” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” نىڭ ئىچكى – تاشقى ئىنكاسلىرى (1)

دئۇق تەشۋىقات – نەشرىيات كومىتېتى
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى

1) ” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” نىڭ قىسقىچە جەريانى

خىتاينىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان ” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2014 – يىلى 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى سائەت 7:50 ئەتراپىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىغا جايلاشقان ” خەلق باغچىسى ” نىڭ شىمالى كوچىسىدىكى ئەتىگەنلىك كۆكتات بازىرىغا نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ئىككى دالا ئاپتوموبىلى كوچىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا قاراپ تەز سۈرەتتە ئېتىلىپ كىرگەن، بۇ ئىككى جىپ ماشىنا ئالدىغا ئۇچرىغانلارنى ئۇرۇپ – سوقۇپ ماڭغان، ئاپتوموبىلدىكىلەر ئەتراپتىكىلەرگە قارىتىپ پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنى تاشلىغان، كوچا رىشاتكىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاخىرى ئاپتوموبىل بىلەن بىللە پارتلىغان.

بەزى شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپتوموبىللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇرچە خەتلەر چۈشۈرۈلگەن بايراق ئېسىلغان بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بايراقنىڭ رەڭگى ۋە يېزىلغان خەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

بۇ ۋەقە جەريانىدا جەمئىي 10 نەچچە قېتىم پارتلاش ئاۋازى تۇيۇلغان، مەيداندىكى بىر ئېگىز بىناغا ئوت كەتكەن، بۇ قېتىمقى پارتلاش دەرىجىسى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، بىرقانچە كىلومېتىر يىراقتىكىلەرمۇ پارتلاشنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلغان.

2) ” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” دە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالى

ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلار مەۋجۇت بولۇپ، ” شى خۇن ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” نىڭ رەسمىي مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 5 – ئاينىڭ 23 – كۈنىگە قەدەر ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 39 نەپەر، يارىلانغانلارنىڭ سانى 94 نەپەر، گەرچە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ مىللىي تەركىبى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي، چۈنكى ۋەقە سادىر بولغان ئەتىگەنلىك كۆكتات بازىرى بولسا ئاساسەن خىتاي كۆچمەنلىرى مەركەزلىك توپلىنىدىغان رايونلارنىڭ بىرى، ئەمما، خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە بازاردا ئۆرۈك ساتىدىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئايالنىڭ جەسىتىنى ئىچكى – تاشقى تەشۋىقاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بازارغا سالماقتا.

3) ” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” نى كىملەر پەيدا قىلغان ؟

خىتاينىڭ زۇۋانى ھېسابلانغان ” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلارنىڭ دېلوسىنى 5 – ئاينىڭ 23 – كۈنى كەچكىچە پاش قىلغانىمىش !

ۋەقەنى سادىر قىلغانلار جەمئىي 5 كىشى بولۇپ، 4 نەپىرى نەقمەيداندا ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلگەن، بىر نەپىرى قېچىپ كەتكەن، نەقمەيداندىن قېچىپ قۇتۇلغان نۇرئەخمەت ئابلىز ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش كورلىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

بۇ 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ھەممىسى خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق گۇما ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئۇلار مەمەت مەمتىمىن، رەھىمجان مەمەت، مەمتىمىن مەمەت، ئابلەت ئابدۇقادىر ۋە كېيىن تۇتۇلۇپ قالغان نۇرئەخمەت ئابلىزمۇ ئىبارەت.

4) ” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” نى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ خەلقئارا تېررورىزم بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى يوق

” شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ” نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاشنى پەيدا قىلغان مەمەت مەمتىمىن، رەھىمجان مەمەت، مەمتىمىن مەمەت، ئابلەت ئابدۇقادىر ۋە نۇرئەخمەت ئابلىزلارنىڭ ھەممىسى گۇمالىق دېھقان ياشلىرى بولۇپ، بۇلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رادىكال دىنىي ئىدىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانمىش ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانمىش، دىنىي ئەسەبىيلىككە دائىر فىلىملارنى كۆرۈپ زەھەرلەنگەنمىش، شۇنىڭ بىلەن 1013 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى يەر ئاستى گۇرۇپپا قورغانمىش ۋە بومبا ياساشقا كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىپ بومبا ياساپ، 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى يۇقىرىقى پارتلاش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانىمىش !

