ئۇيغۇر رايونىدا بەدەن تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغانلار تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلىدىكەن

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 25– ئاۋغۇست

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2‏-نۆۋەتلىك ئومۇمى خەلق ھەقسىز بەدەن تەكشۈرۈش ھەرىكىتى بۇ يىل 6‏-ئايدا باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 4 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بەدەن تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. يەرلىك دائىرىلەر 2016‏-يىلى 9‏-ئايدا باشلىغان 1‏-نۆۋەتلىك ئومۇمى خەلق بەدەن تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە 17 يېرىم مىليون ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2‏-نۆۋەتلىك ئومۇمى خەلق مەجبۇرىي بەدەن تەكشۈرۈشى بولسا 1‏-نۆۋەتلىك ئومۇمى خەلق بەدەن تەكشۈرۈشىدە چۈشۈپ قالغان پۇقرالارنى نىشان قىلغان بولۇپ، دائىرىلەر بۇنىڭغا بىر مىليارد 785 مىليون خەلق پۇلى ئاجراتقان ئىدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى «ئورگان بانكىسى» غا سېلىۋاتامدۇ؟

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 12– ئىيۇل

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل 5-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە تۈرلۈك ناملار ئاستىدا ئۇيغۇرلار، كۆچمە نوپۇس ۋە ئۆكتىچىلەرنى ئاساس قىلغان ئاساستا ئالاھازەل 40 مىليون كىشىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەۋرىشكىلەرنى يىغىشتىكى مەقسەت ۋە مۇددىئاسىنىڭ ئۆزلىرىدە جىددىي گۇمان ۋە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بولۇپمۇ، خىتايدىكى ئورگان تىجارىتىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقى سۇ يۈزىگە چىقىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەرىكىتىنىڭ ئورگان تىجارىتىگە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرى بۇلتۇر 9-ئايدا ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نى باشلىغان ئىدى. خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە، 6 ئاي داۋام قىلغان ھەرىكەت داۋامىدا 17 مىليون 500 مىڭ ئادەمنىڭ «سالامەتلىكى» تەكشۈرۈلۈپ، رايون نوپۇسىنىڭ 90.03 پىرسەنتىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 83.11 پىرسەنت كىشىنىڭ سالامەتلىك ئارخىپىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ بولۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەل رايى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈرى دەپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەكشۈرۈشكە سالغان مەبلىغى، ئاجراتقان كۈچى ھەمدە جىددىي پوزىتسىيىسى، قاپلاش دائىرىسى، تەكشۈرۈش تۈرلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن باشقا، ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان

تەپسىلاتى...

DNA ئەۋرىشكىلىرىنىڭ «سىياسىي مەقسەتلەر» ئۈچۈن ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقى دىققەت قوزغىغان

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 1– ئىيۇن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەرىكىتى خەلقئارادا كۈچلۈك گۇمان قوزغىغان ئىدى. بولۇپمۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ رۇخسىتىسىز ۋە ھېچقانداق قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقلىرى يوق شارائىتتا يىغىشىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن بۇ ئەھۋال يەنىمۇ كۆپ خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يېقىندا خەلقئارالىق پەن-تەتقىقات ژۇرنىلى بولغان «تەبىئەت» ژۇرنىلى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى DNA ئەۋرىشكىلىرىنىڭ سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئامبارلاشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى بايان قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن يىغىلغان 40 مىليوندىن ئارتۇق DNA ئەۋرىشكىسىنىڭ ئاساسلىق ئۇيغۇرلاردىن شۇنداقلا يەنە ئۆكتىچىلەر ۋە كۆچمە نوپۇسلاردىن ئېلىنغانلىقىنى ئىپادە قىلغاندىن كېيىن، ھەرىكەتنىڭ مەقسىتىگە قارىتا تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. يېقىندا، خەلقئارالىق پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى بولغان «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا بىر پارچە تەكشۈرۈش ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالە ئاپتورى داۋىد كيرانوسكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ھازىر يىغىلغان DNA ئەۋرىشكىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ياكى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇچۇرلارنى سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشى مۇمكىن، دەيدىغان ئەندىشىنى كۈچەيتكەن.

تەپسىلاتى...

«خىتايدىكى دنا ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرى ئۇيغۇرلار بولماقتا»

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 17– ماي

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ د ن ئا (DNA) ئەۋرىشكىسىنى يىغىش ھەرىكىتى ئۈستىدە مۇھىم بىر دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى د ن ئا ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەرىكىتىدە ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنى، ئۆكتىچىلەرنى ۋە كۆچمە نوپۇسلارنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ ئېلىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتىكەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيلىكىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن بىرگە، بەلگىلىك گۇرۇپپىلارنى ئاساس نىشان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى كەمسىتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «خىتاي ساقچىلىرىدىكى د ن ئا ئۇچۇرلىرى خۇسۇسىي ئۇچۇرنىڭ مەخپىيەتلىكىگە خەۋپ تۇغدۇرماقتا» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە تۈرلۈك ناملار ئاستىدا 40 مىليون كىشىنىڭ د ن ئا ئۇچۇرىنى يىغقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىق ئۇيغۇرلاردىن، ئۆكتىچىلەر ۋە كۆچمە نوپۇسلاردىن ئېلىنغان ئىكەن.

تەپسىلاتى...

ئەنىۋەر توختى ياپونىيەدە خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى ھەققىدە دوكلات بەردى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 26– ئاپرىل

23-ئاپرېل توكيودىكى بۇنكيو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا « خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قۇربانلىرى ئۇيغۇرلار» دېگەن تىمىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر ئىككى سائەت داۋام قىلدى. پائالىيەتكە ئاساسلىقى توكيودىكى بىر قىسىم دوختۇرخانىلارنىڭ دوختۇرلىرى ۋە خىتاي مەسىلىلىرىگە قىزىققۇچى كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى. ھازىر ئەنگىلىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ئەنىۋەر توختى 16-ئاپرېل كۈنىدىن بۇيان ياپونىيەنىڭ فۇكۇئوشىما، ھىروشىما، ناگويا ۋە فۇكۇئوكا قاتارلىق شەھەرلىرىدە خىتايدىكى قانۇنسىز ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىش تىجارىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەندىن كېيىن، بۈگۈن توكيودىكى بۇنكيو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا « خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى تىجارىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قۇربانلىرى ئۇيغۇرلار» دېگەن تىمىدا دوكلات بەردى.

تەپسىلاتى...

تەن سالامەتلىك ۋە ئاتوم سىناقلىرى

بۇ سەھىپىدىكى مەزمۇنلار پات يېقىندا يېڭىلىنىپ قويۇلىدۇ. بۇ تېمىدا ئىنگلىزچە سەھىپىمىزدىكى مەزمۇندىن ۋاقىتلىق  پايدىلىنىپ تۇرۇشىڭىزنى سورايمىز

تەپسىلاتى...