن تارماقلىرى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئادەتتىكى يېزا – كەنت ۋە مەھەللە دەرىجىلىك جېسەكچى، ئامانلىق خادىمى ۋە كادىرنىڭمۇ گۇمانلىق دەپلا قارىغان ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تەقىب قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بار !

شەرقىي تۈركىستاندا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ” 3 خىل كۈچلەر ” دەپ ئاتالغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، خىتاي سوتلىرى تەرىپىدىن ھېچ بىر قانۇنى تەرتىپ ياكى قانۇنى ئاساسقا تايانمىغان ھالدا پۈتۈنلەي سىياسىي بۇيرۇق ۋە سىياسىي قارار بىلەنلا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان بۇ ئۇيغۇرلار ھەتتا سوتتا ئۆزىنى ئاقلاش ۋە مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىدىنمۇ تامامەن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا.
كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، ” ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ” دېگەن نامدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھېچ بىر دەلىل – ئىسپاتسىز ھالدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ بۇ خىل تۇتقۇن قىلىش ۋە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى نىشانى قانداقتۇر ” ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرى ” ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بىگۇناھ ئىنسانلار ئىدى.

چۈنكى، خىتاينىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا تايانغاندىمۇ، 2009 – يىلى 5 – ئىيۇلدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا يا ئۆلتۈرۈلگەن ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى چوڭ – كىچىك نارازىلىق ياكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئومۇمى يۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش دولقۇنى قوزغاش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
مەسىلەن، 1990 – يىلى كىچىككىنە بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىنى باھانە قىلىپ، ” بارىن ئەكسىلئىنقىلابچىلىرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى تازىلاش ” دېگەن نامدا، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسى بويىچە چوڭ تۇتقۇن ھەرىكىتى قوزغاپ، 10 مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىدى.

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى بىرقانچە يىل داۋام قىلدى ۋە بۇ جەرياندا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانى ھەتتا بارىن يېزىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى.

1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى غۇلجىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئاتالمىش ” غۇلجا ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ” دېگەن نامدا چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، بىر – ئىككى يىل داۋام قىلغان بۇ ھەرىكەت جەريانىدا، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەخمىنىگە كۆرە 5000 دىن، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەخمىنىگە كۆرە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قولغا ئېلىندى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ رەسمىي باياناتلىرىدا، 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە قاتناشقانلارنىڭ ئومۇمى سانى 1000 ئەتراپىدا ئىدى.

بۇ قېتىم يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە يۇقىرىقى تاكتىكىسىنىڭ ئەينىسىنى قوللاندى ۋە ئۆتكەن يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە، ” ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ” دېگەن نامدا چوڭ تازىلاش دولقۇنى قوزغىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىغا قاتناشقانلارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن 3000 نەپەر، ئۇلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ساقچى – ئەسكەرلەرنىڭ ئومۇمى سانى 1500 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
ئەمما، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىساق، 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 10 – كۈنىگە قەدەر پەقەتلا ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 3150 نەپەرگە يېقىن.

دېمەك، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمى سانى، 5 – ئىيۇل كۈنى نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ !

ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە بەزى شاھىتلارنىڭ تەخمىنىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن، ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى بولسا بىرقانچە مىڭدىن ئاشىدۇ.

10) خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتامۇ ” قاتتىق زەربە بېرىش ” ھەرىكىتى باشلاندى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان ” خەلق گېزىتى ” نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى بېيجىڭدا ” زوراۋان تېررورىست ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئىچكى ئۆلكىلەردە قانات يايدۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بىلەن بىڭتۇەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن سىرت يەنە پۈتۈن ئۆلكىلەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتناشقان.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭيەننىڭ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنى رەئىس شىجىنپىڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ھەققىدە بەرگەن يوليورۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، پۈتۈن ئىچكى ئۆلكىلەردە ” شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى ” غا كەڭ كۆلەملىك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

