كەنت سېكرېتارى: «بۇيرۇققا ئاساسەن ئۆيۈمنىڭ تېمىدىكى مېھراب شەكىللىك ئويۇقنى تۆت چاسىغا ئۆزگەرتتىم»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى سىياسىي بوران-چاپقۇنى مەسچىتلەرنى ئۆرۈش، مەسچىت مۇنارلىرىنى يىقىتىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ ئاھالىلەرنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرىدىكى مېھراب ۋە ھىلال ئاي شەكىللىرىنىمۇ ئامان قويمىغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بىر ۋىدىيولۇق ئۇچۇردا ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەلۇم بىر جايىدا بىر ئايالنىڭ ئۆز ئۆيىنىڭ تورۇسىدىكى لىم ياغاچقا نەقىشلەنگەن نەقىشلەرنى گۈرجەك بىلەن سويۇپ چىقىرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ ئالدىدا راىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا غۇلجىنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ مىللىي پاسوندىكى نەقىشلىرىنىڭ تۆكۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى.

خوتەندىكى بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ دەلىللىشىچە، بۇلتۇردىن باشلاپ مېھراب شەكىللىك كۆرۈنۈشلەرمۇ «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ قارىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرىگە نەقىشلەنگەن مېھرابلار تۈزلىۋېتىلگەن ياكى تۆت چاسا شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن.

تەپسىلاتى...

كەنت سېكرېتارى: قوشماق تۇغقانلىرىمىز بىلەن داستىخاندا ئولتۇرساق ھالال-ھارام دېمەيمىز، چوشقا گۆشىنىمۇ يەيمىز

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم توپلاشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ۋە خىتاينىڭ قوشماق تۇغقان سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا باشلامچى بولۇۋاتقان خوتەندىكى مەلۇم بىر كەنت سېكرېتارى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قوشماق تۇغقىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ بۇ جەرياندا، ۋاڭ ۋە ما فامىلىلىك قوشماق تۇغقانلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ھالال-ھارامنى ئايرىماسلىقنى ئۆگەتكەنلىكى، شۇڭا قوشماق تۇغقانلىرى گۆش ئېلىپ كەلسە، چوشقا گۆشى بولسىمۇ يەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز خوتەندە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم توپلاشتا ئەڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كەنت كادىرلىرىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، خوتەننىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى قوشماق تۇغقان سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە ئۆزى ئۈلگە بولۇۋاتقان بىر سېكرېتار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش قوشماق تۇغقان سىياسىتى، 2016‏-يىلدىن، يەنى چېن چۈەنگو دەۋرىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان ۋە ھەرقايسى جايلاردا قوشماق تۇغقان ھەپتىلىكى پائالىيىتى يولغا قويۇلغان. ھازىرغىچە ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن بۇ ئاتالمىش قوشماق تۇغقانلارنىڭ ئائىلىلەردە نازارەتچىلىك قىلىشتىن باشقا، بۇ ئائىلىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، جۈملىدىن ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم؛ ئەمما بەزى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى، كۆپىنچە ئاھالىلەرنىڭ قاتتىق بېسىم ۋە تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىغا قارىماي، ھالال-ھارام كۆز قارىشىدا تەۋرىنىش بولمىغانلىقى، بولۇپمۇ، چوشقا گۆشى يېيىشنى قوبۇل قىلغانلارنى ھۆكۈمەت زىياپەتلىرىدىن باشقا سورۇنلاردا ئۇچرىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر رايونىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەسچىت ۋە مازارلارنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقىغا دائىر يېڭى دەلىللەر ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» بىلەن «بېللىڭكېيت» ناملىق تور ژۇرنىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016‏-يىلدىن بېرى قاغىلىق، خوتەن قاتارلىق تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى جايلاردىكى 30 نەچچە مەسچىت ۋە دىنىي تاۋاپگاھنىڭ پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چېقىپ تاشلىغانلىقىغا دائىر يېڭى دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ 6‏-ماي ئېلان قىلغان خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چېقىپ تاشلانغان بۇ مەسچىت ۋە دىنىي تاۋاپگاھلار خوتەندىكى ئىمام ئاسىم مازىرى، جەفەرى سادىق مازىرى قاتارلىق ئىككى مەشھۇر تاۋاپگاھنى، قاغىلىق چوڭ مەسچىتىدەك ئاتاقلىق جامەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«مۇھاپىزەتچى گېزىتى» بىلەن «بېللىڭكەيت» تورى بۇ دەلىللەرگە مەزكۇر رايوندىكى 100 دەك مەسچىت ۋە تاۋاپگاھنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىش، يەرلىك پۇقرالارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار تەكشۈرگەن 100 دەك مەسچىت ۋە تاۋاپگاھنىڭ ئىچىدىكى قاغىلىق مەسچىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 31 مەسچىت بىلەن خوتەندىكى ئىمام ئاسىم مازىرى ۋە جەفەرى سادىق مازىرى قاتارلىق ئىككى تاۋاپگاھنىڭ قۇرۇلۇشى 2016‏-يىلدىن 2018‏-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىكەن. خەۋەردە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 15 مەسچىت ۋە يۇقىرىقى ئىككى مازارنىڭ پۈتۈنلەي ياكى ئاساسەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، قالغان مەسچىتلەرنىڭ قۇببە، مۇنار ۋە دەرۋازىلىرىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن مەسچىت ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان 9 قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەپسىلاتى...

