«دېموكراتىيە شۇئان» پروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكىدىكى «دېموكراتىيە شۇئان» ناملىق مۇستەقىل خەۋەر ئورگىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر ئىشلەپ تارقاتتى. مەزكۇر پروگراممىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلەشنىڭ ئاجىز كېلىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارنى «ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان جىنايەت» دەپ شەرھىلىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

يېڭىباغ يېزىسىدا ئاز دېگەندە 7 كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  3-سىنتەبىر

مۇخبىرىمىزنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە كېرىيە ناھىيىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يېڭىباغ يېزىسىدىن تەربىيەلەشكە ئەكىتىلگەنلەردىن 242 كىشىنىڭ بانكىغا قەرزىگە بارغانلىقى، بۇلاردىن يەتتە نەپىرى لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن بانكىنىڭ ئۇلارنىڭ قەرزىنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئەھۋالىنى سىر تۇتۇشقا تىرىشقانغا ئوخشاشلا، ھەتتا ئۇنىڭدىن بەكرەك لاگېردىكىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، بولۇپمۇ لاگېردا جان ئۈزگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىمۇ ئىزچىل ھالدا سىر تۇتۇپ كەلمەكتە. شۇڭا بىز بۇ سىرنى ئېچىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىخانىلارغا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا لاگېردىكى ئۆلۈم ھادىسىلىرى ھەققىدە ئىزچىل ھالدا مەلۇمات سورىدۇق.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى: «خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا ناتسىستلار ئۇسلۇبىدىكى تەقىبلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ»

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  14-ئىيۇل

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ئەتراپىغا جايلاشقان «2049 قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى» ناملىق ئاقىللار ئامبىرى يېقىندا «خىتاي ساقتا ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشنى قانداق قانۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك بىر دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇۋاتقانلىقى، باستۇرۇشنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى تەكىتلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تېررورلۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى رەت قىلىشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان. 

تەپسىلاتى...

ئۈرۈمچى مېتروسىغا كىملىك بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  12-ئاپرىل

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا «ئۈرۈمچى مېتروسىنىڭ قاتنىشىنى باشقۇرۇش چارىسى» نى ماقۇللاپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىدىكى كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. مېترو قاتنىشىنى باشقۇرۇش چارىسىدە، ئۈرۈمچىنىڭ بۇ يىل 6‏-ئايدا باشلىنىدىغان مېترو قاتنىشىغا دائىرىلەر بەزى قاتتىق بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان. بەلگىلىمىدە، مېتروغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلارنىڭ كىملىك بىلەن ئۆز ئىسمىدا بېلەت سېتىۋېلىشى تەلەپ قىلىنىپ، باشقىلارنىڭ كىملىكى بىلەن ياكى ساختا كىملىك بىلەن مېتروغا ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. 

تەپسىلاتى...

تۇرا تۈرمىسىدە غايىب بولغان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  10-ئاپرىل

بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرى بىلەن، بۇلتۇر 30-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن، مىسىردىكى تۇرا تۈرمىسىدىن غايىب بولغان 16 ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمىنىڭ كىملىكلىرى ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى. مىسىردىكى تۇتقۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن تۈركىيەگە كېلىۋالغان ئەزھەر ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئۈمىد مۇجاھىر بۈگۈن رادىئومىزنى، تۇرا تۈرمىسىدىن غايىب قىلىنغان شۇنداقلا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ 16 ئۇيغۇرنىڭ بىرى، ئۆزىنىڭ يېقىن ئاغىنىسى شىرئەلى شىرزات ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتتى.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەندى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 31– ئاۋغۇسىت

دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلانغان دوكلاتلىرىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي رايونلارغا ئالاھىدە قاتتىق تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىنى ئېلىپ بېرىش، پىلاندىن ئارتۇق تۇغقانلارغا ئېغىر جەرىمانە قويۇشتەك قەبىھ سىياسەتلەرنى قوللىنىپ كەلگەنلىكى تەنقىدلەنگەن ئىدى.

يېقىندا يەنە مەجبۇرىي يوسۇندا مەڭگۈلۈك تۇغماسلىق ئوپېراتسىيە تەدبىرلىرىنى، پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرى نامىدا ئومۇملاشتۇرۇۋاتقانلىقىدەك مەسىلىنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنكاسلار ۋە دەلىللەنگەن مەلۇماتلاردىن شۇنىسى مەلۇمكى، ئۇيغۇر دىيارىدا بالىسىنى چۈشۈرگەن ۋە تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيىسى قىلغان ئەمەس، بەلكى دائىرىلەرنىڭ تۈرلۈك قەبىھ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مەجبۇرلىشى، زۇلۇمى، ۋەھىمىلىرى ئاستىدا ھاياتىنى تەھدىتكە ئاتقان.