يىغىندا يەنە، ئىچكى ئۆلكىلەردە دىنىي رادىكال ئۇنسۇرلار ۋە زوراۋان ئۇنسۇرلار بايقالغان ھامان قاتتىق زەربە بېرىش، بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇش، ئاممىۋى قاتناش ئورۇنلىرىدا تېررورىستلارغا قارشى ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ پۈتۈن ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلار قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان، تۇتقۇن قىلىنغان، بەزى شەھەرلەردىن مەجبۇرى ھەيدەلگەن، ئايروپىلان ۋە پويىزلاردىن ھەيدەپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن، شەرقىي تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىققان پويىزلاردىكى ئۇيغۇرلار پويىزدىن چۈشۈرۈلۈپ ئالاھىدە تەكشۈرۈلگەن ئىدى.

ئىنتېرنېت تورلىرىدا تارقالغان بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىچكى ئۆلكىلەردە تۇرۇۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاتالمىش ” تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ” باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى ئوچۇق ھالدا تەنقىدلىگەن، بۇ ھەقتىكى ۋېدىئو كۆرۈنۈشلىرى كەڭ تۈردە تارقالغان ئىدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 4 – ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن :
” جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ھوقۇقتا تەڭ باراۋەر، دۆلىتىمىز، ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ “.

ئەمەلىيەتتە بولسا، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 1949 – يىلىدىن بۇيان تەكىتلىنىپ كېلىنگەن بۇ ئاتالمىش باراۋەرلىك سىياسىتى، پەقەتلا قەغەز يۈزىدە تەكىتلىنىپ كەلدى،شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقىگە قارىتا سىياسىي، ئىقتىسادى، قانۇنى، مەمۇرى جەھەتلەردە پۈتۈنلەي ئىككىنچى دەرىجىلىك گراژدانلىق تۈسىنى ئالغان ئايرىمىچىلىق ۋە قوش ئۆلچەم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدىلا ئەمەس، پۈتۈن خىتاي تېررىتورىيىسىدە يەكلەشكە، كەمسىتىشكە، ھاقارەتلەشكە، بوزەك قىلىنىشقا ۋە ئېزىلىشكە ئۇچراپ كەلدى.

ئۆتكەن يىلى 28 – ئاۋغۇست يۈز بەرگەن بېيجىڭ ۋەقەسى ۋە بۇ يىل 1 – مارتتا يۈز بەرگەن كۈنمىڭ ۋەقەلىرىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە خىتاينىڭ پۈتۈن ئىچكى ئۆلكىلىرىدە خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گىتلېر ناتسىستلىرى يەھۇدىيلارنى تازىلىغاندەك، كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇرلارنى ئوۋلاش ھەرىكىتى باشلىدى، ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ساقچى ئىدارىلىرى ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن ھامان ساقچىغا مەلۇم قىلىش، ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك، ئۆي كىرالىماسلىق ھەققىدە خىتاي پۇقرالىرىغا مەخسۇس ئۇقتۇرۇشلارنى تارقىتىش بىلەن بىرگە، كوچا لۈكچەكلىرىدىن تەشكىل تاپقان قوغداش ۋە ئامانلىق ئەترەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى سەۋەبسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىش، كوللېكتىپ ھالدا ئۇر – ئۇر قىلىش، مەجبۇرى شەرقىي تۈركىستانغا ھەيدەش ھەرىكىتىنى باشلىدى.
بەزى غەيرىي رەسمىي ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن ئوقۇش، مەجبۇرى ئىشلەمچىلىك، خىزمەت، تىجارەت، سەرگەردانلىق … سەۋەبلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن 1 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ سان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدىكى رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ.

بۇ، ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ناھايىتى قورقۇنچلۇق ۋە ئىنتايىن خەۋپلىك بىر ئەھۋال، چۈنكى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مۇھىت ئىچىدە ۋە قانداق مۇئامىلە ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى 209 – يىلى 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى يۈز بەرگەن شاۋگۇەن ۋەقەسىدە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى !

