«كۈچەيتىپ تەربىيىلەش» كە تۇتۇلغان بانۇخان روزىمەمەتنىڭ قاراقاشتىكى تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇخبىرىمىزنىڭ قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا زاۋىنىڭ تۆگەتوغراق كەنتىدىكى بانۇخان روزىمەمەت ئىسىملىك 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايالنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بانۇخان روزىمەمەت لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، «كۈچەيتىپ تەربىيىلەش» نامى ئاستىدا 11 يىللىق كېسىلگەن ۋە بوستانكۆل تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا بۇ يېزىنىڭ تۆگەتوغراق كەنت 4‏-مەھەللە ئەزاسى بانۇخان روزىمەمەتنىڭ ئۆتكەن ئايدا تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى. بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىقلاش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇن ۋە كىشىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، بانۇخان روزىمەمەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى جەمئىيەتكە بەك كەڭ تارقالمىغان. ھەتتا تۆگەتوغراققا قوشنا كەنتلەردە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرمۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ كېتەلمىگەن. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 40 نەچچە ياشلارغا كىرگەن، 3 بالىنىڭ ئانىسى بولغان بانۇخان روزىمەمەت قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئاتالمىش بوستانكۆل «تەربىيىلەش مەركىزى» بىلەن يانمۇ يان جايلاشقان بوستانكۆل تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تەپسىلاتى...

مىسىردىن يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچى ئىلھام قارىمۇ يىغىۋېلىش لاگېرىدا جان ئۈزگەن

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  15-ئ‍ۆكتەبىر

ئالدىنقى كۈنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، مىسىردىن يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلاردىن 28 ياشلىق ئىلھام قارى مەمەتجاننىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا جان ئۈزگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلھام قارىنىڭ يۇرتى بولغان ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

رادىئومىزغا كەلگەن مەزكۇر ئىنكاستا ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزا بۆگەن كەنتىدىكى مۆتىۋەر زاتلاردىن ئوبۇلھەسەن ھاجىنىڭ نەۋرىسى ئىلھام قارى مەمەتجاننىڭ 2016 ‏-يىلى يۇرتىغا قايتقانلىقى ۋە بىر مەھەل نەزەربەند قىلىنغاندىن كېيىن يىغىۋېلىنىپ لاگېرىغا ئەكېتىلگەنلىكى، بۇلتۇر يەنى 2017‏-يىلى يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاتۇش شەھەرلىك ج خ قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون قىلدۇق.

تەپسىلاتى...

يېڭىباغ يېزىسىدا ئاز دېگەندە 7 كىشىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  3-سىنتەبىر

مۇخبىرىمىزنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە كېرىيە ناھىيىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يېڭىباغ يېزىسىدىن تەربىيەلەشكە ئەكىتىلگەنلەردىن 242 كىشىنىڭ بانكىغا قەرزىگە بارغانلىقى، بۇلاردىن يەتتە نەپىرى لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن بانكىنىڭ ئۇلارنىڭ قەرزىنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئەھۋالىنى سىر تۇتۇشقا تىرىشقانغا ئوخشاشلا، ھەتتا ئۇنىڭدىن بەكرەك لاگېردىكىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، بولۇپمۇ لاگېردا جان ئۈزگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىمۇ ئىزچىل ھالدا سىر تۇتۇپ كەلمەكتە. شۇڭا بىز بۇ سىرنى ئېچىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچىخانىلارغا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا لاگېردىكى ئۆلۈم ھادىسىلىرى ھەققىدە ئىزچىل ھالدا مەلۇمات سورىدۇق.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكىدىكى رانت مېدىياسى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي «يىغىۋېلىش لاگېر» لىرىدا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  14-ئىيۇل

ئامېرىكىدىكى «رانت مېدىيا» ناملىق ئاخبارات ئورگىنى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، دۇنيانىڭ بۇ ۋەھشىلىككە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

«مىڭلىغان مۇسۇلمانلار خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىنى رانت مېدىياسىنىڭ ستون يازغۇچىسى، جۇلىيا بىسۋوز قەلەمگە ئالغان. ئۇ ماقالىدە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قاباھەتكە ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇنىڭ يەنە دۇنيادا 2-قېتىم يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيە ئاھالىسى ئوسمان تۇرسۇن: خىتاي ساقچىلىرى مېنى جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلاۋاتىدۇ

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  31-ماي

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئوسمان تۇرسۇننىڭ بۈگۈن رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، خوتەندىكى خىتاي ساقچىلىرى ئىككى ئايدىن بېرى ئۇنى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خوتەندە لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئوغلىنى ئۆزىگە تېلېفون قىلدۇرۇپ، خىتايغا ھەمكارلىشىشقا چاقىرتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ، ئەگەر ماسلاشمىسا خوتەندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نابۇت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

تەپسىلاتى...