تەپسىلاتى...

كانادالىق ژۇرنالىست يەكەن ئېلىشقۇدا تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 25– ئاۋغۇست

كانادالىق مۇخبىر ناتخان ۋەندىركلىپپى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ بازىرىدا ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادانىڭ «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ناتخان ۋەندېركلىپپى 23-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى ئاخشامغا يېقىن يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىغا بارغان. ئۇ يەرلىكلەرنى زىيارەت قىلىپ 15 مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا ساقچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان ۋە كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ ساقچىخانىغا ئاپىرىلغان. ساقچىلار ئۇنىڭ سومكىسى ۋە كامېرالىرىنى تەكشۈرگەن.

ۋەندىركلىپپى ئېلىشقۇ ساقچىخانىسىدا ئۈچ سائەتتەك تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى سەھەرگە يېقىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كومپيۇتېرىنى كېيىن ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇتۇپ قالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەردە چۈشكەن مېھمانخانىسىغا يېتىپ كەلگەن.

تەپسىلاتى...

«ئۇيغۇرلارنى بوزەك ئېتىش»: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى خورلىشى دىققەت قوزغىماقتا (1)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 12– ماي

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ يېقىندا ئېلان قىلىنغان دىنىي ئىسىملارنى چەكلەش قاتارلىق بىرقىسىم تەدبىرلىرى خەلقئارا مەتبۇئات ساھەسىدە كۈچلۈك ئەكس تەسىر قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ماقالىلەردە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىلدىكى دىننى چەكلەش ئۇرۇنۇشلىرى «ئۇيغۇرلارنى بوزەك ئېتىپ، مۇسۇلمانلارنى خورلاش» دەپ تەسۋىرلەنمەكتە.

خىتاي ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ھازىر جىددىي يولغا قويۇۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن بولغان باغلىنىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە بازىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ تېخىمۇ زور قىممەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ھەمدە ئىسلام دىنى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇۋاتقان بىر قىسىم سىياسەتلەر بولسا، بۇ خىل «قىممەت» بىلەن باراۋەر يوسۇندا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بولۇپمۇ بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر بوۋاقلارغا مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشنى، ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ساقال قويۇۋېلىشىنى، ئاياللارنىڭ ھېجابلىنىشىنى مەنئى قىلىش مەزمۇنلىرى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر دىيارىدا قونالغۇ خېرىدارلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ساقچىخانىلارغا ئاپتوماتىك يوللىنىدۇ

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 4– ماي

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مېھمانخانا خېرىدارلارنىڭ كىملىك ۋە پاسپورت ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك ھالدا ساقچىخانىلارغا يوللاش ئومۇملاشقان. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىكى مېھمانخانىلاردا مۇسۇلمانلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە سېلىشتۇرغاندا قاتتىقلىقى ئاشكارىلاندى. مېھمانخانا خادىملىرى بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنى، مۇقىملىقنى قوغداش ئېھتىياجى، دەپ ئىزاھلىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مېھمانخانىلاردا بىخەتەرلىك ئېھتىياجى نامىدا، مېھمانخانا خېرىدارلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرى يەرلىك ساقچىخانىلارغا يوللاپ بېرىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ چەتئەل پاسپورتلىرى بىلەن يۇرتىغا تۇغقان يوقلاش ياكى ساياھەت ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىكى بىرقانچە مېھمانخانىغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا مېھمانخانىلارغا چۈشمەكچى بولغان خېرىدارلارغا قارىتا كىملىك ۋە پاسپورت نومۇرلىرىنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، خېرىدارغا دائىر شەخسى ئۇچۇرلارنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىلارغا يوللاپ بېرىلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

تەپسىلاتى...

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىبارسىزلىقى

بۇ سەھىپىدىكى مەزمۇنلار پات يېقىندا يېڭىلىنىپ قويۇلىدۇ. بۇ تېمىدا ئىنگلىزچە سەھىپىمىزدىكى مەزمۇندىن ۋاقىتلىق  پايدىلىنىپ تۇرۇشىڭىزنى سورايمىز

تەپسىلاتى...