«دېموكراتىيە شۇئان» پروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكىدىكى «دېموكراتىيە شۇئان» ناملىق مۇستەقىل خەۋەر ئورگىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر ئىشلەپ تارقاتتى. مەزكۇر پروگراممىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلەشنىڭ ئاجىز كېلىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارنى «ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان جىنايەت» دەپ شەرھىلىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكىلىق ساياھەتچى: «‹ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي باغچىسى› دەپ ئويلايدىغان قەشقەر كوچا ئۆيلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بوپتۇ»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«مەن قەشقەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن ئازراق خەۋەردار بولساممۇ، قەشقەر كوچا ئۆيلىرى دەپ ئاتىلىدىغان مەھەللىدە نۇرغۇن ئاھالە ياشايدۇ، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما ئۆزۈم بارغاندىن كېيىن، تولۇق بىر مەھەللىنىڭ پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىلگەن كۆرۈنۈشى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى. كوچىلاردىكى تاشلىۋېتىلگەن ۋېلىسىپىتلەر، ئىشىكلەرنىڭ ئۈستىگە قايتا-قايتا يېزىلغان خاتا بەلگىسى. . . پۈتۈن بىر مەھەللە قاراڭغۇلۇققا تولۇپتۇ،»

يۇقىرىقى جۈملىلەر ئامېرىكىلىق بىر ساياھەتچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى «قەشقەر كوچا ئۆيلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەھەللىگە ساياھەتكە بارغان چېغىدا شاھىت بولغان مەنزىرىلىرىنىڭ ئەينەن تەسۋىرلىرىدۇر.

تەپسىلاتى...

خىتاي «پان-ھالالىزىم» غا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  21-ئ‍ۆكتەبىر

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «پان-ھالالىزىم» غا قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئىسلامى يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە رىغبەتلەندۈرۈشى رەسمىي سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلانماقتا. مەزكۇر ھەرىكەت بۇ يىل 8‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خىتايغا ئۆيلەنگەن مارالبېشىلىق بىر ئۇيغۇر مەمۇرى خادىمنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسى بىلەن رەسمىي تۈس ئېلىشقا باشلىغان.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  23-سىنتەبىر

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈن، يەنى 21-سېنتەبىر ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» نامىدىكى لاگېرلىرىغا قامىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دارىلئېتاملارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، بۇ خىل دارىلئېتاملار بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋېتىشتىكى ئەڭ يېڭى سىستېمىلىق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ماقالىدا يەنە لاگېر سىرتىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە يەنە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە زىيارەتتە بولغانلىقى بايان قىلىنغان. گەرچە بۇ بىر خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ۋاقىتلار بولسىمۇ، خىتايدىن قېچىپ چىققان، ئەمما پەرزەنتلىرى خىتايدا قەپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئېغىر قايغۇ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى تەسىرلىك مىساللار ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. 

تەپسىلاتى...