قاراقاشتا بالىسىنى مىسىردا ئوقۇتقانلار بىلەن قوشنىسىدا ئوقۇتقانلار ئوخشاشلا 5 يىل 6 ئايلىقتىن كېسىلگەن

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  12-ماي

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۇرچى يېزىسىدا بالىسىنى ئۆز مەھەللىسىدىكى ئاتالمىش «يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ» كە بىر كۈن بەرگىنى ئۈچۈن 5 يىل ئالتە ئايلىق كېسىلگەن دىنىي زات ئابدۇخەبەر ئەخمەت ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىشىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ قوشنىسى ئابدۇللېتىپ ئابدۇراخماننىڭ بىر ئوغلىنى مىسىردا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن ئوخشاشلا 5 يىل 6 ئايلىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇرچىدىكى مەزكۇر «يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ» نى ئاچقان ئەركىن تۇرسۇنمۇ 5 يىل 6 ئايلىق كېسىلگەن. بۇ ئۇچۇرلار قاراقاشتىكى بۇ ھۆكۈملەرنىڭ سوت ھۆكۈمى ئەمەس، بەلكى سىياسىي ھۆججەتكە ئاساسەن چىقىرىلغان زاكاز ھۆكۈملەر ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىمەكتە.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» ھەققىدە مۇھاكىمە (3)

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  12-ماي

ساراھ كۇك ۋە لۇئىزا گرېۋ: «ساقچى دۆلىتى ئۇيغۇرلارغا قانداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ؟»

ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون مەركىزىدە 4-ماي كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەردىن ۋاشىنگتوندىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ خادىمى ساراھ كۇك نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد مەسىلىلىرىنىڭ «ساقچى دۆلىتى» بەرپا قىلىش بىلەن قانداق يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

تەپسىلاتى...

ئىككى بالىنىڭ دادىسى ئابدۇغاپپار ئابدۇجاپپار «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ھاياتىدىن ئايرىلغان

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  10-ئاپرىل

ئاشكارىلىنىشىچە غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي يېزا ئىككىنچى كەنت ئەزاسى، 34 ياشلىق ئاشپەز ئابدۇغاپپار ئابدۇجاپپار ئۆتكەن يىلى 6‏-ئايدا غۇلجا شەھەرلىك مالىيە مەكتىپىدە تەسىس قىلىنغان «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئابدۇغاپپار بۇ يەردە 6 ئايچە قامالغاندىن كېيىن سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان ۋە ئۇ يەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ باياندايدىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئۆلگەنلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەس ئىكەن.

تەپسىلاتى...

يوپۇرغىدا 17 ياشلىق ياقۇپجان ناماننىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى  13-مارت

يوپۇرغا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە يوپۇرغا ساقچىلىرى يەكشەنبەبازار يېزىسىدىكى ھۈنەرۋەن نامان قارىغا ئۇنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» دىكى 17 ياشلىق ئوغلىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. نامان قارى ئوغلىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى سوراشقىمۇ ئامالسىز قالغان ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا مېيىتنى يەرلىككە قويغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا ۋەقەنىڭ بۇنىڭدىن 10 كۈن ئاۋۋال يۈز بەرگەنلىكى، ئۆلگۈچىنىڭ يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبەبازار يېزا 12‏-كەنتتىكى 17ياشلىق ياقۇپجان نامان ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

تەپسىلاتى...

50 ياشلىق دىنىي زات ئەخمەتجان ھەيدەر تۈرمىدىن چىقىپ 4 ئايدىن كېيىن جان ئۈزگەن

ر ف ئا خەۋىرى
2018 – يىلى 21– يانۋار

قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ھاراپ يېزىسىدىكى دىنىي زات ئەخمەتجان ھەيدەر 2012‏-يىلى يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ ئېچىش بىلەن ئەيىپلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە كېسىلگەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئارىدىن 4 ئاي ئۆتكەندە ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگەن قەشقەر چاسا باشقارمىسىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى، ئەخمەتجان ھەيدەرنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ۋە تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىگە ئۆزىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئەخمەتجان ھەيدەرنىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى بىلەن تۇتۇلغانلىقى ۋە تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىگە ئۆزىنىڭمۇ قېتىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. قەشقەر چاسا باشقارمىسىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى يەنە ئەينى چاغدا ئەخمەتجان تەربىيەلىگەن 16 ئۆسمۈرنىڭ جازالانمىغانلىقىنى، بۇنىڭغا شۇ يىلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇ يىلقىدەك دەرىجىدە قاتتىق ئەمەسلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تەپسىلاتى...