يەنى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ بايان قىلىشىچە، قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا يېرىم يىل بولغان 5 كىشىلىك بىر تەشكىلاتىمىش !

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندىمۇ، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ خەلقئارا تېررورىزم ھەرىكىتى بىلەن ياكى خىتاي ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش ” تېررورىست تەشكىلاتلار ” بىلەن تەشكىلى جەھەتتە ھېچ بىر ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى، پەقەتلا خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئۆچ ۋە قىساس ئېلىش مەقسىتىدە يەككە ھالدا قۇرۇلغان بىر قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ۋەقەدە ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلگەن 4 نەپەر گۇمالىق ئۇيغۇر ياشنىڭ جەسىتىنى د ن ئا ئارقىلىق تەكشۈرۈپ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ چىققان.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، گۇما ناھىيە، 80 – يىللارنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ” مەملىكەت بويىچە ئەڭ نامرات 100 ناھىيە ” دەپ بېكىتىلگەن ناھىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يەنە ” ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ” تەرىپىدىنمۇ ” شىنجاڭ دىكى ئەڭ نامرات 11 ناھىيە ” دەپ بېكىتىلگەن ناھىيىلەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

ھازىرغا قەدەر بۇ ناھىيىدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ساپ كىرىمى ئاران 1000 يۈەن ئەتراپىدا.

5) خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” نىڭ خاراكتېرىگە بەرگەن باھاسى

ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەنى ” ئېغىر خاراكتېردىكى زوراۋان تېررورىست ھەرىكەت ” دەپ جاكارلىدى ۋە 5 – ئاينىڭ 23 – كۈنى 29 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى، بۇ ھەقتىكى رەسىم ۋە فىلىملار كۆرسىتىلدى.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ قېتىمقى مەلۇمات بېرىش يىغىنىدا چەتئەل ئەلچىلىرىگە قىلغان سۆزىدە، ” تېررورىستلار بۇ قېتىمقى ۋەقە ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە ۋە مەدەنىيەتكە قارشى ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەردى، بۇنىڭغا ھەرقانداق بىر قانۇن دۆلىتى چىداپ تۇرالمايدۇ، ھەرقايسى ئەللەر تېررورىزمغا قارشى ئاخبارات ۋە ئۇچۇر جەھەتتىكى ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز لازىم ” دەپ كۆرسەتتى.

كۈلكىلىك يېرى شۇكى، تاشقى دۇنيا بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى بولمىغان ۋە يېرىم يىل بۇرۇن تەشكىللەنگەن 5 نەپەر گۇمالىق ئۇيغۇر دېھقاننىڭ پەيدا قىلغان بۇ ھەرىكىتىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانداقتۇر خەلقئارا تېررورىزم ھەرىكىتىگە باغلىۋالغانلىقى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكىنى بۇ غېرىبانە ” تېررورىست ” لارغا قارشى ئورتاق ھەمكارلىققا چاقىرغانلىقى، كۆپلىگەن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كاللىسىدا سوئال پەيدا قىلماقتا !

يەنە 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭ، ۋەقەنى سادىر قىلغان تېررورىستلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ۋە زەنجىرسىمان ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرىنى ئۈرۈمچىگە ” تېررورىزم ” غا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىشقا ئەۋەتكەن.

بۇندىن باشقا يەنە 5 – ئاينىڭ 22 – كەچ سائەت 10 دا خىتاي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى مېڭجيەنجۇ رىياسەتچىلىكىدە ” پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش جىددىي سەپەرۋەرلىك يىغىنى ” چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررورىست ھەرىكەتلەرنىڭ سىرتقا يېيىلىشىنىڭ جىددىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاتالمىش ” تېررورىستلار ” نى بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇش ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋە ئىنتايىن سەگەك بولۇش، سېزىمچانلىقنى ئاشۇرۇش، بايقىغان ھامان دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش، قاتتىق قوللۇق بىلەن زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، گۇماندارلارنى قېزىپ چىقىپ زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش ۋە تېررورىزمغا قارشى ئومۇمى خەلق ھەرىكىتىنى باشلاش … قاتارلىق جەھەتلەردە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان.