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  20-سىنتەبىر

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «مەدەنىيەتنى رەڭدارلاشتۇرۇش» پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە خىتاي تىلى، يەنى «پۇتوڭخۇانى» سۆزلەش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش تەشەببۇسلىرىمۇ قوشماقتا.

يېقىندا ئاقسۇ ئاخبارات تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتىنى تاشلاپ، خىتايچە مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقى، يەنى يېزا، ناھىيە ۋە ھەرقايسى مەكتەپلەردە خىتايچە ھۆسنخەت يېزىش، خىتايچە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ۋە خىتايچە ئۇسۇللارنى ئويناش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئاتالمىش «رەڭدارلىشىش» قا قاراپ يۈزلەندۈرۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «پۇتوڭخۇانى»، يەنى خىتاي ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچە تەپەككۇر قىلىشقا زورلىنىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئاقسۇ خەۋەر تورىدىكى ماقالە ۋە خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مەدەنىيەتنى رەڭدارلاشتۇرۇش» پائالىيىتىدە، ئۇيغۇرلار بەلدۇمباق ئۇسۇلى، خىتايچە كىيىم كۆرگەزمىسى، جاڭ ۋە دۇمباق، ياڭگېر ئۇسۇلى قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرسىتىشكە شۇنداقلا خىتاي تىلىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشقا ۋە نۇتۇق سۆزلەشكە تەشكىللەنگەن.

دىققەت قوزغايدىغان نۇقتا شۇكى، خىتاي ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا قوش تىلى مائارىپى ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەن بولسا، يېقىندىن بۇيان «دۆلەت تىلى» ئاتالغۇسىنى قوللىنىشنى باشلىغان. ئاقسۇ خەۋەر تورىدا بولسا خىتايچە سۆز بولغان «پۇتۇڭخۇا» ئاتالغۇسى ئىشلىتىلگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل ئاتالمىش «مەدەنىيەتنى رەڭدارلاشتۇرۇش» پائالىيىتىدىكى مەزمۇنلار ئاساسەن دېگۈدەك خىتاي مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسى ياكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە زىت نۇقتىلار ئىكەن. بۇ پائالىيەتلەردە ھېچقاچان ئۇيغۇر كلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىلىرىنىڭ شېئىرلىرى دېكلاماتسىيە قىلىنمايدىكەن ۋە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ھەم مىللىي كىملىك روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرى ئىپادىلەنمەيدىكەن.

تەپسىلاتى...

كەنت سېكرېتارى: ئاتا-ئانىسى تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەن بالىلار «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دە ئوقۇماقتا

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  31-ئاۋغۇست

ئاشكارىلىنىشىچە، كېرىيە ناھىيەسىدە ئاتا-ئانىسى تەڭلا يىغىۋېلىش لاگېرغا ئەكېتىلگەن بالىلار «پەرىشتىلەر مەكتىپى» دەپ نام بېرىلگەن ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خادىملاردىن بىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئاتالمىش پەرىشتىلەر مەكتىپىدىن كېرىيە ناھىيەسىدە ئىككىسى بار بولۇپ، بۇنىڭدا 4 ياش بىلەن 18 ياش ئارىسىدىكى 3 مىڭچە بالا ئاتا-ئانا مېھرى ۋە تەربىيەسى؛ شۇنداقلا ئائىلە مۇھىتىدىن مەھرۇم ھالەتتە يېتىشتۈرۈلمەكتە. 

تەپسىلاتى...

بايدىكى بىر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىدە بىرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى قالمىغان

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  22-ئاۋغۇست

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسىدىكى بىر ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئوقۇتقۇچىلارغا ئالماشتۇرۇلۇپ، مەكتەپتە بىرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى قالمىغان.

«شياڭياڭ باشلانغۇچ مەكتىپى» 1968‏-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇرۇن بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر ئىدى. پۈتۈن كۈنلۈك، ياتاقلىق ۋە 6 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىدىكى بۇ مەكتەپتە ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 90 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن.

ئاقسۇ ئاخبارات تورىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان بۇ مەكتەپتىكى «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇلارغا ئالماشتۇرۇلۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئوقۇتقۇچىسىنى سەپلەش نىسبىتى 100 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەن.» بۇ مەكتەپنىڭ بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. 

تەپسىلاتى...