ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئومۇمىيۈزلۈك كەمسىتىشىنى ئەيىبلەيمىز
تۈركىستان ۋاقتى
2017 – يىلى 12– ئۆكتەبىر
شەرقىي تۈركىستان: مۇسۇلمان مۇشتەرى قوبۇل قىلغان مېھمانخانىغا جەرىمانە قويۇلدى
2017- يىلى 10- ئۆكتەبىر، خىتايدىكى بىر مېھمانخانا شىنجاڭ رايونى(شەرقىي تۈركىستان – ت)دىن كەلگەن بىر مۇشتەرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن 1700 دوللار جەرىمانە تۆلىگەن. 2017- يىلى 18- ئۆكتەبىردە ئېچىلىدىغان 19- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى سەۋەبلىك، خىتاي دۆلەت مىقياسىدا مۇسۇلمانلارنى مېھمانخانىغا ئالماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. خىتاي ئۆزلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئومۇمىيۈزلۈك كەمسىتىشىنى ئەيىبلەيدۇ.
تەپسىلاتى...