مەزكۇر يىغىندىن كېيىن، خىتاينىڭ پۈتۈن ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يەنە ئۇيغۇرلارنى ئوۋلاپ تۇتۇش، خالىغانچە سوراق قىلىش، ئايروپىلان ئىستانسىسى ۋە پويىز ئىستانسىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئالاھىدە تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش ھەرىكىتى باشلانغان.

بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭغان 4 يولۇچى پويىزى توختىتىلىپ، بۇ يەردىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار بىر – بىرلەپ قاتتىق تەكشۈرۈلگەن، بەزى شەھەرلەردە ئۇيغۇرلار ئايروپىلان ئىستانسىسىغا كىرگۈزۈلمىگەن.

6) دئۇق نىڭ ” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” نىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبىگە بەرگەن باھاسى
ۋەقە يۈز بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، مىللىي رەھبىرىمىز ۋە دئۇق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە دئۇق باياناتچىلىرى ئالىم سېيىتوف ۋە دىلشات رىشىتلار بۇ ھەقتە چەتئەلگە بەرگەن بارلىق باياناتلىرىدا، دئۇق نىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئىزچىل تۈردە قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئامېرىكادا يۈز بەرگەن 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيانمۇ خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسىنىمۇ ناھايىتى ئېنىق تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ خەلقئارا تېررورنى ھەرىكىتى بىلەن تەشكىلى ۋە ئىدىيە جەھەتتە ھېچ بىر ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا جەريان قىلىۋاتقان بۇ خىل قانلىق ھادىسىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ پەقەتلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت تېررور سىياسىتىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە يەككە ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل ئېچىنىشلىق تراگېدىيە مەيدانغا كېلىشىگە پۈتۈنلەي خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، قانۇنى، مەمۇرى، دىنىي، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتلەردىكى ھەقلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى – تەرز يەتكۈزۈش، ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي جەھەتتىن يوقىتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ھالدا باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشتەك فاشىست سىياسەتلىرىنىڭ سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت تېررور سىياسىتى تۈپەيلىدىن، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا ياكى ۋەتەننى تاشلاپ كەڭ كۆلەمدە ھىجرەت قىلىش، ياكى خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتىگە تەز پۈكۈپ قىلىچقا بوينىنى تۇتۇپ بېرىش، ياكى بولمىسا جېنىنى پىدا قىلىپ غۇرۇرى ۋە شان – شەرىپى بىلەن ئۆلۈشتىن باشقا تاللاش يولىنى قويمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدە قېچىپ چىقىپ ئازاب چېكىۋاتقان 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ دەل ئەنە شۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت تېررور سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە قۇربانلىرى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان يۇقىرىقىدەك دۆلەت تېررور سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىگەندە، بۇندىن كېيىنمۇ يەنە قانلىق ھادىسىلەرنىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، يەنى 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى دئۇق رەھبەرلىك ھەيئىتى رابىيە خانىمنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئىچكى – تاشقى ئىنكاسلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە جىددىي مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

دئۇق رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق قانۇن – پرىنسىپلارنىڭ روھىغا ئەمەل قىلغان ھالدا تىنچلىق شەكلىدە كۈرەش ئېلىپ بېرىش ئەن – ئەنىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىغا ئاساسى خەۋپنىڭ قانداقتۇر ئاتالمىش ” شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى ” دىن ئەمەس، دەل ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە دۆلەت تېررور سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىدىن كېلىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ باش جاۋابكارنىڭ شىجىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەيلى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسۇن، ياكى دئۇق باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بولسۇن، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان بېسىم، زۇلۇم ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادى ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا دالالەت قىلىپ كەلگەن، ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ خىل دۆلەت تېررورى تۈسىنى ئالغان غەيرىي ئىنسانى قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزچىل تۈردە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ سەمىمىي تەكلىپلەرگە پىسەنت قىلماي، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان تىپىك مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىدىن ۋاز كەچكىنى يوق.