ئەگەر خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە بولغاندا، ئۇيغۇرلار پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتاي تېررىتورىيىسىدە خۇددى خىتاي پۇقرالىرىغا ئوخشاش ئەركىن ياشىشى، خالىغان يەرگە بېرىپ كېلەلىشى، ئارزۇ قىلغان ئۆلكە ياكى شەھەردە ھېچبىر چەكلىمىگە ئۇچرىماي ياشاپ تۇرالىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىرقى مەنزىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ۋە نورمال پائالىيەت قىلىش دائىرىسى ئۆز ۋەتىنى ھېسابلانغان شەرقىي تۈركىستاندا ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان رايونىنى ئۇيغۇرلارنى نەزەربەند قىلىدىغان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇۋالغان، بۇ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدىن ھالقىپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ قالغان ئۇيغۇرلار ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى، ھەم خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن خۇددى بىر جىنايەتچىدەك مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ، ھازىر خىتاينىڭ پۈتۈن ئۆلكىلىرى ۋە شەھەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قوغلاندى قىلىشنى، ئۇلارغا ياتاق بەرمەسلىكنى، ئۆي ياكى دۇكان كىرالىماسلىق، ئۇلارنى خالىغانچە ئۇرۇپ – سوقۇپ بوزەك قىلىشنى، ھېچبىر قانۇنىي ئاساسقا تايانماستىنلا ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋېلىشنى، ۋە ھەتتا خالىغانچە تۇتۇپ – سولاپ قىيناشنى ئومۇمىي يۈزلۈك بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغىزىدا، ” شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۈيۈك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ” دەپ جار سالغىنى بىلەن، ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يۇقىرىقىدەك پەرقلىق مۇئامىلىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ” جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ” ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ جۇڭخۇا مىللىتىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پەقەتلا خىتاي مىللىتىگىلا خاس ئىكەنلىكىنى ئۆز – ئۆزى ئىقرار قىلىپ تۇرۇپتۇ. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىن، ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارمۇ مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.

مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 90 – يىللارنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا تۈزۈپ چىققان سىياسىتىدە، مەيلى ھۆكۈمەتكە قارشى مىللىي ھەرىكەتلەر بولسۇن، نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بولسۇن ياكى يەرلىك خەلق بىلەن خىتاي مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار بولسۇن، ئومۇمەن ھەممىسىلا خاراكتېر جەھەتتىن ” مىللىي بۆلگۈنچىلىك ” كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ” مىللىي بۆلگۈنچى ” دېگەن گەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە ” دۈشمەن ” دېگەنلا گەپ.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى نازارەت قىلىنىدىغان ۋە ئېھتىيات قىلىنىدىغان خەتەرلىك ئىنسانلار قىلىپ بېكىتىۋالغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى غايەت زور تەشۋىقاتلىرى تۈپەيلىدىن، بۇ خىل ئىدىيە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرىدىن ھالقىپ، پەيدىن – پەي خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگىمۇ يېيىلىشقا باشلىغان، يەنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەرقايسى ئۆلكىلەر ۋە شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدا پىكىر ۋە ھەرىكەت جەھەتتە بىردەكلىك ۋە ئوخشاشلىق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلاپ، بۇ ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ” ئوغرى، قاراقچى، بۇلاڭچى ۋە زوراۋان كۈچ ” قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇلىشىغا تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مىللىتى ئىچىدىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى ۋە ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇرلاردىن ئېھتىياتچان بولۇشقا ئاشكارا ئۈندەپ كەلدى، بولۇپمۇ ئامېرىكادىكى ” 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ پۈتۈن تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي زۇلۇمغا ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسىنى ” تېررورىست ھەرىكەت ” دەپ قارىلاپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىلا تېررورىست بىر ھاۋانى يېيىشقا باشلىدى، خىتاينىڭ ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئايلاپ، يىللاپ بىرەر ئىجابىي خەۋەر – ماقالە كۆرەلمەيسىز، ھەممىسىلا دېگۈدەك سىياسىي جەھەتتىن قارىلاش تۈسىنى ئالغان سەلبىي خەۋەرلەر، يەنى ” ئۇرۇش، چېقىش ۋە بۇلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان مىللىي بۆلگۈنچىلەر، تېررورىست، زوراۋان كۈچلەر ” دېگەنگە ئوخشىغان كەلىمىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن.

