كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي زاتلارنى يىغىۋېلىنىپ، جىنازا نامىزى چۈشۈرۈشكە ئادەم قالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى 11– يانۋار

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايوندا توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر چىراغ ئىشلىرىدا نىكاھ ئوقۇش، خەتمە-قۇرئان قىلىش ياكى جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈشكە دىنىي زات تېپىلماسلىق ئېغىر ۋەزىيەت پەيدا بولغان.

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا نىكاھ ئوقۇش، جىنازا نامىزى چۈشۈرۈش، خەتمە قۇرئان قىلىشقا دىنىي زات قالماسلىقتەك بۇ ئېغىر ئەھۋالنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا ئىمام-خاتىپ، مەزىن ۋە دىنىي زاتلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە سولىشى ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەرلىك ئاھالىلەر، بەزى رايونلاردا دىنىي زاتلار ئاساسەن قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

قىزىل «مەشرەپ» ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەقدىرىنى كۆرسىتىپ بەردى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 16– نۇيابىر

يېقىندىن بۇيان «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە» سى ئۇيغۇرچە قانىلىدىكى پروگراممىلارمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھەر شەنبە تارقىتىدىغان «مەشرەپ» پروگراممىسىنىڭ، 180-سانى «بىز ئانار دانىسى» دېگەن تېمىدا ئىشلىنىپ، پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساداقەتمەنلىك، مىننەتدارلىق ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇر رېژىسسور ۋە تېلېۋىزىيە خادىملىرى، ئەنئەنە ۋە خاسلىققا ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان مەشرەپ پروگراممىسىنىڭ قىزىللاشتۇرۇلۇشىنى «ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە سەنئىتى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەشرىپىگە زىيانكەشلىك قىلىنىۋاتقانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ باھا بەردى شۇنداقلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ كېلەچىكىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمى مىراسلىرىدىن بىرى بولغان مەشرەپ يۇرت يۇرتلاردا ئومۇملاشقان، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا سەنئەت ئويۇنلىرى، مىللىي ئەنئەنە، تەنتەربىيە، ئەدەبىيات، تائام مەدەنىيىتى قاتارلىقلار مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، ئۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىدىغان ئۇنىۋېرسال بىر مەكتەپ. شۇڭىمۇ ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنى مەكتەپكە، بولمىسا مەشرەپكە بەر» دەيدىغان سۆزلەرمۇ بار.

ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن مەشرەپ مەدەنىيىتىدە، ئوخشىمىغان تارىخىي ۋە سىياسىي دەۋرلەردە ئۈزۈكچىلىك پەيدا بولغان ئىدى. ئۇيغۇر دىيارى ئەدەبىيات-سەنئەت ئاسمىنىنىڭ چولپان يۇلتۇزلىرى، سىنارىستلىرى-رېژىسسورلىرى، شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن ئەنئەنىۋى مەشرەپ ئۇنىۋېرسال تېلېۋىزىيە سەنئىتى شەكلىدە سۈرەتكە ئېلىنىپ، «مەشرەپ» تېلېۋىزىيە پروگراممىسى سۈپىتىدە 2002-يىلىدىن ئېتىبارەن «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى 2-قانىلى» دا كۆرسىتىلىشكە باشلىغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

سۈنئىي ئاپتونومىيە: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەل سورۇنىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى
2017 – يىلى 5– نۇيابىر

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 19- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك سياسىي يىغىن بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئاز سانلىقلار ۋە ئاياللار ۋەكىللىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى دىققەت تارتتى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى يېڭى بىر دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل ئىكەنلىكى بايقالدى. گەرچە ھۆكۈمەت «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىسىمۇ، لېكىن  يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا خىتايلار قويۇلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى(تۆۋەندە قىسقىچە ئۇ ك ھ ق دەپ ئېلىندى – تەرجىماندىن)نىڭ قارىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقتتا سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بولۇپ سايلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى تېخىمۇ تارايتىۋېتىدۇ. ئۇ ك ھ ق شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، چېن چۈەنگونىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىشلاردىكى ۋەكىللىك ئورنىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

تەپسىلاتى...

ئاتا-ئانىسى «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن بالىلار دارىلتاملارغا ئاپىرىپ بېرىلگەن

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 13– ئۆكتەبىر

ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنىپ قاماپ قويۇلغانلارنىڭ بارلىقى مەلۇم بولماقتا.

«تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئايلاپ قويۇپ بېرىلمەيۋاتقان ئەھۋالدا قارانچۇقسىز ۋە ھىمايىسىز قالغان بالىلارنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىمىز جەريانىدا، قارانچۇقسىز قالغان بۇ بالىلارنىڭ نۆۋەتتە مەھەللە كومىتېتلىرى تەرىپىدىن جايلاردىكى يېتىم-يېسىرلار پاراۋانلىق ئورنىغا، يەنى دارلتاملارغا ئاپىرىپ بېرىلىۋاتقانلىقى دەلىللەندى. ئاشكارىلىنىشىچە، يېتىم قېلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار دارلتاملارغا سىغماي قالغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 

تەپسىلاتى...