بولۇپمۇ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىغا پەرۋا قىلماي، شەرقىي تۈركىستان رايونىغا خىتاي كۆچمىنى يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان – تاراج قىلىش، بىڭتۇەننى كېڭەيتىش، خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانۇن جەھەتتىن قوش ئۆلچەم قوللىنىش … قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا بىر قاتار مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولدى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگىنى يوق، ئەپسۇسكى، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ھادىسىلەردىن ھېچ بىر زامان ساۋاق ئالغىنى يوق، ئەكسىچە پۈتۈن مىللىي ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ گەدىنىگە ئارتىپ، ئۇلارغا ” تېررورىست ” دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، قاتتىق باستۇرۇشقا تايانغان دۆلەت تېررور سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى 90 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن، ” شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك قانۇن ئورگانلىرى ئاساسى كۈچىنى مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىشكە قارىتىش كېرەك ” دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ نەزىرىدىكى ” مىللىي بۆلگۈنچىلەر” بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرىنى، جۈملىدىن، خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا ۋە خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ” مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ” تەكىتلەنگەن مىللىي، دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە باشقا ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تىپىك مۇستەملىكىچىلىك تۈسىنى ئالغان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، تالان – تاراج قىلىش، سۈمۈرۈش ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى چىققۇچى شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن ئىبارەت !

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن قانۇن جەھەتتىكى قوش ئۆلچەم سىياسىتى تۈپەيلىدىن ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئەسكەر، ساقچى، ژاندارمىلارنىڭ ئەمەس، ھەتتا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، يەرلىك ئامانلىق خادىملىرى، خىتايلاردىن تەشكىللەنگەن خەلق ئەسكەرلىرى ۋە بىڭتۇەنلەر خىتايلارنىڭمۇ ھېچ بىر قانۇنىي دەلىل – ئىسپاتقا تايانمىغان قۇرۇق تۆھمەت، گۇمان بىلەن، شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ۋە قىساس تۇيغۇسى بىلەن خالىغانچە ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش، قىيناش ۋە تەقىب قىلىش خاھىشى ئەۋج ئالماقتا.

ئارتۇقچە تەكىتلىمىسەكمۇ، 2009 – يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم، ئەينى چاغدا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تىنچلىق شەكلى بىلەن نامايىش قىلىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىپ، مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان ئىدى.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررور سىياسىتى، تىپىك بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە ۋە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى، ب د ت تەرىپىدىن 1948 – يىلى ماقۇللانغان( ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئاڭلاشمىسى ) نىڭ پۈتۈن ماددىلىرى ۋە پرىنسىپلىرىغا تۈپتىن خىلاپتۇر !

دئۇق نىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ھادىسىلەر ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئەمەس، بەلكى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئىزچىل تۈردە يۈرگۈزۈپ كەلگەن زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلىدىن ئىبارەت.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە يولغا قويۇپ كەلگەن كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى تۈپەيلىدىن بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى؛

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا 50 قېتىمغا يېقىن ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە تۈرلۈك غەيرىي كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۈش ۋە تالان – تاراج قىلىش ئارقىلىق، بۇ گۆھەر زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات مىللەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا نەسلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان مەجبۇرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋە بۇ سىياسەتنى قاتتىق قوللۇق بىلەن رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، مىليونلىغان ئانا – بالىلارنىڭ بىئەجەل ئۆلۈپ كېتىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي مائارىپنى مەجبۇرى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن ھازىر ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ سىستېمىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلىرى ئۆزىنىڭ ئانا تىل – يېزىقىنى، ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ قويۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1949 – يىلىدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئاتالمىش ” مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە زەربە بېرىش ” دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ۋە تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا يۈزمىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى، يەنە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم بولدى.

تېخى يېقىندىلا كەلپىندە 15 ياشلىق بىر ئۆسمۈر موتسىكلىت مىنىپ قىزىل چىراقتىن ئۆتۈپ كەتكىنى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئەتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

بىرقانچە كۈن بۇرۇنلا كۇچاردا تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ياغلىق ئارتىشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان ئانىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ نامايىش قىلغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا رەھىمسىزلەرچە ئوق چىقىرىلدى …

پەقەتلا 2013 – يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق ھادىسىلەردە نەچچە يۈزلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر رەھىمسىزلەرچە ئەتىپ ئۆلتۈرۈلدى، مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۈرمىلەرگە تاشلاندى.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يۇرت – ماكانلىرىدىن باشقا يۇرتلارغا ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ھەيدىلىپ، خانىۋەيرانچىلىق ۋە مۇساپىرلىق ئىچىدە ياشىماقتا، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە خىتاي خوجايىنلارنىڭ قولىدا قۇل – دېدەك ئورنىدا ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.