خۇددى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ۋە ھەتتا چەتئەللەردىكى دېموكراتىك خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆپ قېتىم خەۋەر قىلىنغىنىدەك، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي جەھەتتە كەمسىتىش ۋە خورلاش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ پۈتۈن ئۆلكىلىرى ۋە شەھەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قوغلاندى قىلىشنى، ئۇلارغا ياتاق بەرمەسلىكنى، ئۆي ياكى دۇكان كىرالىماسلىق، ئۇلارنى خالىغانچە ئۇرۇپ – سوقۇپ بوزەك قىلىشنى، ھېچبىر قانۇنىي ئاساسقا تايانماستىنلا ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىۋېلىشنى، ۋە ھەتتا خالىغانچە تۇتۇپ – سولاپ قىيناشنى ئومۇمىي يۈزلۈك بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىمۇ بىرەر ئۇيغۇرنى كۆرۈپ قالسا ئۇنىڭغا نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن قارايدىغان، ئۇنىڭدىن داجىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان، ياكى “كاۋاپچى”، ” يانچۇقچى ” دەپ توۋلاپ كەينىگە كىرىۋېلىپ مازاق قىلىدىغان، ساقچىلار بىرەر ئۇيغۇرنى ئۇچرىتىپ قالسىمۇ، بىكاردىن – بىكار يېنىنى ئاختۇرۇپ سوراق قىلىدىغان، بىرەر دۇكان ياكى بازارغا بىرەر ئۇيغۇر كىرىپ قالسا، ھەممە خىتاي ئۇنىڭغا خۇددى ئوغرىغا قارىغاندەك گۇمان بىلەن قارايدىغان، ھەتتا دۇكان خادىملىرى مىكروفوندا، “دۇكىنىمىزغا ئۇيغۇر كىردى، يانچۇقۇڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار” دەپ ئاشكارا توۋلايدىغان، تاكسىچىلار ۋە ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى ئۇيغۇر يولۇچىلارنى رەت قىلىپ چىقارمايدىغان بىر ۋەزىيەتكە يەتتى.

بۇ، ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى بولۇپ، بۇنداق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تامامەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان، “تېررورىست، قاتىل، ئوغرى – بۇلاڭچى، بۆلگۈنچى، رادىكال ئىسلامچە” دېگەندەك تەتۈر تەشۋىقاتلىرى سەۋەبچى بولغان، خىتاي ھاكىمىيىتى، “دۆلىتىمىزگە ئەڭ زور خەۋپ شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىدىن كېلىدۇ” دەپ داۋراڭ سېلىش ئارقىلىق، “ئۇيغۇرلار بولسا ئېھتىيات قىلىدىغان ۋە نازارەت قىلىدىغان دۈشمەن مىللەت” دېگەن فاشىست قارىشىنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرگەن ئىدى.

دېمەك، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋاتقىنى، خىتاي مەتبۇئاتلىرى تەشۋىق قىلغىنىدەك قانداقتۇر “تەرەققىي تاپقان، زامانىۋىلاشقان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باغرىغا باسقان ئىللىق بىر مۇھىت” ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارغا بولغان دۈشمەنلىك ۋە نەپرەت تۇيغۇلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان مانا مۇشۇنداق فاشىست بىر مۇھىت ئىدى.

http://legal.people.com.cn/n/2014/0525/c42510-25061895.html
http://society.people.com.cn/n/2014/0525/c1008-25061790.html