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئومۇمىيۈزلۈك كەمسىتىشىنى ئەيىبلەيمىز

تۈركىستان ۋاقتى
2017 – يىلى 12– ئۆكتەبىر

شەرقىي تۈركىستان: مۇسۇلمان مۇشتەرى قوبۇل قىلغان مېھمانخانىغا جەرىمانە قويۇلدى

2017- يىلى 10- ئۆكتەبىر، خىتايدىكى بىر مېھمانخانا شىنجاڭ رايونى(شەرقىي تۈركىستان – ت)دىن كەلگەن بىر مۇشتەرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن 1700 دوللار جەرىمانە تۆلىگەن. 2017- يىلى 18- ئۆكتەبىردە ئېچىلىدىغان 19- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى سەۋەبلىك، خىتاي دۆلەت مىقياسىدا مۇسۇلمانلارنى مېھمانخانىغا ئالماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. خىتاي ئۆزلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئومۇمىيۈزلۈك كەمسىتىشىنى ئەيىبلەيدۇ.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلىلەردە ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق نەرسە چەكلەنگەن

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 28– سىنتەبىر

خوتەن ۋىلايىتى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بارلىق يەسلىلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى، دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى چەكلىگەن. بۇ، خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ بۇ يىل 7‏-ئايدا خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەپ، بىردەك خىتاي تىلىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى 5 ماددىلىق بەلگىلىمىسىدىن كېيىن چىقارغان يەنە بىر قاتتىق بەلگىلىمىدۇر.

خوتەن مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يەسلىلەرگە چىقارغان «يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 8 ماددىلىق ئىنتىزامى» ناملىق بەلگىلىمىسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىنىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشى، ياغلىق ئارتىشى، ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساقال قويۇشى چەكلىنىپ، ئۇلارنىڭ بىردەك «دۆلەت تىلى» دا سۆزلىشى تەلەپ قىلىنغان.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىكى بىر بىر خىتاي يەسلى ئوقۇتقۇچىسى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يەسلىلەردىكى ياساق دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەسلىلەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخىي، ئۇيغۇر كلاسسىك شەخسلەر، ئۇيغۇر مىللىي ھاياتى ياكى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان رەسىم، ھۆسنى خەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ، تام گېزىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقانداق كۆرۈنۈش چەكلىنىدىكەن. 

تەپسىلاتى...

دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ ئاشخانىلىرىدا «مۇسۇلمانچە»، «مىللىي» بەلگىلىرى چەكلىگەن

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 19– سىنتەبىر

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى يىل ئاۋۋال «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدىكى سىياسىي ھەرىكىتىنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا باشلىغان ئىدى.

مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ،ھەتتا مەكتەپلەردىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنىڭ «مۇسۇلمانچە» دېگەن بەلگىلىرىنى  جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا پايدىسىز دەپ ئېلىپ تاشلاپ،خىتايچە ۋە مۇسۇلمانچە ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە مەكتەپ ئاشخانىلىرىغا ھەتتا «مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىشنىمۇ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە سەۋەب بولىدۇ دەپ چەكلىگەن. ئىنكاسلارغا قارىغاندا دائىرىلەر بۇنى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىشتىكى مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە، رايوندىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرماقتا ئىكەن.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ 10-سېنتەبىر ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 33-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا قويغان پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگو ئۈرۈمچىدە، مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈپ، «قوش تىل» مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەكتەپلەردە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا يول يورۇق بەرگەن. 

تەپسىلاتى...

خىتاي تىلىدىكى دەرسلىكلەرنىڭ ئومۇملىشىشى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشسىز قالدۇرماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 18– سىنتەبىر

ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان مەجبۇرى يولغا قويۇلۇپ كەلگەن «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقارغان ئىدى. بۇ يىل 7-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا خىتايچە دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىش قارارى رايوندا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشسىز قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئىگىلەيدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرمەكتىكەن. غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىزمەتچى خادىملار بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا غۇلجىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قايتا تەرتىپكە سېلىنىپ، يېڭىدىن بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە 2007-يىلدىن بۇيانقى شاللاشلاردىن ئۆتۈپ ئاتالمىش «قوش تىللىق» مەكتەپلەردە دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى 40 ياشتىن ئاشقان بىر تۈركۈم تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلار «خىتايچە ئوقۇتۇش ئېھتىياجىدىن چىقالمايدۇ» دېگەن باھانىدە خىزمىتىدىن توختىتىلغان. ئۇلارنىڭ ئورنىغا «ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى» نامىدا يېڭىدىن بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇتقۇچىلار قوبۇل قىلىنغان.
تەپسىلاتى...

غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بارلىق دەرسلەرنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 15– سىنتەبىر

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 7-ئايدا چىقارغان ھۆججىتىدە بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا دۆلەت بويىچە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان خىتايچە دەرسلىكلەرنىڭ ئۆتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ قارار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى. غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر نەپەر خىتاي خادىم نۆۋەتتە غۇلجادىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئاتالمىش «دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلى» دا دەرس ئۆتۈش باشلانغانلىقىنى دەلىللىدى.

14-سېنتەبىر يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغىنىغا ئىككى ھەپتە بولغاندا ئىلى دىيارىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغا ۋە غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا بىر تۇتاش تارقىتىلغان خىتاي تىلىدىكى دەرسلىكلەر ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

تەپسىلاتى...

لايقا يېزىسىدىكى سىياسىي توي مۇنازىرە قوزغىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 7– سىنتەبىر

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى «فېيسىبۇك» تا 20 جۈپ ئۇيغۇر ياشنىڭ ئوپچە توي مۇراسىمىدا، خىتاينىڭ بايرىقىغا قەسەم بېرىۋاتقانلىقىدەك بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقالغان ئىدى. مەزكۇر كۆرۈنۈش نۇرغۇن قېتىم بەھرىلەندى ۋە مۇنازىرىلەر قوزغىماقتا. ئېنىقلىشىمىزغا قارىغاندا، خوتەن ناھىيە لايقا يېزىسىدىكى سىياسىيلاشتۇرۇلغان بۇ توي مۇراسىمى يېزا ۋە ناھىيە دائىرىلىرىنىڭ «رادىكاللىقنى تۈگىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى» نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، توي كۈنىمۇ ھەتتا، خىتاي دېھقانلار كالېندارى بويىچە خىتاينىڭ پادىچى يىگىت-توقۇمىچى قىز رىۋايىتىدىكى «چى شى» كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

تەپسىلاتى...