يەنە ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادىدىن ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن تامامەن ۋاز كېچىشكە قىستالماقتا ….
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىدىن تارتىۋاتقان يۇقىرىقىدەك كۈلپەتلىرىنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس !

شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى خەلقئارا جامائەتچىلىك بولسۇن، ياكى خىتاي خەلقى بولسۇن، پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق ھادىسىلەرنىڭ شەكلىگە قاراپ نوقۇل ھالدا باھا بېرىشتىن ساقلىنىپ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئوبدان ئانالىز قىلىشى، باشقا يەردىن جاۋابكار ئىزدىمەي، پۈتۈن قانلىق ھادىسىلەرنىڭ باش جاۋابكارى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىشى لازىم !

7) خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ” 22 – ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسى ” نىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبىگە بەرگەن باھاسى

22-ماي ئۈرۈمچى پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقە ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرگەن چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى،خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى تەنقىدلىدى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد، مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى قاتتىق چەكلىمىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ خىل پاجىئەلەرگە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دېموكراتلىرى يەنە، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئېنىقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك تۈگىمەيدىكەن، كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مەسىلەن، ئامېرىكادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتاقلىق خىتاي دېموكراتلىرىدىن ياڭجيەنلى ئەپەندى ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ” ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ” نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.

ياڭجيەنلى ئەپەندى سۆزىدە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن 1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى 30-ئاپرېل ئادەم بومبا ھۇجۇمى ۋە 22-ماي ئەتىگەنلىك بازارغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى مىسالغا ئېلىپ، بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدە مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى، ھەتتا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياڭجيەنلى مۇنداق دېدى: مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم، رايوندا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكىنى تەھلىل قىلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى كوممۇنىست ھۆكۈمەت رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقىنى قاتتىق قول باستۇرۇش سىياسىتى. شىجىنپىڭ ھۆكۈمىتى قورال كۈچىگە تايىنىپ مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەمما باستۇرۇش كۈچەيگەنسېرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى شۇنچە كۆپىيىۋاتىدۇ، شىددەت دەرىجىسىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. مانا بۇ ھەقىقەت بىزگە مۇقىملىقنى قورال كۈچى ۋە باستۇرۇش سىياسىتىگە تايىنىپ بەرپا قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ رايوندىكى مىللىي سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ياڭجيەنلى ئەپەندى شىجىنپىڭنىڭ 4-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر رايونىغا قىلغان زىيارىتىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى يۇمشىتىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ، شىجىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە باغلاپ، رايوندا تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى ۋە قاتتىق باستۇرۇشنى تەكىتلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا بولغان ئاخىرقى ئۈمىدلىرىنىمۇ يوققا چىقىرىپ، رايوندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىگە ئوت پىلتىسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي رەئىسى شىجىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونى زىيارىتىدىن دەسلەپ ھەممىمىز ئۈمىد كۈتكەن ئىدۇق. ئەمما شىجىنپىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى زىيارىتى جەريانىدا رايون ۋەزىيىتىنى يۇمشىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ئورنىغا ‹ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە، تېررورچىلارغا، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قاتتىق قوللۇق بىلەن زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى. يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، ئېتىقادى، ئانا تىلى قاتارلىقلارنى ئەسلى ھۆرمەت قىلىش كېرەك ئىدى. ئەمما خىتايدەك بىر چوڭ دۆلەتنىڭ رەئىسى بولغان شىجىنپىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئېتىبارغا ئالمىدى. ئەكسىچە رايوندىكى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەندە بۇ يەرگە كەلگەن كۆچمەن خىتايلارغا ئېتىبار بېرىشنى، رايوندا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى تەكىتلىدى. مەن شىجىنپىڭنىڭ قەشقەر زىيارىتىدىكى بىر سۆزىگە دىققەت قىلدىم. ئۇ قەشقەردە ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان قوش تىللىق مەكتەپكە قىلغان زىيارىتىدە، خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىزىغا ‹خەنزۇچىنى ياخشى ئۆگەنسىڭىز، كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەت تاپالايسىز› دېدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى كەمسىتىش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەنلىك. شىجىنپىڭنىڭ مۇشۇ سۆزلىرىنىڭ ئۆزىلا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىككە نارازى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلدى.»

ياڭجيەنلى ئەپەندى يەنە، ئۆزىنىڭ بۇنداق دېيىش ئارقىلىق تېررور يولىنى قوللاش پوزىتسىيىسىدە ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، نۆۋەتتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىنىڭ مەسىلىنى ئۇلغايتىش ئەمەس، بەلكى رايوندىكى بارغانچە ئۆتكۈرلىشىۋاتقان مىللىي زىددىيەتنى پەسەيتىپ، رايوندا نىسبەتەن تىنچ مۇھىت يارىتىش كېرەكلىكىنى، شۇڭا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.

ياڭجيەنلى ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتىنى مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشتۇرسا، ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە قارىلايدىغان تەشۋىقاتلىرىنى توختاتمىسا، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنى بارغانچە ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

8) خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا بىر يىللىق ئالاھىدە زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاتتى

خۇددى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكۈنىمىزدەك، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردىن ھېچ بىر زامان ساۋاق ئالغىنى يوق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىگە قۇلاق سالغىنى يوق، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ سەمىمىي نەسىھەتلىرىنى نەزەرگە ئەپ قويغىنىمۇ يوق، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە بۇرۇنقىدەكلا قانلىق باستۇرۇش شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

مەسىلەن،ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى گۇشەنكۇننىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە ئۈرۈمچىدە ” ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ” جىددىي يىغىن چاقىرىپ، شۇ كۈندىن ئېتىبارەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا بىر يىللىق ” زوراۋان تېررورىست ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى ” باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەرىكەت خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى ۋە خىتاي دۆلەت تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قارارى بىلەن باشلىتىلغان بولۇپ، 2015 – يىلى 6 – ئايغىچە داۋام قىلىدىكەن.

بۇ ھەرىكەتنىڭ زەربە بېرىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئاساسلىقى، زوراۋان تېررورىستلار ۋە ئۇلارنىڭ قورال – بومبا ياساش ئۇۋىلىرى، مەشىق ۋە تەلىم – تەربىيە نوختىلىرى، دۆلەتكە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زوراۋان ۋە رادىكال ئۇنسۇرلار ۋە سىياسىي قاچقۇنلار ئىكەن.

( بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار مۇشۇ تېما ئاستىدا داۋاملىشىدۇ )

مەنبەلەر :

http://news.xinhuanet.com/2014-05/22/c_1110818845.htm
http://news.xinhuanet.com/2014-05/23/c_1110819667.htm
http://www.bbc.co.uk/zhongwen/simp/world/2014/05/140523_xinjiang2.shtml
http://www.bbc.co.uk/zhongwen/simp/world/2014/05/140523_xinjiang_westernexperts.shtml
http://www.bbc.co.uk/zhongwen/simp/china/2014/05/140523_xinjiang_investigation_done.shtml
http://www.bbc.co.uk/zhongwen/simp/china/2014/05/140524_china_xinjiang_security.shtml
http://www.rfa.org/mandarin/yataibaodao/shaoshuminzu/ql-05232014092632.html
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/urumchi-partlash-05222014153943.html/story_main?encoding=latin
http://www.rfa.org/mandarin/yataibaodao/shaoshuminzu/ql-05232014092632.htm
http://news.xinhuanet.com/politics/2014-05/22/c_1110811523.htm
http://news.xinhuanet.com/legal/2014-05/24/c_126541916.htm
http://www.peacehall.com/news/gb/china/2014/05/201405240920.shtml#.U4BXxPkskdU
http://news.xinhuanet.com/2014-05/22/c_1110818974.htm
http://news.xinhuanet.com/2014-05/23/c_1110838264.htm?prolongation=1